ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

رېنجېن يىلىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ زەپەر
مارىشىنى ياڭرىتىش

رېنجېن يىلىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى

   16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چاۋشيەن خەلقى ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋەتەن ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. بۇ ئۇرۇش 1592- يىلى (كونا كالىندار بويىچە رېنجېن يىلى) باشلانغان بولغاچقا، چاۋشيەت تارىخىدا رېنجېن ۋەتەن ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.
   16- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىدى. ياپۇنىيە ھۆكۈمرانى تويوكې كېيجى فېئودال سامۇرايلىرىغا خاس بايلىق بۇلاش، زېمىنىنى كېڭەيتىش ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، چاۋشىيەننى ئىشغال قىلىش، ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جۇڭگوغا جاۋۇز قىلىپ كىرىش غەرىزىدە بولدى.
   1592- يىلى 4- ئايدا تويوكې كېيجى ئۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئونىشى سېيچۇ، كاتو سېيچۇ قاتارلىقلارنى 200 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ۋە ۋە قۇرۇقلۇق قوشۇنلىرىغا بارش بولۇپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە ئەۋەتتى. بۇ چاغدا چاۋشيەن سىياسىي جەھەتتە چىرىكلىك ئەۋجىگە چىققان، پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى كەسكىنلەشكەن پەيتتە تۇرۇۋاتاتتى. ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى چاۋشيەننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان، ھەربىي تەييارلىقلىرى بوشاپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پيوڭياڭ، سېئول شەھەرلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلدى. ئالاقىزادە بولغان چاۋشىيەن ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى پايتەخت سېئولدىن چىقىپ يېجۇ شەھىرىگە قېچىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى. چاۋشىيەندىكى كەڭ خەلق ۋە بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر سەركەردە، لەشكەرلەر تاجاۋۇزچىلارغا باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سەركەردىسى لى شۈنچېن چاۋشىيەن دېڭىز ئارمىيىسىگە قۇماندانلىق قىلىپ، جەنۇبتىكى دېڭىز بويلىرىدا ياپونىيە فلوتىغا ئارقا-ئارقىدىن قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. چاۋشىيەن قوشۇنى ئۇرۇش جەريانىدا تۆمۈر تاختا بىلەن يېپىلغان ئۇرۇش كېمىسى- «تاشپاقا كېمە» لىرىنى ئىشقا سالدى. بۇ خىل ئۇرۇش كېمىسى ئاسانلىقچە دۈشمەن زەمبىرەكلىرىنىڭ ئوقىدا ئاسان زەخمىلەنمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك ئوت كۈچى ئورۇنلاشدۇرۇلغان ھەمدە يۈكسەك دەرىجىدە ھەرىكەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئەينى زاماندىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەڭ زور قۇدرەتكە ئىگە ئۇرۇش كېمىسى بولۇپ ھېسابلىناتتى. چاۋشىيەننىڭ دېڭىز ئۇرۇشىدىكى غەلىبىسى ياپونىيە قوشۇنلىرىنىڭ دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقتىن تەڭ ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى بىتچىت قىلىپ دۈشمەننىڭ شىمالغا ئىلگىرىلىشىنى چەكلەپ تۇردى. بۇ چاغدا جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىمۇ چاۋشىيەننىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتكەنىدى. چاۋشيەن-جۇڭگو قوشۇنلىرى قولنى قول تۇتۇشۇپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلدى. 1593- يىلى باش باھاردا ياپونىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچى تارمار قىلىنىپ، پيۇڭياڭ قايتۇرۇۋېلىندى. سېئولنى بېسىۋالغان ياپونىيە قوشۇنلىرى 4- ئايدا جەنۇبقا قاراپ قاچتى. چاۋشىيەن زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمى قايتۇرۇۋېلىندى. تويوكى كېيجى يېڭىۋاشتىن تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن كىرەكلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش غەرىزىدە «تىنچلىق سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.
   ئۈچ يىلغا سوزۇلغان بۇ تىنچلىق سۆھبىتى ئاخىر 1597- يىلىنىڭ بېشىدا بۇزۇلدى. تويوكې كېيجى يەنە 100 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، چاۋشىيەنگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. چاۋشيەن فلوتىى دەسلەپتە پۈتۈنلەي يوقىلىشقا ئازلا قالغانىدى. ئەنە شۇنداق خەۋپلىك ۋەزىيەتتە چاۋشىيە ھۆكۈمىتى بىر مەھەل ۋەزىپىدىن قالدۇرۇۋەتكەن لى شۈنچېننى قايتىدىن ئىشقا قويۇشقا مەجبۇر بولدى. لى شۈنچېن چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسىنى يېڭىۋاشتىن تەرتىپكە سالدى ھەمدە 9- ئاينىڭ 16- كۈنى مىڭلىياڭ دېڭىز بوغۇزىدا 12 كېمىدىكى 1200 سەركەردە-لەشكەرگە قۇماندانلىق قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 330 كېمىلىك زور ئىسكاراسىغا قارشى جەڭ قىلىپ، ياپونىيىنىڭ 100 دىن ئارتۇق كېمىسىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. 4000 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى يوقاتتى. بۇ ۋەقە تارىختا مىڭلىياڭدىكى زور ۋەقە دەپ ئاتالدى. 1598- يىلى مىڭ سۇڭلالىسى ھۆكۈمىتى يەنە زور مىقداردا ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتتى. چاۋشىيەن- جۇڭگو قوشۇنلىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، دېڭىز ۋو قۇرۇقلۇقتىكى جەڭلەردە ئارقا-ئارقىدىن جەڭ قىلدى. ياپۇنىيە قوشۇنلىرى بالداقمۇ بالداق مەغلۇپ بولۇپ ئارقىغا چېكىندى. شۇ يىلى 8- ئايدا تويوكې سېيجى دەرد-ئەلەمدە كېسەل تارتىپ ئۆلدى. ئۆلۈش ئالدىدا چاۋشيەندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى ۋەسىيەت قىلغانىدى. چاۋشيەن-جۇڭگو قوشۇنلىرى باتۇرلۇق بىلەن قوغلاپ زەربە بەردى. بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيىسى ياپون قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈزۈپ تاشلىدى. 11- ئاينىڭ 19- كۈنى لى شۈنچۋن قۇماندانلىقىدىكى چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسى مىڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى چېنلىن قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ ماڭغان ياپون قوشۇنلىرىغا لوڭياڭدا توسۇپ زەربە بېرىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشتى. دۈشمەننىڭ 200 دىن ئارتۇق كېمىسىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. 15 مىڭ ئەسكىرىنى يوقاتتى. چاۋشيەننىڭ مىللىي قەھرىمانى لى شۈنچېن بىلەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ پىشقەدەم سەركەردىسى دېڭ زىلۇڭ دېڭىز ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىمۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. چاۋشىيەن خەلقى ئاخىر ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
   بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ياپونيە فېئودال سامۇرايلىرىنىڭ چاۋشيەنگە ۋە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بېسىۋېلىشىدىن ئىبارەت خام خىيالى بەربات بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو چاۋشيەن خەلقلىرىنىڭ ھالاۋەتتە ۋە جاپادا ئورتاقلىشىدىغان جەڭگىۋار دوستلۇقى نامايان قىلىندى.  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 491 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01