ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

شىمال ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

«غەربىي ياۋرۇپاغا كۆزنەك ئېچىش»

 

شىمال ئۇرۇشى

  

   شىمال ئۇرۇشى 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيە بالتىق دېڭىزىغا چىقىدىغان پورتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۋېتسىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش.
   1689- يىلى پېتېر Ⅰ روسىيە ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، غەربكە تەقلىت قىلىپ بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، روسىيىنى كۈنسايىن ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىنقىلارنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن،قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىنمۇ يانماي پورتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. «روسىيىگە سۇ دائىرسى كېرەك» دېگەن سۆز پېتېر Ⅰ نىڭ دەستۇرى بولۇپ قالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا روسىيىدىن غەربىي ياۋرۇپاغا بارىدىغان ئاساسىي دېڭىز يولىنى جەنۇبتا ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى، شىمالدا شىۋېتسىيە كونتىرول قىلىپ تۇراتتى. 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ جەنۇبتىكى قارا دېڭىز پورتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، پېتېر Ⅰ زېھنى كۈچىنى شىمالدىكى بالتىق دېڭىزىغا چىقىدىغان پورتنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈردى. ئۇ بۇ مەقسەتتە دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى. 1698- يىلى ۋە 1699- يىلى روسىيە ئىلگىرى-كېيىن پولشا، دانىيىلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، روسىيە، پولشا، دانىيىلەرنىڭ شىۋېتسىيىگە قارشى شىمال ئىتتىپاقىنى تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، روسىيە تارىخىدا تۇنجى مۇنتىزىم قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇردى. ھەربىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شىۋېتسىيىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 1700- يىل 7- ئاينىڭ 14- كۈنى روسىيە تۈركىيە بىلەن كونىستانتىنولپول تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزدى. 8- ئاينىڭ 9- كۈنى روسىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇش توختاتقاندىن كېيىن پېتېر 1- دەرھال ئۆز قوشۇنلىرىنى بالتىق دېڭىزىنىڭ بويلىرىغا يۆتكىدى. پۈتۈن تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، روسىيە 8- ئاينىڭ 30- كۈنى شىۋېتسىيىگە رەسمىي جەڭ ئېلان قىلدى. 23 يىل داۋاملاشقان شىمال ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ كەتتى.
   ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىمال تەرەپتىكى ئىتتىپاقداشلاردىن روسىيە، پولشا، دانىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەر قايسسى ئۆز ئالدىغا چوت سوقۇپ، ئىستراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ئەسكىرىي كۈچى چىچىلىپ كېتىپ، بىردەك ماسلىشالمىغاچقا، ئۇرۇشتا كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بولۇپمۇ 1700 - يىلى 11- ئايدىكى نارۋا جېڭىدە نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك روسىيە قوشۇنى شىۋېتسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق تارمار قىلىندى. بار-يوق 145 زەمبىرىكىنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن پېتېر Ⅰ- مۇناستىلاردىكى قوڭغۇراقلارنىمۇ قويماي يىغىپ، زەمبىرەك ياساپ، ئارمىيىنى يېڭىۋاشتىن قوراللاندۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇرۇش باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، روسىيىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى دانىيە بىلەن پولشا ئۇرۇشتا ئوقۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن كەينى-كەينىدىن ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقتى.
   1703- يىلى ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان روسىيە قوشۇنى بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا يەنە بىر قېتىم زور كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە نىۋا دەرياسى ئېغىزىدىكى رايۇننى ئىشغال قىلدى. پېتېر 1 پېتېر-پاۋلوۋ قورغىنى قۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كېيىنكى پېتېربورگ شەھىر ئۈچۈن ئاساس سالدى. 1713- يىلى پېتېر Ⅰ يەنە پايتەختى مۇسكۋادىن بۇ يەرگە يۆتكەلدى. 1709- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى روسىيە قوشۇنى پېتېر 1 نىڭ بىۋاستە قۇماندانلىقىدا پولتاۋا جېڭىدە شىۋېتسىيە قوشۇنىنى ئومۇمىيۈزلۈك مەغلۇپ قىلىپ، تولۇق غەلىبىگە ئېرىشىپ، پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيە ئۈستۈنلۈك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى. پولشا بىلەن دانىيە روسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتىدىن جەڭگە كىرىشتى. 1714- يىلى ۋە 1720- يىلى روسىيە قوشۇنلىرى دېڭىز ئۇرۇشلىرىدا يەنە غەلىبە قازىنىپ، شىۋېتسىيە فلوتىنى فىنلاندىيە قولتۇقىدىن قوغلاپ چىقاردى. 1721- يىلى روسىيە قوشۇنى شىۋېتسىينىڭ دېڭىز ياقىسىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ستوكگولمغا تەھدىت سالدى. 8- ئاينىڭ 30- كۈنى روسىيە بىلەن شىۋېتسىيە نىستادت تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن دەل 21 يىل داۋاملاشقان شىمال ئۇرۇشى ئاياغلاشتى.
   نىستادت تىنچلىق شەرتنامىسى روسىيىنى فىنلاندىيە قولتۇقى، رىگا قولتۇقى ۋە كارېللىنىڭ بىر قىسىمىغا، شۇنداقلا ئىستونىيە ۋە لاتىۋىيە قاتارلىق بالتىق دېڭىزىنىڭ بويلىرىدىكى كەڭ زېمىنىغا ئېرىشتۈردى. شىمال ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى نەتىجىسىدە، تارىختا ئۆتكەن چار پادىشاھلارنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن پورتقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسى ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى. روسىيە ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىدىن دېڭىزغا يانداش دۆلەتكە ئايلاندى ھەمدە كۈچلۈك ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن  ئېلىپ، كېيىنكى دەۋرلەردە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى. شىۋېتسىيە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەندى. 
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 525 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01