ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

يەتتە يىللىق ئۇرۇش

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ خوجايىنلىقنى تالىشىش ئۇرۇشى

 

يەتتە يىللىق ئۇرۇش

  

   بۇ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۈتۈن ياۋرۇپا مىقياسىدىكى ئومۇمىي توقۇنۇش، شۇنداقلا 18- ئەسىردىكى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكە تالىشىش ۋە دېڭىز ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش يولىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   18- ئەسىر ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ياۋروپاغا ۋە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش دەۋرى بولدى. گەرچە ئىسپانىيە تەخت ۋارىسلىقى ئۇرۇشىدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيە رىقابەتتە كۈنسايىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا فرانسىيە ئەنگىلىيىنىڭ قولىدىن دېڭىز ھۆكۈمرانلىقىنى تارتىۋېلىش قەدىمىنى جىددىيلەشتۈردى. شىمالىي ئامېرىكا ۋە ھىندىستانلاردىمۇ ئىزچىل تۈردە جەڭ ئېلان قىلماي ئۇرۇش قىلىپ كەلدى. يەتتە يىللىق ئۇرۇش دەل ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش كۈچ سىنىشىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولدى. ئاۋىسترىيە تەخت ۋارىسلىقى ئۇرۇشىدىن كېيىن باي سىتسىلىيىگە ئېرىشكەن پرۇسسىيە كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. ئاۋىسترىيە ھاقارەتلىك ئۆتمۈشىگە تەن بېرىپ بەل قويۇۋەتمىدى. مارىيە سىتسىلىيە ئۇزاققا بارمايلا  «ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ» ، «بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر كۆڭلىكىمنى سېتىۋەتسەممۇ مەيلى» دەپ جار سالدى. شۇنىڭ بلەن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سىتسىلىيىگە ۋە گېرمانىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. 1756- يىلى ئاۋىسترىيە سىتسىلىيىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن پروسسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقىنى جىددىيلەشتۈردى. كۈتۈلمىگەن يەردىن شۇ يىلى 8- ئايدا پرۇسسىيە چاققان چىقىپ، جەڭ ئېلان قىلمايلا ھۇجۇمغا ئۆتتى.
   ئۇرۇش پارتىلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە، روسىيە، شىۋېتسىيە، ساكسونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاۋىسترىيە تەرەپتە تۇردى. ئەنگلىيە، ھاننوۋېر، پورتۇگالىيەلەر بولسا پرۇسسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ بىر لاگېر بولدى. ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز كۆڭلىدە چوت سوقماقتا ئىدى. روسىيە پرۇسسىسيىنىڭ شەرقكە تاجاۋۇز قىلىشىنى ھەمدە تەسىر دائىرسىنى روسىيە زېمىنىغىچە كېڭەيتىشىنى توسۇش خىيالىدا ئىدى. فرانسىيە ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئاتا مىراس زېمىنى ھاننوۋېرنى ئىشغال قىلىش، ئۆزىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ۋە ھىندىستانلاردىكى مۇتەملىكىسىنى قوغداش غەرىزىدە ئىدى. ئاۋىسترىيە سىتسىلىيىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇناتتى. شىۋېتسىيە پروسسىيىدىكى پومېراسىينى تارتىۋالماقچىدى. ئەنگلىيە فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكلىرىنى تارتىۋالماقچى، دېڭىز ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچىدى. پروسسىيە سىتسىلىيىنى ساقلاپ قالماستىن ، ساكسونىيىنىمۇ ئىگىلىۋالماقچىدى. يەتتە يىللىق ئۇرۇشنىڭ جەڭ مەيدانى ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ئافرىقا قىتئەلىرى ۋە ھىندىستان قاتارلىق كەڭ رايۇنلارغا چېتىلاتتى.
   بۇ ئۇرۇش دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسەن ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدا ئېلپ بېرىلدى. پرۇسسىيە پادىشاھى فردىرىخ Ⅱ پروسسىيىگە قارشى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرى ۋە خاتالىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەينى-كەينىدىن غەلىبە قىلدى. ئاۋۋال 1756- يىلى ساكسونىيىدە ئاۋىسترىيە قوشۇنىنى يېڭىپ، ساكسونىينى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئاندىن كېيىن 1757- يىلى 11- ئايدا بوئېننىڭ شەرقىدىكى روسباھتا فرانسىيە-ئاۋىسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق تارمار قىلدى. 12- ئايدا يەنە لوئىتون ئومۇمىي جېڭىدە ئاۋىسترىيە قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئامېرىكا ۋە ھىندىستاندىكى جەڭ مەيدانلىرىدا بەزىدە ئۇ تەرەپ،، بەزىدە بۇ تەرەپ غەلىبە قىلىپ، يېڭىلگەن-يېڭىلمىگەنلىكى ئايرىلمىدى. 1759- يىلدىن ئېتىبارەن ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى پروسسىيىگە قارشى دۆلەتلەر ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئەسكەر مەنبەسى تۈگىگەن پرۇسىيىنى كەينى-كەينىدىن مەغلۇنىيەتكە ئۇچراتتى. 1759- يىلى روسىيە-ئاۋىسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى فرانكفورتنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى كوناسدوۋدا پرۇسسىيە قوشۇنلىرىنى ئېغىر چىقىمدار قىلدى، 48 مىڭ كىشىلىك پرۇسسىيە قوشۇنلىرىدىن پەقەت 3000 كىشىلا قالدى. شۇ يىلى ئەنگلىيە قوشۇنى جىپورۇن قولتۇقىدا زور تۈركۈم  دىكى فرانسىيە قوشۇنىنى يوقاتتى. 1760- يىلى روسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بېرلىننى ئىشغال قىلىدى. پرۇسسىيە خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. بىراق، 1762- يىلى روسىيە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، پرۇسسىيە ئۆزىنى قايتىدىن ئوڭشىۋېلىپ ئاۋىسترىيە قوشۇنلىرىنى سىتسىلىيە ۋە ساكسونىيىدىن قوغلاپ چىقاردى. 1763- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋىسترىيە ۋە ساكسونىيە  «ھابوسبۇرگ تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. شۇنداقلا ئەنگىلىيىمۇ ئامېرىكا قىتئەسى، ھىندىستان ۋە ئافرىقا جەڭ مەيدانلىرىدا كۆرۈنەرلىك غەلىبىگە ئېرىشتى. ئەنگلىيە قوشۇنى ئامېرىكا قىتئەسىدە 1759- يىلى كۋېبېكنى ئىشغال قىلدى ھەمدە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدا فرانسىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە ئارمىيىسنى  تارمار قىلدى. 1757- يىلى ھىندىستاندىكى پلاسسى جېڭىدە فرانسىيە قوللىغان بېنگالنىڭ ناۋاپ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. 1761- يىلى فرانسىيە ھىندىستاندا پەقەت بىر قانچە سودا نۇقتىلىرىنىلا ساقلاپ قالدى. غەربىي ئافرىقىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى سېنجاردىكى گورېي ئارىلىنى ئىشغال قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئەنگلىيە فرانسىيىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتتى، فرانىسىيە بولسا مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇشقا مادارى يەتمەي، سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن 1763- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئەنگلىيە، پورتۇگالىيە ۋە فرانسىيە، ئىسپانىيە پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى-دە، ياۋرۇپا سىرتىدىكى ئۇرۇشمۇ ئاخىرلاشتى.
   يەتتە يىللىق ئۇرۇش ياۋروپانىڭ تارىخى تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. فرانسىيە زور كۆلەمدىكى مۇستەملىكىسىدىن ۋە دېڭىزدىكى ئۈستۈنلۈكىدىن مەھرۇم قالدى. فرانسىيىنىڭ 30 يىللىق ئۇرۇشتىن بۇيانقى ياۋرۇپادىكى خوجايىنلىق ئورنىغا خاتىمە بېرىلدى. ئەنگلىيە «دېڭىز خوجايىنى» لىق تەختىگە چىقىپ، زور مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى. پروسسىيە گەرچە ئۇرۇشتا ئېغىر زىيان تارتقان بولسىمۇ، غۇلاپ چۈشمەي، بەلكى سىتسىلىيىنى ساقلاپ قالدى ھەمدە كۈنسايىن قەد كۆتۈرۈپ، كېيىنكى كۈنلەردە گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت ھازىرلىدى، رۇسىيىنىڭ كۈچى ئېشىپ ياۋرۇپا ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا باشلىدى. ئاۋىسترىيە ئۇرۇشتا كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 551 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01