ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئاسانتى ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

مۇستەقىللىق ئۈچۈن 100 يىل قەيسىرانە كۈرەش قىلىش

 

ئاسانتى ئۇرۇشى

  

   ئاسانتى ئەسلىدە غەربىي ئافرىقىدىكى كىچىك بىر گانا ئاكانلار ئېلى بولۇپ، 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قوشنا قەبىلىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىپ، گانانىڭ پۈتكۈل ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنى كونترول قىلغان ۋە غەربىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ كۈچلۈك ھەربىي دۆلەت بولۇپ قالغانىدى. بۇ ھال تەبىئىيكى ئەنگلىيىنىڭ غەربىي ئافرىقا ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا كېڭىيىش يولىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالدى. شۇڭا، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى تۈرلۈك چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ، دېڭىز ياقىسىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ فانتى بىلەن ئاسانتىنىڭ مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق سالدى. 1805- يىلى ئاسانتىلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەن ئىككى نەپەر قەبىلە ئاقساقىلى فانىتى ئىلىگە پاناھلىنىش ئۈچۈن قېچىپ باردى. فانىتى ئېلى ئەنگىلىيىنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن ئاسانتىنىڭ بۇ ئىككى خائىننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسانتى ئۇرۇشى پارتىلىدى. 1806- يىلى ئانسانتى قوشۇنى دېڭىز بويىدا فانتى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى مەغلۇپ قىلدى، ئەنگلىيە قوشۇنى ئوتتۇرىغا چىقىپ قوراللىق مۇداپىئە قىلىۋىدى، نەتىجىدە ئانسانتى قوشۇنى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، ئاق بايراق چىقىرىپ سۈلھى قىلىشقا، فانتىنىڭ ئانسانتى ئىتتىپاقىغا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1824- يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ باش ۋالىيسى ماككارتى قوشۇن باشلاپ كېلىپ ئاسانتىغا ھۇجۇم قىلدى. ئىككى تەرەپ بانساسودا قاتتىق جەڭ قىلدى. جەڭدە ئەنگلىيە قوشۇنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ھەمدە ماك كارنى يارىدار بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. 1862- يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى زور بىر تۈركۈم فانتىلارنى مەجبۇرلاپ، كاتىمانسۇدا قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭگە سالدى. نەتىجىدە ئانسانتى قوشۇنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ بولدى. 1831- يىلى ئەنگلىيە ئانسانتى بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتى. بۇ شەرتنامىدە ئاسانتىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى بەزى كىچىك ئەللەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقى، ئەنگلىيىنىڭ ئاسانتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسانتى ئىتتىپاقى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.
   18- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن كېيىن ئەنگلىيە غەربىي ئافرىقىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى 1873- يىلى ئەتىيازدا جايلاردىن 4000 دىن ئارتۇق ئادەم توپلاپ ئاسانتىنى بويسۇندۇرۇشقا ھازىرلاندى. دەسلەپتە ئىككى تەرەپ دېڭىز بويلىرىدا شىددەتلىك جەڭ قىلدى. كېيىن ئانسانتى قوشۇنى ئارىسىغا چېچەك كېسىلى ۋە تولغاق كېسىلى تارقىلىپ جەڭگىۋارلىقى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، پايتەخت كۇماسىغا چېكىنىپ باردى ۋە ئەنگلىيە قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمدار قىلىۋەتكەندىن كېيىن بارلىق كۇماسى ئاھالىسى بىلەن بىللە پايتەختتىن چېكىنىپ چىقتى. ئەنگلىيە قوشۇنىمۇ راسا تالان-تاراج قىلغاندىن كېيىن دېڭىز بويىغا قايتىپ باردى. ئەنگلىيە شۇ يىلى 3- ئايدا ئانسانتى مۈشكۈل شارائىتتا تۇرۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئانسانتىنى دېڭىز بويىدىكى بىر قانچە ئەلگە  بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى، 50 مىڭ ئانىس ئالتۇن تۆلىشى بەلگىلەنگەن فۇمىننا تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. ئىككى يىلدىن كېيىن ئاسانتى پەيدىنپەي كۈچىيىپ، دېڭىز بويىدىكى قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى، ۋە تۆلەم تۆلەشنى توختاتتى. 1895- يىلى ئەنگلىيە ئاسانتىغا ئەنگلىيىنىڭ قوغدىشىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت يولسىز تەلەپنى قويدى. ئانسانتى بۇ تەلەپنى قەتئىي رەت قىلدى. ئىككىنچى يىلى 1- ئايدا نەچچە مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كۇماسىنى ئىشغال قىلدى. ئانسانتى پادىشاھىنى ئەسىر ئالدى. 8- ئايدا ئانسانتى ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ جاكارلىدى. 1900- يىلى 3- ئايدا ئەنگلىيە باش ۋالىيسى ئانسانتى ئاقساقاللىرىنىڭ مىللىي ئىرادە ۋە دۆلەت نوپۇزىنىڭ ئوبرازى بولغان ئاسانتىنىڭ دۆلەت گۆھىرى «ئالتۇن ئورۇندۇق» نى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، سەۋرى-تاقىتى تاشقان ئاسانتىلار ئەنگلىيىگە قارشى ئومۇمىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئەنگلىيە قوشۇنى بېسىپ ياتقان كۇماسىنى ئۈچ ئاي قورشاۋغا ئالدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلگەندىن كېيىن قوزغىلاڭنى باستۇردى-دە، ئانسانتى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. 1902- يىلى ئانسانتى ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن ئالتۇن قىرغاق مۇستەملىكلىرى قاتارىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى.
   100 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئانسانتى خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى كۈرىشى ئارقىلىق ئافرىقا خەلقىنىڭ مۇستەملىكچىلىككە ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇپ مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداشتەك قەھرىمانلىق داستانى يېزىپ چىقىلدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 434 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01