ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پۇگاچېۋ قوزغىلىڭى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

پېتېر Ⅲ نىڭ نامى بىلەن

 

پۇگاچېۋ قوزغىلىڭى

 

   پۇگاچېۋ قوزغىلىڭى روسىيە تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى.
   18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلغاندىن كېيىن فېئوداللارنىڭ زۇلمى ۋە ئېكىسپالاتاسىيىسى كۈنسايىن ئېغىرلاشقاچقا، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۈزۈلمەي پارتلاپ تۇردى. 1762- يىلى تەختكە چىققان ئايال پادىشاھ يېكاتېرىننا Ⅱ مۇ «بارلىق يانچىلارنىڭ ھەممىسى قوزغىلىپ ئىسيان كۆتۈرىدۇ» غانلىقىنى ئالدىن تۇيۇپ يەتكەنىدى. شۇڭا، ئۇ بىر خىل «تەرەققىيپەرۋەر دىكتاتۇرا» ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، 1773- يىلى يەنلا بىر مەيدان ھەيۋەتلىك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى.
   قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى پۇگاچېۋ ئىلگىرى ھەربىيلىككە قوبۇل قىلىنىپ، يەتتە يىل ئۇرۇشقا قاتناشقان ، ئاجايىپ ھەربىي قوماندانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە كازاك ئىدى. ئۇ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن «سەرگەردان كازاك» بولۇپ يۈرۈش جەريانىدا خەلقنىڭ دەردىنى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنىدى. شۇ چاغدا دون دەرياسى ئەتراپلىرىدا چار پادىشاھ پېتېر Ⅲ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرمۇ، پېتېر Ⅲ ئۆلتۈرۈلمەپتۇ، كازاكلار ئارىسىدا يۇشۇرنۇپتۇ، دېگەندەك ئېغۋالارمۇ تارىلىپ يۈرگەنىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پېتېر Ⅲ 1762- يىلىلا ئۆلگەنىدى. پۇگاچېۋ كازاكلارنىڭ بىرەر «ياخشى چار پادىشاھ» قا ئېرىشىش ئارزۇسىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ساختا پېتېر Ⅲ بولۇۋېلىش قارارىغا كەلدى. 1773- يىلى 9- ئايدا پۇگاچېۋ 80 نەپەر كازاكنى باشلاپ يېكختوركاچوۋ قوۋرۇقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى. پۇگاچېۋ پېتېر Ⅲ نىڭ نامىدا يانچىلارنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنى، نوپۇس بېجىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى، يەر، ئورمان، يايلاق ۋە كۆل قاتارلىقلارنىڭ نامرات دېھقانلارغا ھەقسىز بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، كەڭ يانچىلارنىڭ ۋە بىر قىسىم لەشكەرلەرنىڭ، كان ئىشچىلىرىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى. كازاكلاردىن باشقا رۇس، باشقىرىت، تاتار ۋە مارلي قاتارلىق خەلقلەرمۇ بەس-بەس بىلەن پۇگاچېۋنىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلاندى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى پۇگاچېۋ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ ئورېنبورگنى قورشىغاندا ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئۇلغىيىپ 30 مىڭ كىشىدىن ئاشتى. 86 زەمبىرەككە ئىگە بولدى. ھەمدە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپپاراتلىرىنى تەقلىد قىلىپ ھەربىي كومىسىيە تەسىس قىلدى. روسىيىنىڭ غەربىي جەنۇب چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە مۇھىم قورغىنى سۈپىتىدىكى ئورىنبورگنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك قىممىتى ئىنتايىن زور ئىدى. يىكاتېرىننا بىر قانچە قېتىم ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتكەن بولسىمۇ، پۈتۈنلەي قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. 1774- يىل 3- ئايدا ئايال پادىشاھ زور قوشۇن توپلاپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنى تۇرۇشلۇق تاۋىيوف قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جان تىكىپ ئېلىشىپ  كېنەز گولتسېن باشچىلىقىدىكى چار پادىشاھ قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمدار قىلدى. بىراق، ئۆزىنىڭمۇ يېرىمدىن ئارتۇقراق ئادىمى چىقىم بولدى. 5- ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن جەڭدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئورىنبورگ مۇھاسىرسىدىن كېچىپ، قازانغا ھۇجۇم قىلدى. 6- ئايدا قازاننى ئىشغال قىلىپ ۋولگا دەرياسى قىرغىقىدىكى رايونلارغا ئىچكىرىلەپ كىردى. شۇ ئەتراپتىكى دېھقانلار قوزغىلاڭغا پائال تۈردە ئاۋاز قوشتى.  پومېشىچىك ئاقسۆڭەكلەر موسكۋا ۋە پېتېربورگلارغا قېچىپ كەتتى. 8- ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن ساراتوۋنى ئىشغال قىلىپ، سارېستىننى مۇھاسىرگە ئالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قوزغىلاڭچى قوشۇن سارنىكوۋدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى يايلاق رايونغا يۆتكەلدى. 1774- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى خائىننىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن پۇگاچېۋ قولغا ئېلىندى ۋە 1775- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى موسكۋادا ئۆلتۈرۈلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قالدۇق قىسىمى كۈرەشنى شۇ يىلى 8- ئايغا قەدەر قەتئىي داۋاملاشتۇردى.
   بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ كۆلىمىنىڭ زورلىقى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەشكىللەش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىيلىكى ۋە ئۈزۈل-كېسىللىكى بىلەن روسىيە تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەقە بولدى. بۇ قوزغىلاڭ فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپىغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ، روسىيە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 570 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01