ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

مىسور ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيىگە قارشى كۈچلۈك بىر
 قوشۇنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى

 

مىسور ئۇرۇشى

  

   مىسور ئۇرۇشى 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مىسور بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   مىسور ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى كۈچلۈك بىر بەگلىك بولۇپ، ھەيدەر ئەلىي سۇلتان ۋە دىپور سۇلتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بەگلىك دەرىجىدە گۈللەنگەنىدى. سۇلتان تۆۋەن قاتلام پۇقرالاردىن تەشكىللەنگەن كۈچلۈك بىر ئارمىيىگە ئىگە ئىدى ھەمدە دىپلوماتىيە جەھەتتە فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەنگلىيە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. شۇڭا پۈتكۈل ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇشقا ئالدىراپ كەتكەن ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى مىسورنى يۇشۇرۇن ئاپەت دەپ قارايتتى. 1767- يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى مىسورغا قوپاللىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 32 يىل داۋاملاشقان مىسور ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتتى. دەسلەپتە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى نۇرغۇن رايونلارنى ئىشغال قىلغانىدى، بىراق، ھەيدەر ئەلى قۇماندانلىقىدىكى مىسور قوشۇنى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمدار قىلىپ، قولدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى ھەمدە مادراس ئەتراپىغا كىرىپ، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. 1769- يىلى ئىككى تەرەپ مادراس تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان زېمىنىدىن ۋاز كەچتى. مىسور كېيىن ماراتا بىلەن ۋە ھەيدىرابا بەگلىكى بىلەن ئەنگىلىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا بىر قانچە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زەربە بەردى، 1782- يىلىنىڭ ئاخىرى ھەيدەر ئەلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى. ئوغلى دىپور ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق تۈردە ئەنگىلىيىگە قارشى تۇردى. كۈرەش داۋامىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلغان چاغلىرىمۇ، مەغلۇپ بولغان چاغلىرىمۇ بولدى. 1783- يىلى مىسور قوشۇنى ئەنگلىيە ئارمىيىسىى بېسىپ ياتقان مانگالورنى قورشىۋالدى. ئەنگلىيە ئىككىنچى يىلى مىسور بىلەن مانگالور تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنىنى ۋە ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشتى. 1790- يىلى ئەنگلىيە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى. دىپور سۇلتانىنىڭ قوشۇنى قارشىلىق كۆرسىتىپ بېقىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دىپور ھاقارەتلىك شەرتنامىنى ئىمزالاپ. زېمىنىنى بۆلۈپ بېرىشكە ۋە تۆلەم پۇلى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن دىپور سۇلتان غەيرەت بىلەن دۆلەتنى تۈزەپ ئىچكى سىياسىتىنى يېڭىلاپ، قوشۇننى تولۇقلاپ، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى. ئەنگلىيە فرانسىينىڭ ھىندىستاندا ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇستەملىكە رىقابىتىنى يەنە جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاۋۋال قول سېلىش قارارىغا كېلىپ ئالتە تۈركۈم قوشۇنىنى مىسور چېگرىسىغا توپلىدى. 1799- يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى دىپور سۇلتانىنىڭ ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان «قوشۇمچە پۇل شەرتنامىسى» نى قوبۇل قىلماي رەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، مىسورغا زور كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى. خائىننىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئەنگلىيە قوشۇنلىرى توختىماي ئىلگىرىلەپ بېسىپ كىردى، دىپور سۇلتان قوشۇنلىرىنى باشلاپ پايتەخت سىرىنگاپاتاندا ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىر جەڭگاھتا قۇربان بولدى، مىسور ئاخىر ئەنگلىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى.
   شۇنىڭدىن كېيىن مىسور زېمىنى ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى، ئەنگلىيە بىر يەرلىك بەگنىڭ پۇشتىنى بۇ مۇستەملىكسىنىڭ قورچاق پادىشاھى قىلىپ يۆلەپ تۇرغۇزدى. جەنۇبىي ھىندىستان ئەنگلىيىگە قارشى ئەڭ قەيسەر كۈچىدىن ئايرىلدى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى پۇت-قولىنى بوشىتىپ، كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈچلۈك رەقىبى ماراتخاغا تاقابىل تۇردى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 415 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01