ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

گرېتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مەملىكەتلىك يېڭى ھاياتقا ئېرىشىش

 

گرېتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

 

   بۇ 19- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا گرېتسىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن گرېىتسىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭى كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلىدى. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، گرېتسىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى كۈنسايىن ئېشىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوسمان ئىمپېريىسى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ كالۋالىقى ۋە چىرىكلىكى، ئىمپېرىيە ئىچىدە ئايىغى ئۈزۈلمەي كۆتۈرۈلۈۋاتقان توپىلاڭلار گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئوبدان پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
1821- يىلى 3- ئايدا مەخپى تەشكىلات «دوستلۇق ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەھبەرلىكىدە گرېتسىيىدىكى مولدوۋا خەلقى تۈركىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 4- ئايدا قوزغىلاڭ دولقۇنى پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغىچە تەسىر كۆرسەتتى. ئارقىدىن گرېتسىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ۋە ئېگەي دېڭىزىدىكى ئاراللارنى قاپلىدى. 9- ئاينىڭ 23- كۈنى قوزغىلاڭچىلار تېرىبورىچانى ئىشغال قىلىپ، پۈتكۈل پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنى كونترول قىلدى. 1822- يىلى 1- ئايدا قوزغىلاڭچىلار ئېپىدولدا تۇنجى نۆۋەتلىك مىللىي مەجلىسنى چاقىرىپ گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، مىللىي ھۆكۈمەت قۇردى. مافروكوردار گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭنى دەھشەتلىك باستۇردى. تۈركىيە ئارمىيىسى پەقەت خىئوس ئارىلىدىكى بىر قېتىملىق قىرغىندىلا 2300 گرېتسىيە ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلاپ ھەمدە 47 مىڭ كىشىنى قۇل قىلىپ سېتىۋېتىپ، دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىدا كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان چوڭ پاجىئە بولۇپ قالدى. 1822- يىلقى 6- ئايدا 30 مىڭ كىشىلىك تۈركىيە قوشۇنى پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىردى. گرېتسىيىدىكى ئارمىيە ۋە خەلق جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەننى يوقاتتى. دېڭىزدىمۇ گرېتسىيىنىڭ كىچىك تىپتىكى كېمىلىرى قىلچە قورقماستىن تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ھەربىي كېمىلىرى بىلەن جەڭ قىلدى. ھالبۇكى، ئۇزۇن ئۆتمەي گرېتسىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھى ئىچىدە بۆلۈنۈش پەيدا بولۇپ، مافروكورداد زوڭتۇڭ باشچىلىقىدىكى «ياۋرۇپا پەرەسلەر» بىلەن كوركاتلوننىس گېنېرال باشچىلىقىدىكى «دىمۇكراتىيە تەرەپتارلىرى» ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن روشەنلەشتى. 1823- يىلى ۋە 1824- يىلى ياۋرۇپاپەرەسلەر كونترۇللىقىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن دىمۇكراتىيە تەرەپدارلىرىنى قوللايدىغان پارتىزانلار ئوتتۇرىسىدا ئىككى قېتىم  ئىچكى ئۇرۇش بولدى. بۇ ھال تۈركىيىنىڭ گرېتسىيىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى باستۇرۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. 1825- يىلى 2- ئايدا مىسىر قوشۇنى تۈركىيە سۇلتانىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى ھەمدە ئىككىنچى يىلى 8- ئايدا ئافېنا شەھىرىنىمۇ ئىشغال قىلدى. 1827-يىلى 6- ئايدا دۇنياغا مەشھۇر شەھەر ئافېنامۇ تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى گەرچە نۇرغۇن شەھەرنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ، تاغ ئارىلىغا، قېلىن ئورمانلارغا، ئېگەي دېڭىزىغا چېكىنىپ بېرىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.
گرېتسىيە خەلقىنىڭ ھەقىقىي كۈرىشى ياۋرۇپادىكى كەڭ تەرەققىي پەرۋەر زاتلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. مەشھۇر شائىر بايرۇن، شېللىي، پۇشكىنلارمۇ بۇ ھەقتە ئۆچمەس شېئىرلارنى يېزىپ، گرېتسىيدىكى ئارمىيە ۋى خەلىقنىڭ قەھرىمانە كۈرىشىنى قىزغىن مەدھىيلىگەنىدى. بايرۇن گرېتسيە خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگىمۇ بىۋاستە قاتنىشىپ، مىجۇنلونكىدا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ياۋرۇپاپەرەسلەر ۋە دىمۇكراتىيە تەرەپتارلىرى بۇنداق كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا ۋاقتىنچە مۇرەسسلەشتى. 1827- يىلى گرېتسىيە 3- نۆۋەتلىك مىللىي مەجلىس چاقىرىلىپ، كابودستېرىيە زوڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى. ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى ۋە گرېتسىينىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى كۈچلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ياۋرۇپادىكى بىر قانچە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. 1827- يىلى 7- ئايدا روسىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە لوندوندا ئەھدىنامە ئىمزالاپ، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە گرېتسىيىنىڭ ئۆز ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قۇيۇشىنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە گرېتسىيىنىڭ دېڭىز تەۋەسىگە بىرلەشمە فلوت ئەۋەتىپ، ئىككى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇرلاشنى قارار قىلدى. شۇ يىلى 10- ئايدا روسىيە-ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە فلوتى ناۋارىن قولتۇقىدا تۈركىيە-مىسىر فلوتىنى يوقاتتى. تۈركىيە 1829- يىلى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئادرىئانا پول تىنچلىق شەرتنامىسىدە گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گرېتسىيىدىكى ئارمىيە ۋە خەلقمۇ دۈشمەنگە قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاخىر غەلىبىگە ئېرىشتى.
گرېتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى نەتىجىسىدە گرېتسىيە خەلقى مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىققا ئېرىشىپ، گرېتسىيە بالقان يېرىم ئارىلىدا ئەڭ بۇرۇن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دۆلەت بولۇپ قالدى ۋە بالقان رايونىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپادىكى كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىمۇ پەيدىنپەي يىمىرىلدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 606 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01