ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

كاپىرلار ئۇرۇشى(19-ئەسىر)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

مۇستەملىكچىلىككە قارشى تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش

 

كاپىرلار ئۇرۇشى

  

   كاپىرلار ئۇرۇشى گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كاپ تۇمشۇقى ئەتراپىدا كوسالارغا قاراتقان مۇستەملىكچىلىك ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. يۈز يىلچە داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش يەنە كاپ چېگرا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   17- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا گوللاندىيە مۇستەملىكچى كۈچلىرى جەنۇبىي ئافرىقىغا بېسىپ كىرىپ، ئۈمىد تۇمشۇقى مۇستەملىكسىنى (كاپ مۇستەملىكسىنى) بەرپا قىلدى. 18- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغا كەلگەندە مۇستەملىكچى بورۋېللار تەسىر دائىرسىنى بانتۇ كوسالىرى ئولتۇراقلاشقان فېئىس دەرياسى ئەتراپلىرىغىچە كېڭەيتتى. 1775- يىلى بورۋېللار فېئىس بۇرۇنلا ئۆتۈپ ياشاپ كېلىۋاتقان كوسالارنى دەريانىڭ شەرقىگە ھەيدىۋەتمەكچى بولۇپ، يولسىزلىق بىلەن فېئىس دەرياسىنى چېگرا ياسىلى دەپ جاكارلايدۇ. بورۋېللار ئاقىدىنلا قورال كۈچى ئارقىلىق يايلاقلارنى بېسىۋېلىپ، چارۋىلارنى تارتىۋالدى. كوسالارمۇ جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. 1779- يىلى زور بىر تۈركۈم كوسالار فېئىسھ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دەريانىڭ غەربىدىكى بورۋېل مۇستەملىكچىلىرىگە قايتۇرما زەربە بەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغا قەدەر بورۋېل مۇستەملىكچىلىرى بىلەن كوسالار ئوتتۇرىسىدا يۈز يىل داۋام قىلغان تالان-تاراج قىلىش بىلەن تالان-تاراج قىلىشقا قارشى تۇرۇش، تاجاۋۇز قىلىش بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش بويىچە توققۇز قېتىملىق ئۇرۇش بولدى. بورۋېللار كوسالارنى كەمسىتىپ كاپىرلار (غەيرى دىندىكىلەر دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن تارىختا بۇ ئۇرۇشلار كاپىرلار ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.
   ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇش ئاساسەن بورۋېللار بىلەن كوسالارنىڭ ئۇرۇشى بولدى. 1779- يىلى بىرنچى قېتىملىق كاپىرلار ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە كوسالار بورۋېللارغا يېڭىلىپ، فېئىس دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ھەمدە 5000 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋىسىنى تاتقۇزۇپ قويدى. 1793- يىلى بورۋېللار كوسالار ئولتۇراقلاشقان رايوننى تارتىۋېلىپ، ئۆزلىرىگە يايلاق قىلىۋېلىش ئۈچۈن فېئىس دەرياسىدىن ئۆتكەندە كوسالارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرىدى. بۇ چاغدا گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ كۈچى خارابلىشىشقا يۈزلەنگەن بولغاچقا، بورۋېللار تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشۈپ، كوسالارنىڭ فېئىس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى چۇرفرد ئەتراپلىرىدا ماكانلىشىشىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. 1799- يىلدىن 1801- يىلىغىچە داۋاملاشقان 3- قېتىملىق كاپىرلار ئۇرۇشى جەرياندا كوسالار يەنە بىر تارماق يەرلىك كوسالارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بورۋېللارنىڭ شەرقكە كېڭىيىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چەكلىدى. كوسالار قەيسەرلىك بىللەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، بورۋېل مۇستەملىكچىلىرى يېقىنقى 40 يىلى ئىچىدە فېئىس دەريادسىدىن بىر قەدەممۇ نېرى ئۆتەلمىدى-دە، كېڭەيمىچىلىكنى شىمالغا بۇراشقا مەجبۇر بولدى.
   1806- يىلى ئەنگلىيە گوللاندىيىنىڭ قولىدىن مۇستەملىكە رايونى كاپنى تارتىۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كوسالار بىلەن ئالتا قېتىم كاپىرلار ئۇرۇشى قىلدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ زۇلىمىغا چىدىمىغان كوسالار 1811- يىلى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. ئەمما، ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇپ بولدى. 20 مىڭ كوسا ئاھالىسى چۇرفېرد ئەتراپىدىن قوغلىنىپ، دەريانىڭ شەرقىگە كۆچۈپ باردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى كۆپ قېتىم كوسالار چېگرىدا «قالايمىقانلچىلىق تۇغدۇردى»، چارۋىلارنى «ئوغرىلىدى» دېگەن باھانىدە ئۇرۇش قوزغاپ، چېگرىسىنى ئۈزلۈكسىز شەرقكە سۈردى. 5- قېتىملىق كاپىرلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە كوسالارنىڭ ئاقساقىلى ئېندېرلەنبى 10 مىڭ كوسانى باشلاپ، دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل مۇستەملىكە يېرى كاپقا ئاتلىنىپ، مۇھىم بازار گرېيمۇسنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يېقىنقى زامانغا خاس خىل قوراللارغا ئىگە ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى-دە، چېگرا شەرقكە سۈرۈلۈپ كاسكاما دەرياسىغىچە يۆتكەلدى. 6- قېتىملىق كاپىرلار ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، قەبىلە ئاقساقىلى ماكومۇ يۇرت-ماكانىدىن مەھرۇم بولغان 12 مىڭ كوسانى باشلاپ كاپقا بېسىپ كىردى. 1846- يىلىدىن 1847- يىلىغىچە بولغان 7- قېتىملىق كاپىرلار ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى كوسالارنىڭ زېمىنىنى يەنىمۇ كۆپ قورشىۋالدى. 8- قېتىملىق كاپىرلار ئۇرۇشى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش جەريانىدا كوسالاردىن باشقا، بانتۇلارنىڭ باشقا ئۇرۇقلىرىمۇ ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشتى. ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ ئەسكىرى كۈچى چېچىلىپ كەتكەچكە، كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. ئەنگلىيىگە قارشى كۈچ بارغانسىېرى ئۇلغايدى، ئۇرۇش چوڭ كايىس دەرياسى بويىدىن فېئوس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى كەڭ رايۇنلارغىچە كېڭەيدى. كېيىن ئەنگلىيە ئارمىيىسى نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ ھەمدە بورۋېل قوراللىق كۈچىنى تەشكىللەپ، شۇنداقلا ئافرىقىلىقىلارنىڭ ئىچكى زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى تەستە غەلىبە قىلدى ۋە چېگرىنى شەرقكە سۈرۈپ، باس دەرياسىغىچە سوزىدى. كوسالار ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇشسىزلىققا ئۇچراۋەرگەچكە، ئۇرۇشتىن كېيىن ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئەرۋاھىدىن ۋە پېرخونلۇقتىن مەدەت تىلىدى، نەتىجىدە خاتالىشىپ چارۋا ۋە زىرائەتلىرىنى نابۇت قىلىپ، ئۆزىگە پاجىئەلىك بالايىئاپەت تېپىۋالدى. 1871- يىلدىن 1879- يىلىغىچە كوسالار ئۆزلىرىنىڭ يەر زېمىنىنى ۋە ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كاپىرلار ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئەمما، دۈشمەننىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق زور بولغاچقا، ئاخىر مەغلۇپ بولدى. ئەنگلىيە مۇستەمىلىكچىلىرى ئۇلارنى قورالسىزلاندۇردى. كاپىرلار ئۇرۇشى شۇنداق قىلىپ كوسالارنىڭ يەر-زېمىنى پۈتۈنلەي بېسىۋېلىنىشتەك نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. كاپ مۇستەملىكسىنىڭ دائىرسى زور دەرىجىدە شەرقكە كېڭەيتىلدى. كوسالار جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسىمىدىكى پوندولانغا قوغلىۋېتىلدى.
   كوسالارنىڭ مۇستەملىكچىلىككە قارشى تىز پۈكمەي قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان كۈچى ئەنگلىيە بورۋېل مۇستەملىكچىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت تەلۋىلەرچە پىلانىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ مۇستەملىكچىلىككە كۈرەش تارىخىدا تىللاردا داستان بولغۇدەك سەھىپە ئاچتى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 2365 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01