ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىسپانىيە قارمىقىدىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

20 مىليون خەلقنىڭ غەلىبىسى

 

ئىسپانىيە قارمىقىدىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

  

   بۇ 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىسى تەۋەسىدىكى خەلقنىڭ مۇستەملىكچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيىگە قاراشلىق پۈتكۈل مۇستەملىكە رايونلىرىغا تارالغان بولۇپ، 20 مىليون نوپۇسقا چېتىلىدۇ. شۇ دەۋردىكى برازىلىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق ئېلىپ بېرىلغان ھايتى ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن تۇتۇشۇپ داغدۇغىلىق لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈردى. شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدا زور تەسىرگە ئىگە بىر قېتىملىق بۇرژۇئا ئىنقىلابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   كۈنسايىن خارابلاشقان ئىسپانىيە 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىن ئېتىبارەن بىر قاتار ياۋرۇپا ئۇرۇشلىرىغا چېتىلىپ خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغاچقا، مۇستەملىكلەرگە قاراتقان ئىقتىسادىي ئېلىسپالاتاسىيىنى جىددىيلەشتۈردى. بۇ ھال مۇستەملىكلەردىكى خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمران دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئاشۇرۇپ باردى. لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ مۇستەملىكە خەلقى ھۆكۈمران دۆلەتلەرنىڭ سودا مونوپوللۇقىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي چەكلىمىلەردىن بارغانسېرى غەزەپلەندى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى، ھايتى ئىنقىلابىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكە خەلقى ئۈچۈن ئۈلگە بولدى. 1808- يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى مادرىدنى ئىشغال قىلىپ ئىسپانىيە پادىشاھىنى تەختنى بوشىتىشقا مەجبۇر قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكلەردىكى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى فرانسىيىگە قارشى تۇرغۇچىلار ۋە فرانسىيە پەرەسلەردىن ئىبارەت ئىكى مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئىككى مەزھەپنىڭ بىر-بىرىنى چەتكە قېقىشى نەتىجىسىدە مۇستەملىكلەرنى بيۇكرات ئاپپارات كۈنسايىن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. 1810- يىلى فرانسىيە قوشۇنلىرى ئىسپانىيە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مۇستەملىكە خەلقى بەس-بەس بىلەن قولىغا قورال ئېلىپ ئىسيان كۆتۈردى. بىر مەيدان داغدۇغىلىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تېز سۈرئەتتە قانات يېيىپ كەتتى.
   مىكسىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى مەركىزى رايونى ئىدى. 1810- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى مېكسىكىدىكى دولورس بازىرىدا پوپ ئىدارگېنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئادەم سانى كۆپىيىپ 80 مىڭغا يەتكەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مېكسىكا شەھىرىگە قىستاپ كەلدى. ۋەھالەنكى، 1811- يىلنىڭ بېشىدىكى گۋادلاخارا ھەل قىلغۇچ جېڭىدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنى تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىدارگې بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، مەردلەرچە قۇربان بولدى. مېكسىكا خەلقى بۇ قوزغىلاڭنىڭ داھيسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنى «مېكسىكا مۇستەقىللىق ئاتىسى» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇ ئالدى بىلەن مۈشكۈلاتقا ئۇچرىغان 9- ئاينىڭ 16- كۈنىنى مېكسىكىنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مېكسىكىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان مورولېس مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى رەھبىرى بولۇپ قالدى. بۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە مېكسىكىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كونترول قىلدى ھەمدە 1813- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى مېكسىكىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. بىراق، بوربۇن سۇلالىسىنىڭ ئىسپانىيىدە تىرىلىشىگە ئەگىشىپ، مۇستەملىكچىلەر ئارمىيىسى ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. 1815- يىلى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. مورولېسمۇ باتۇرلارچە قۇربان بولدى.  1820- يىلى ئىسپانىيىدە ئىنقىلاپ پارتىلىدى، مېكسىكىدىكى ئوفىتسېر ئىتوۋېرد بۇ پۇرسەتتە قوشۇن باشلاپ مېكسىكا شەھىرىگە كىرىپ، مېكسىكىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە 1822- يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالدى. بىراق، 10- ئايغا بارمايلا بۇ ۋەتەن ئوغرىسى تەختتىن غۇلاپ چۈشتى. 1824- يىلى مېكسىكا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. مېكسىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرمۇ 1821- يىلى ئىسپانىيىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 1823- يىلى يېڭى ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى- ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمە ئۆلكىسى قۇرۇلدى. 1838- يىلى بۇ جۇمھۇرىيەت گۋاتېمالا، سالۋادور، نىكاراگۇئا، ھوندۇراس ۋە كوستارىكالارغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
   جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسىمى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر مەركىزى رايونى بولدى. 1810- يىلى مىلاندا ۋېنېسۇئېلادا ئىنقىلابى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىسپانىيىگە قارشى ئۇرۇشنى قانات يايدۇردى. ئىككىنچى يىلى دۆلەت مەجلىسى چاقىرىلىپ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ماقۇللىنىپ، ۋېنسۇئېلا 1- جۇمھۇرىيىتىى قۇرۇلدى. 1812- يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى كاراكاستا قاتتىق يەر تەۋرىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قوزغاپ كاراكاسنى ئىشغال قىلدى. مىلاندا ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ قۇربان بولدى. بولىۋار مىلاندانىڭ ئىزىنى بېسىپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ داھىيسى بولدى. 1813- يىلى ئۇ قوشۇننى باشلاپ كاراكاسقا بېسىپ كىردى. ئىككىنچى يىلى ۋېنسۇئېلا 2- جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بولىۋار «ئازاد قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ۋە جۇمھۇرىيەت باشلىقى بولدى. 1814- يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىلەر قوشۇنى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، رابوتا جېڭىدە بولىۋار قوشۇنلىرىنى يېڭىپ، كاراكاسنى قايتا ئىشغال قىلدى. 1815- يىلى 2- جۇمھۇرىيەت ھالاك قىلىندى. 1816- يىلى چەت ئەلگە قېچىپ بارغان بولىۋار ھايتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زور كۈچى بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا قوشۇننى قايتىدىن رەتكە سېلىپ  ۋېنسۇئېلانىڭ شەرقىي قىسىمىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئىسپانىيە قوشۇنلىرىغا قاقشاتقۇچ  زەربە بەردى. 1818- يىلى بولىۋار يەنە ۋېنسۇئېلا ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. 1819- يىلى 6- ئايدا بولىۋار 1500 كىشىلىك بىر قوشۇننى باشلاپ ئادەم ئايىغى باسمىغان ئىپتىدائىي ئورمانلار ۋە تىك ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، كولۇمبېيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. بوگوتا ئەتراپىدىكى بوئاكا دەرياسى بويىدىكى جەڭدە ئىسپانىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى.
   شۇ يىلى 12- ئايدا ۋېنسۇئېلا ۋە يېڭى گىرېندانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كولۇمبىېيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بولىۋار جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي قۇماندانى ۋە زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى. بولىۋارنىڭ قىسىملىرى يەنە ئۈچ يىل قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ۋېنسۇئېلا ۋە ئېكۋاتور قاتارلىق جايلارغا بېكىنىۋالغان ئىسپانىيىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى بىتچىت قىلدى. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلار پۈتۈنلەي ئازاد بولدى.
   جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئۈچىنچى مەركىزى رايونى بولدى. 1810- يىلى بۇئېنۇس ئايرىستا ئامما نامايىش كۆتۈرۈپ ، ئىسپانىيە تەيىنلىگەن باش ۋالىينى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇردى. ئەتراپتىكى ئۆلكىلەرمۇ بەس-بەس بىلەن ئاۋاز قوشتى. 1816- يىلى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى تۇكۇماندا يىغىن ئاچتى. يىغىن لاپلاتا بىرلەشمە ئۆلكىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئىسپانىيىدىن تامامەن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى  رەسمىي جاكارلىدى. ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن  ساينت مارتىن 1817- يىلى 5000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جاپالىق سەپەر قىلىپ دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ئاندىس تاغلىرىنىڭ خەتەرلىك ئۆتكەللىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ئەڭ ئۇلۇغ بىر مۆجىزىنى ياراتتى. ئاقىدىنلا ساينت مارتىن قوشۇنى كۈتۈلمىگەندە چىلىدىكى ئىسپانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ دۈشمەننى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلدى. 1818- يىلى چىلىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلاندى. 1821- يىلى ساينت مارتىن قۇماندانلىقىدىكى يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى پېرۇ خەلقىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا لىمانى ئازاد قىلدى، پېرۇنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلاندى. ساينت مارتىنغا «دۆلەت قورۇقچى بېگى» نامى بېرىلدى. 1822- يىلى 7- ئايدا ساينت مارتىن گۇاياكېلدا بولىۋار بىلەن ئۇچرىشىپ، پېرۇنى ئازاد قىلىش ئىسپانىيە قارمىقىدىكى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تامامەن مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ساينت مارتىن پېرۇ ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. بولىۋار 1824- يىلى 8- ئايدا قوشۇنلىرىغا قۇماندانلىق قىلىپ، فۇنىن تۈزلەڭلىكىدىكى ئىسپانىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. 1825- يىلى ئۈستۈن پېرۇنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلىنىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. بولىۋارنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دۆلەت نامى بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. 1826- يىلى 1- ئايدا ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تايانچ پونكىتى كاللائونى ساقلاپ ياتقان قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي تەسلىم بولدى-دە، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكلەر پۈتۈنلەي ئازاد بولدى.
   بۇ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى چېتىلىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى، ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى، ئۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن دۇنيا مۇستەملىكە ئىنقىلابى ھەرىكىتى تارىخىدا مىسلىسىز ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 300 يىل داۋاملاشقان فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى. ھەر قايسى مۇستەملىكلەر سىياسىي مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لاتىن ئامېرىكسىدا مېكسىكا قاتارلىق 15 مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، دۇنيا مۇستەملىكە سىستېمىسىنى زىل زىلىگە سالدى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 670 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01