تىبونگولو ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئارال دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكچىلىكگە قارشى ئۇرۇشى

 

تىبونگولو ئۇرۇشى

  

   تىبونگولو ئۇرۇشى ياۋا خەلقىنىڭ تىبونگولونىڭ رەھبەرلىكىدە گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي قوزغىلىڭىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ قوزغىلاڭ يەنە ياۋا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   1816- يىلى گوللاندىيە ھىندونېزىيىگە قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن زورمۇزور تېرىشىش ۋە تەمىنلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، زورمۇزور تۈرلۈك باج-سېلىقلارنى ئېلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنتايىن مۈشكۈل ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى يەرلىك بەگلىكلەرنى بەگلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ يەرلەرنى چەت ئەللىك ئېكىنزار ئىگىلىرىگە ئىجارىگە بېرىشنى مەنئى قىلىپ، تېخى قەرەلى توشمىغان ئىجارە بېرىش-ئېلىش ھۆجەتتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقتىن، نۇرغۇن فېئوداللارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. تىبونگولو ھىندونېزىيە سۇلتانىنىڭ شاھزادىسى ئىدى. ئۇ، گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئۆزىنى تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، ۋە گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، قايتىدىن فېئودال ئىسلام پادىشاھلىقى قۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. ئۇنىڭ ئىلكىدىكى دېكالېزو گوللاندىيىگە قارشى كەيپىياتتىكى نۇرغۇن ئىسلام ئۆلىمالىرى دائىم يىغىلىشىپ تۇرىدىغان جاي ئىدى. 1825- يىلى 7- ئايدا گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى تىبونگولونى قولغا ئېلىش غەرىزىدە بىر باھانە تېپىپ، ئۇنىڭ قورۇسىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ قورشىۋالدى. بۇ ئىش قوزغىلاڭنىڭ پارتىلىشىغا تۇترۇق بولدى.
   1825- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى دۈشمەننىڭ قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىققان تىبونگولو رىرو ئەتراپىدىكى سىرالان دېگەن جايغا كېلىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇ ھۆججەت تارقىتىپ، خەلقىنى يات دىندىكى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن غازاتقا ئاتلىنىشقا چاقىردى. ھەر قايسى جايلاردىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان، قول ھۆنەرۋەن ۋە بىر قىسىم فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، ئاخۇنلار بەس-بەس بىلەن قوزغىلاڭغا قاتناشتى ياكى نۇرغۇن جوڭگۇ مۇھاجىرلىرىمۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلىدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇب قىلدى ھەمدە مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنىڭ لاگېرى رىرونى قورشاۋغا ئېلىپ ياردەمگە كەلگەن دۈشمەن قوشۇنلرىنىڭ ھۇجۇمىنى يوقاتتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ، 1825- يىلى 10 ئايدا تىبونگولو دېگسودا فېئوداللىق ئىسلام پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى ياۋا سۇلتانى دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قوشۇنلىرىنى رەتكە سېلىپ ۋە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ، خىل قوراللانغان مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىغا پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق تاقابىل تۇردى. ئېغىر چىقىمدار بولغان گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنى جېنىنى ساقلاپ قىلىش ھەلەكچىلىكىدە ھالىدىن كېتىپ، رىرو، جۈنلو قاتارلىق جايلاردىكى بىر قانچە ھەربىي تايانچ پونكىتلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى كۈرەش  ياۋانىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىغا كېڭەيدى. بىراق، 1829- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى ئىستىھكام تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك جايلاردا ۋە قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئىستىھكام قۇرىدۇ ھەمدە سەييارە قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان رايونلارنىڭ دائىرسىنى بارغانسېرى تارايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇستەملىكچى دائىرلەر ئالداپ تەسلىم قىلىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىچىدىكى فېئوداللارنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىگە تارتتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بۇنداق پايدىسىز شارائىتتا گېلىئىر تاغلىق رايونىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى. 1830- يىلى 3- ئايدا تىبونگولو دۈشمەننىڭ دامىغا چۈشۈپ، گوللاندىيە مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنىڭ  قۇماندانى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ماگېلاڭغا باردى. تىبونگولونى تەسلىم قىلدۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەن گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي ئۇنى قولغا ئالدى-دە، 1855- يىلى ئۇ ئۆلگەنگە قەدەر ماكاساردا قاماپ قويدى. ياۋا خەلقىنىڭ ئىزچىل تۈردە بەش يىل داۋام قىلغان گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى ئاخىر مەغلۇپ بولدى.
   تىبونگولو ئۇرۇشى نەتىجىسىدە گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىدىن 15 مىڭى يوقىتىلدى. ئۇرۇش خىراجىتى ئۈچۈن دۈشمەننىڭ 20 مىليون ئىلدېر پۇلى سەرپ قىلىندى، بۇ ئۇرۇش گوللاندىيىنىڭ ھىندونوزىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى، شۇنداقلا 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئاسىيە مىللەتلىرىنىڭ ئازادلىق كۈرىشى دولقۇنىنىڭ مۇقەددىمىسى بولوپ قالدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 557 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01