ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىسپانىيىنىڭ تەخت ۋارىسلىقى ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقنى تالىشىش يولىدىكى
تۇنجى توقۇنۇش

 

ئىسپانىيىنىڭ تەخت ۋارىسلىقى ئۇرۇشى

    

   18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن ئىسپانىيە تەخت ۋارىسلىقى ئۇرۇشى يېقىنقى زامان دۇنيا تارىخىدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ سودا ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە سىياسىي ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش يولىدىكى تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش كۆرۈنۈشتە ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختنى تالىشىش ئۇرۇشىدەك قىلىسىمۇ، ماھىيەتتە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش بويىچە تۇنجى قېتىملىق توقۇنۇش ئىدى.
   16- ئەسىردە ئىسپانىيە ياۋروپادىكى بىر مەھەل راسا گۈللەنگەن مۇستەملىكچى ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى. مۇستەملىكە دائىرسىنى كېڭەيتىش دولقۇنى جەريانىدا ئىسپانىيىگە تەۋە زېمىن ۋە يەر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يەر-زېمىندىن ئېشىپ كەتكەنىدى. ياۋروپادا ئىتالىيىنىڭ كۆپ قىسىمى ۋە نېدېرلاندىيە، پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىدە كەڭ دائىرىلىك بىر قانچە يەر، ئافرىقا قىتئەسى قاتارلىق جايلاردىمۇ بىرمۇنچە مۇھىم جايلار ئىسپانىيىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەنىدى. بىراق، 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىبارەت ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيىلەرنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن ئىسپانىيە كۈنسايىن خارابلاشتى. بۇ دۆلەتنىڭ باي ۋە كەڭ مۇستەملىكە يەرلىرى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتتى. 1700- يىلى ھابۇسبورگ جەمەتىدىن چىققان ئەۋلادسىز ئىسپانىيە پادىشاھى چارلىز Ⅱ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسپانىيىنىڭ تەخت ۋارىسلىق مەسىلىسى جىددىي بىر گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوردىسىدىكىلكەر ئۇزاقتىن بۇيان بىر-بىرى بىلەن قۇدىلىشىپ كەلگەنىدى. چارلىز Ⅱ بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان تەخت ۋارىسى نامزاتلىرىنىڭ ھەممىسى يات دۆلەتلەرنىڭ ئوردا-ھەرەملىرىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە پادىشاھنىڭ ئىلكىدىكى زور مىراسنى (ئىسپانىيىدىكى زېمىن، كەڭ مۇستەملىكلەردىكى زېمىن ۋە ئىسپانىيىگە قاراشلىق يەرلەردىن تەركىب تاپقان مىراسنى) ئۆتكۈزۈۋېلىش ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كەسكىنلىك بىلەن تالىشىدىغان نىشانى بولۇپ قالدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىش ياۋروپادا كىمنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئىگە بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان خېلى مۇھىم ئامىل ئىدى. رىچارت Ⅱ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان ۋەسىيىتىدە تەختى فرانسىيە پادىشاھى لوئى ⅩⅣ نىڭ نەۋرىسى، ئانژۇ كېنەزى فېللىپگە قالدۇرغان. بىراق، فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنى قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنىدى. تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئاۋىستىريە پادىشاھى لىئوپولد Ⅰ ئۆز ئوغلى كېنەز چارلىزنى ئىسپانىيىگە تەخت ۋارىسى قىلىش غەرىزىدە ئىدى. 1701- يىلىنىڭ بېشىدا فېللىپ ئىسپانىيىگە كېلىپ، ئىسپانىيە پادىشاھى فېللىپ Ⅴ دەپ جاكارلاندى ھەمدە فېللىپنىڭ فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئالاھىدە يارلىق ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىندى. فرانسىينىڭ ياۋرۇپاغا يالغۇز خوجا بولۇۋېلىشىغا چىداپ تۇرالمىغان ئەنگلىيە گوللاندىيە بىلەن بىرگە فرانسىيگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى ۋە ئاۋىستىرىيىدىكى كېنەز چارلىزنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىنى قوللىدى. شۇ يىلى 3- ئايدا ئۇرۇش پارتىلىدى.  پرۇسسىيە، گېرمانىيىدىكى كېنەزلەر پورتۇگالىيە ۋە ساۋۇيىيەلەرمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قارشى ئىتتىپاققا كىردى. ئىسپانىيە، باۋارىيە، كيولىنلەر بولسا فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى.
   ئۇرۇش ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدى. ياۋرۇپا جەڭ مەيدانى ئاساسەن ئىتالىيا، نېدېرلاندىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە ئىدى. دەسلىپىدە فرانسىيە كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. 1710- يىلىدىن كېيىن ھەربىي جەھەتتە ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. 1711- يىلى ئاۋىستىرىيىدىكى كېنەز چارلىز ئاكىسى ۋاپات بولغاچقا ئاۋىستىرىيە پادىشاھىنىڭ تەختىگە ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئىسپانىينىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىش تەلىپىنى قوللىماس بولدى. گوللاندىيىمۇ كېنەز چارلىزنىڭ كۈچى بەك زورىيىپ كەتسە ئۆزىگە پايدىسىز بولىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ قالغاچقا، ئۇرۇشتىن رايى قايتىپ، يارىشىشقا تەرەددۇتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى جەڭ مەيدانىدىمۇ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنىدى. ئىككى تەرەپ گوللاندىيىدىكى ئورېختتا تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، فىللىپىننىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئىسپانىيە تەخت ۋارىسلىق ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.
   ئىسپانىيە تەخت ۋارىسلىق ئۇرۇشى 18- ئەسىردىكى كۈچلۈك ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ كۈچ نىسبىتىنىڭ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ئۇرۇش نەتىجىسىدە فرانسىيە بوربۇن پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ۋە فىللىپىندىكى مۇستەملىكلىرى ئېتىراپ قىلىندى. بىراق، فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى. ئىسپانىينىڭ ياۋروپادىكى بىپايان تەۋەلىك يەرلىرىنى بۆلۈشۈۋېلىش 18- ئەسىردىكى ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ چېگرىسىنى ئايرىشنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى ھەمدە فرانسىينىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى زور كۆلەمدىكى مۇستەملىكىسىنى ئەنگىلىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش شەرت ئىكەنلىكى بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ، فرانسىيە گەرچە ياۋروپادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، دېڭىزدىكى كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئەنگلىيىنىڭ دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە مۇستەملىكىلىك كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئەنگلىيە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جەبىلتارىق ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ھۇدزون قولتۇقى ئەتراپىدىكى يەرلەرگە، شۇنداقلا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكلىرىنى نېگىر قۇللار بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى مۇنوپوللۇق ھوقۇقىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئەنگلىيە ياۋرۇپاغا ۋە دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى جەريانىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 548 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01