ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

فرانسىيە-روسىيە ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

گۈللىنىش خارابلىشىشقا يۈزلىنىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى

 

فرانسىيە-روسىيە ئۇرۇشى

  

   1812- يىلىدىكى فرانسىيە-روسىيە ئۇرۇشى ناپولېئوننىڭ سىرتقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئۇرۇش، شۇنداقلا دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇرۇش.
   1811- يىلى فرانسىيە 1- ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى چېكىگە يېتىپ، ناپولېئون پۈتكۈل غەربىي ياۋرۇپانىڭ خوجىسى بولۇشقا ئازلا قالدى. ئۇ ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. ئاۋىسترىيە ۋە پرۇسسىيىمۇ ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. ناپولېئون ئىمپېرىيىسىنىڭ دائىرسى شەرقكە سوزۇلۇپ، تاكى روسىيە چېگرىسىغىچە يەتتى. 1807- يىلى ناپولېئون ھەربىي جەھەتتىكى غەلىبىسىدىن پايدىلىنىپ، روسىيىنى فرانسىيىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا قىستىدى. ئېنىقكى، بۇ روسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىدى. شۇڭا، روسىيە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ناپولېئوننىڭ كىڭەيمىچىلىكىنى چەكلىدى. شۇنداق قىلىپ فرانسىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. 1811- يىلى روسىيە يەنە فرانسىيىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولغان يېڭى باج قانۇنىنى يولغا قويدى. ناپولېئون پەيدىنپەي شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتىكى، روسىيە ئۇنىڭ ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش يولىدىكى ئېغىر پۇتلىكاشاڭ ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، روسىيىنى مەغلۇپ قىلىش، ئاندىن  يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قارارىغا كەلدى.
   ناپولېئون روسىيىگە قارشى ئۇرۇش جەريانىدا زۆرۈر بولغان ئىستىراتېگىيە جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1812- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى جەڭ ئېلان قىلمايلا 500 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ، تۆت يولغا بۆلۈنۈپ، نىمان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، روسىيىگە بېسىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى. فرانسىيە قوشۇنلىرى ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا كوۋنۇنى ئالدى، ئاندىن شىددەت بىلەن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەپ كېتىۋەردى. 8- ئاينىڭ 17- كۈنى موسكۋاغا بارىدىغان ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم تۈگۈن سۋېرلوۋسكنى قولغا كەلتۈرىدۇ، چار پاىدىشاھ ئالېكساندېر 1 ئەنە شۇنداق خەۋپلىك جىددىي پەيىتتە نۇرغۇن ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن پىشقەدەم سەركەردە كوتوزوۋنى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلىدى. 9- ئاينىڭ 7- كۈنى 120 مىڭ كىشىلىك روسىيە ئارمىيىسى موسكىۋانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بورودىنودا 130 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىدى. ھەر ئىككى تەرەپتە قاتتىق يېڭىش-يېڭىلىش ئەھۋاللىرى تەكرارلىنىپ ئۆلگەنلەر ۋە يارىدار بولغانلار بەك كۆپ بولدى. ناپولېئوننىڭ قۇماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى تۇنجى قېتىم ئوقۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، شۇنىڭدىن كېيىن كوتزوۋ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ جانلىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە موسكىۋادىن ۋاز كېچىپ، باتۇرلۇق بىلەن چېكىنىش، پۇختا مۇداپىئە كۆرۈش ئىستىراتېگىيىلىك تەدبىرىنى قوللاندى. 9- ئاينىڭ 14- كۈنى فرانسىيە قوشۇنى قۇرۇق شەھەر موسكۋانى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئوت قويدى، تالان-تاراج قىلدى. فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئوت قويۇش تالان-تاراج قىلىشتەك ياۋايىلارچە قىلمىشلىرىدىن غەزەپلەنگەن روسىيە خەلقى ھەر قايسى جايلاردا پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىغا تۇشمۇ تۇشتىن ھۇجۇم قىلىپ، مۇنتىزىم قوشۇنغا ماسلىشىپ جەڭ قىلدى. ناپولېئون بۇ روسىيە بىلەن سۈلھى قىلماقچى بولدى. بىراق، ئالېكساندېر 1 ناپولېئوننىڭ سۈلھى قىلىش تەلىپىگە پىسەنت قىلمىدى. فرانسىيە قوشۇنى موسكۋادا ئالتە ھەپتە ھايال بولۇپ قالدى، بۇ چاغدا ئوزۇق-تۈلۈك، يەم-خەشەكمۇ، ھەربىي تەمىناتمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەھرىتان سوغۇق بولغانلىقى، ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە قوشۇنى ئېغىر مۈشكۈلات ئىچىدە قالغانىدى. ناپولېئون يەككە-يېگانە ئىچكىرىلەپ كىرگەن فرانسىيە قوشۇنىنىڭ قاتمۇ قات مۇھاسىرىدە قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش ئېتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قوشۇنغا چېكىنىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. فرانسىيە قوشۇنلىرى چېكىنىش داۋامىدا يول بويى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋە پارتىزانلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇردى. ئاچارچىلىق ۋە قەھرىتان سوغۇق دەستىدىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر قىرىلىپ كەتتى. موسكۋادىن ئايرىلغان چاغدىكى 110 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە قوشۇنىدىن 1812- يىلى 12- ئايدا نىمان دەرياسىدىن ئۆتكەندە پەقەت 20 مىڭلا ئادەم قالغانىدى. ناپولېئون ئۆزىچە يېۋڭىۋاشتىن قوشۇن تەشكىللەيمەن، دەپ ئۆزى يالغۇز چانىغا ئولتۇرۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ پارژغا قايتىپ بېرىۋالدى. فرانسىيە-روسىيە ئۇرۇشى يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى فرانسىيە قوشۇنىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
   فرانسىيە قوشۇنىنىڭ روسىيىگە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ناپولېئون قوشۇنى «يېڭىلمەس قوشۇن» دېگەن رىۋايەتكە خاتىمە بەردى، ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناپولېئون ئىمپېرىيىسى ھالاكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. روسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش يولىدىكى قوغدىنىش ئۇرۇشى بولۇپ، روسىيىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. شۇ قېتىمقى ۋەتەن ئۇرۇشىغا دائىر خاتىرە بۇيۇملىرى روسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تا بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 692 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01