ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ھايتى ئىنقىلابى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

نېگرلار جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

 

ھايتى ئىنقىلابى

  

   ھايتى ئىنقىلابى ھايتى خەلقىنىڭ مۇستەملىكچىلكەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قۇللۇق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش  ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   ھايتى كارپ دېڭىزىدىكى ھايتى ئارىلىنىڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەسلىدە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكسى ئىدى. 1697- يىلى فرانسىيە بۇ يەردە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقاندىن كېيىن، ئافرىقىدىن زور تۈركۈمدە نېگىر قۇللارنى ئېلىپ كېلىپ، قۇللارنى دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېكىنزارلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى. نېگىر قۇللار شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ۋە فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى كۈرەشنى ئارىلاش قانلىقلار (شالغۇتلار) ۋە نېگىرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈزش كۈرىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇردى.
   1791- يىلى 8- ئايدا ھايتىدىكى نېگىر قۇللار بىلەن ئارىلاش قانلىقلار، ھۆر نېگىرلار بىرلىكتە زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈردى. كۈرەش جەرياندا مەيدانغا كەلگەن نېگىرلارنىڭ مەشھۇر داھىيسى دۇسان لوۋېردۇر قۇماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە مۇستەملىكچى قوشۇنلىرىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەغلۇپ قىلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئادەم سانىمۇ دەسلەپكى 600 كىشىدىن تېز سۈرئەتتە ئۇلغىيىپ 4000 كىشىگە يەتتى. قوزغىلاڭچىلار جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ قوراللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق  1801- يىلى 1- ئايدا سان-دومېنگۇ شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ ، پۈتۈن ئارالنى بىرلىككە كەلتۈردى ھەمدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورناتتى. 7- ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى چىقىرىپ تۇنجى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلدى. ھايتىنىڭ ئۆزىنى ئۆى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ مەڭگۈلۈك بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. دۇساننى ئۆمۈرلۈك كونسۇل «ھۆكۈمدار» قىلىپ سايلىدى. بۇ لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەملىكە كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىشى، شۇنداقلا لاتىن ئامېرىكىسىدا قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان تۇنجى ئىنقىلاپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، فرانسىيە چوڭ بۇرژۇئازلىرى ھايتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ھەرگىزمۇ رۇخسەت قىلمايتتى. ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ناپولېئون ھايتىنى يېڭىۋاشتىن بويسۇندۇرۇش ھەمدە بۇ يەرنى بازا قىلىپ، فرانسىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا ئىمپېريىسىنى بەرپا قىلىش غەرىزىدە سىڭلىسىنىڭ ئېرى لې كلايېرنى 30 مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇن بىلەن 50 نەچچە ئۇرۇش كېمىسىنى باشلاپ ھايتىغا ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى دۇساننىڭ قۇماندانلىقىدا پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ، جانلىق ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئوقۇشسىزلىققا ئۇچراتتى. ئۇرۇش مەيدانىدا غەلىبە قىلمىقى تەسكە توختىغان لې كلايېر «تىنچلىق سۆھبىتى» ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ، دۇساننى تىنچلىق سۆھبىتى يىغىنىغا ئالداپ يۈرۈپ قاتناشتۇردى. ئاندىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي ئۇنى قولغا ئېلىپ، فرانسىيىگە يالاپ ئاپاردى. 1803- يىل 4- ئاينىڭ 27- كۈنى بۇ نېگىر قەھرىمان دۈشمەننىڭ تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىرى نەتىجىسىدە فرانسىيە تۈرمىسىدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى.
   مۇستەملىكچىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە ھىيلىسى پەقەت ھايتى خەلقىنىڭ تېخىمۇ قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى قوزغاش رولىنى ئوينىدى خالاس. كەڭ نېگىر قۇللار دۇساننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستى كىرىسوف ۋە دېسارىننىڭ رەھبەرلىكىدە داۋاملىق جەڭ قىلىپ، فرانسىيە قوشۇنىدىن 35 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى، ۋە يارىدار قىلدى. لې كلايېرمۇ سېرىق قىزىتما كېسىلى بىلەن ئۆلدى. 1803- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى دېسارىننىڭ قۇماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىستىھكامى فودېئارىسنى ئىشغال قىلدى. ئۇرۇش قىلىۋېرىشكە مادارى قالمىغان فرانسىيە قوشۇنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى. 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ھايتى مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى. ئىككىنچى يىلى 1- ئايدا مۇستەقىل يېڭى دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى ھەمدە ئىندىئان تىلىدىكى «ھايتى» (تاغ كۆپ جاي دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزنى دۆلەت نامى قىلىپ قوللاندى.
   ھايتى ئىنقىلابى لاتىن ئامېرىكىسىدا تۇنجى مۇستەقىل نېگىرلار جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەملىكە تۈزۈمى ۋە قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يىمىرىلىشى ئۈچۈن بىرىنچى ماتەم قوڭغىرىقىنى چالدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 523 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01