ھام-سام تىل سىستېمىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

 

 

ھام-سام تىل سىستېمىسى

 

ھام-سام تىل سىستېمىسى ئاساسلىق ئاسىيادىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا قوللىنىلىدىغان تىل سىستېمىسى بولۇپ، ئەرەب تىلى، ئىبرانى تىلى، سومالى تىلى، خائۇسا تىلى ۋە ئامخارا تىلى قاتارلىق تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھام-سام تىل سىستېمىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان ئاھالىلەرنىڭ سانى بەش يۈز مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، 300مىلىيۇندىن ئارتۇق سۆزلەشكۈچىسى بار ئەرەب تىلى بۇ تىللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تىل ھىساپلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە غەربى ئافرىقىدا 50مىلىيۇن ئادەم ئىشلىتىدىغان خاۋسا تىلى ، شەرقى ئافرىقىدا ئېفىئوفىيەنىڭ دۆلەت تىلى ھىساپلانغان 20مىلىيۇندىن كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئامخارا تىلى، ئىفىئوپىپەدە 20 مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورومو تىلى قاتارلىقلار ئافرو-ئاسىيا تىللىرى ئىچىدىكى سۆزلەشكۈچىلىرى بىر قەدەر كۆپ تىل، مالتا ئارىلىدىكى مالتا تىلى بولسا بىردىنبىر ياۋروپاتەۋەسىدىكى ئافرو-ئاسىيا تىلى ھىساپلىنىدۇ .

 ئافرو ئاسىيا تىللىرى ئادەتتە بەش تىل گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنىدۇ، ئۇلار: سېمىت تىلى، بەربەر تىلى، قۇشت تىلى ۋە چاد تىلى گۇرۇپپىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. تۆۋەندىكىسى ئافرو-ئاسىيا تىللىرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى(خەرىتىدىكى يېشىل رەڭ سىمىت تىل ئائىلىسىنى، سېرىق رەڭ بەر بەر تىل ئائىلىسىنى، سۆسۈن رەڭ قۇشتى تىل ئائىلىسىنى، كۆكرەڭ تىل ئائىلىسىنى، قېنىق ئەپلىسىن رەڭ ئوموتىك تىل ئائىلىسىنى بىلدۈرىدۇ):

 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

  ھام-سام تىل سىستېمىسى يەنە ئافرو-ئاسىيا تىل سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاساسلىق ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا قوللىنىلىدۇ. ھام-سام تىل سىستېمىسىنىڭ نامى ‹ئىنجىل› دا رىۋايەت قىلىنغان نوھ ئەلەيھسسالامنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسمىنى مەنبە قىلغان بولۇپ،  رىۋايەت قىلىنىشىچە نوھ ئەلەيھسسالامنىڭ ئوغلى سام بولسا ئىبرانىلىقلارنىڭ ئەجدادى ، يەنە بىر ئوغلى ھام بولسا ئاسسىرىيىلىكلەر ۋە ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەجدادى ئىكەن.

 

ھام-سام تىل سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى:

1.پۈكۈلمە تىل، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن جاراڭلىق  ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشتىن باشقا يەنە بىر خىل ئۈزۈك تاۋۇش يەنى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئارقا قىسمى ۋە كېكىردەك بوشلۇقىدىن چىقىدىغان ئېغىر ئۈزۈك تاۋۇشمۇ بار. پېئىللارنى شەخس بىلەن تۈرلىگۈچى كېلىش ۋە خۇسۇسىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان ئالدى قوشۇمچىلار بار.ئافرو-ئاسىيا تىل سىستېمىسىدىكى تىللار ئۇمۇمەن ناھايىتى ئاددىي ۋە قېلىپلىق بولۇپ، سۆز يىلتىزى ئاساسەن ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن تەركىب تاپىدۇ، ئارىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە باش ئاخىرىغا ۋە گاھىدا ئوتتۇرىغا قېلىپلاشقان ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق زامان، ئىگىلىك ۋە ئىسىملار ياسىلىدۇ.

 

ئالاھىدىلىكى:

1.تاۋۇش جەھەتتىن ئۇزۇن ۋە قىسقا بولغان  a,i,uدىن ئىبارەت ئالتە تاۋۇش بار. سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، سۈزۈك، جاراڭلىق ۋە بوغۇز سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلىرىدىن ئىبارەت. بوغۇز تاۋۇشلىرىنىڭ پارتلاش ۋە پارتلىماسلىقى تاۋۇشلارنى ئاساسلىق پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمىگە ئايلانغان. ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن يېرىم سوزۇق تاۋۇش (w,y) لار قوشۇلۇپ كېلەلەيدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق، جاراڭسىز ۋە كۈچلۈك ئېيتىلىدىغان ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ، كۈچلۈك ئېيتىلىدىغان ئۈزۈك تاۋۇش بولسا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بوغۇز پارتلىغۇچى تاۋۇشىنىڭ بىللە ئېيتىلىشى ياكى بوغۇزلاشقان تاۋۇش، ئىچىدىن پارتلىغان تاۋۇشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

2.مورفولوگىيە جەھەتتىن، ئىسىم ۋە پېئىلنىڭ سۆز يىلتىزلىرى ئاساسەن پېئىلدىن ھاسىل قىلىنغان بولىدۇ. پېئىللار تۆۋەندىكى ئىككى خىل قۇرۇلمىدىن تۈزۈلىدۇ، بىرى ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن سۆز يىلتىزى ياسىلىدۇ، سوزۇق تاۋۇشلار سۆزنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئادەتتە زور كۆپ قىسىم سۆزلەرنىڭ يىلتىزى ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان سۆزلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. سۆز ياسىغۇچى ئوتتۇرا قوشۇمچىلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، يەنى سۆز يىلتىزىنىڭ ئوتتۇرىغا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىدىن بىرنى قوشۇپ يېڭى بىر مەنە ياسايدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ. ئەمما سۆز ياسىغۇچى ئارقا قوشۇمچىلار ئانچە كۆپ قوللىنىلىپ كەتمەيدۇ. ئىسىم ۋە ئالماشلار ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ خىل كېلىشتە كېلەلەيدۇ. ئىسىم، ئالماش ۋە پېئىللاردا كۆپلۈكنى ئىپادىلەش جەھەتتە، تاقنى، جۈپنى ۋە كۆپنى ئىپادىلەش شەكىللىرى قوللىنىلىدۇ.

3.گرامماتىكا جەھەتتىن، پېئىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاماملانغان ۋە تاماملانمىغان شەكىل شۇنداقلا بىر قېتىملىق شەكىل بىلەن داۋاملاشقان شەكىلدىن ئىبارەت ئۆز-ئارا قارىمۇ قارشى ئىككى خىل تىپى بولىدۇ، پېئىلنىڭ مەزگىلى ۋە دەرىجىسى تېخى يېقىنغا كەلگەندە ئاندىن ئىلگىرىلەشلەرگە ئىگە بولدى. سۆز ياسىغۇچى ئارقا قوشۇمچە ئارقىلىق ئالماشنىڭ تەۋەلىكى شۇنداقلا جۈملىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ تولدۇرغۇچى ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىنىدۇ. ناۋادا پېئىلغا سۆز ياسىغۇچى ئالدى قوشۇمچە قوشۇلسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەرىكەت ئېلىپ بارغۇچىنى ئىپادىلەيدۇ. قەدىمكى ئافرو-ئاسىيا تىللىرىدىكى ئىسىم، ئالماش ۋە پېئىللارنىڭ نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلىرى بار بولۇپ، ھازىر ئۇ خۇسۇسىيەتلەردىن گەۋدىلىك بولغان ئالاھىدىلىكى جۈملە تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئېنىقلىغۇچى بۆلەكلەر ناھايىتى كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئافرو-ئاسىيا تىللىرى قەدىمكى دەۋرگە تەۋە بولۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا ئوتتۇرا ئەسىرلەرگىچە يېتىپ كەلگەن. يېرىمىدىن كۆپرەك ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان ھالدا ھازىرقى دەۋرگىچە يېتىپ كېلەلىدى. دىنى دەستۇرلارنىڭ ئىزچىل ئوقۇلۇشى سەۋەبىدىن  ئەرەب تىلى ۋە ئىبرانى تىلى قەدىمقى ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا سومالى، ئامخار، خاۋسا قاتارلىق بارلىق ئافرو-ئاسىيا تىل تۈركۈمىدىكى تىللار ھازىرقى زامان تىلىغا تەۋە دەپ قارىلىدۇ.

 

سام تىل تارمىقى

 

 بۇ تىل تارمىقى ئاساسلىق قىلىپ ئەرەب تىلى، ئىبرانى تىلى، ئەرەمەي تىلى، مالتا تىلى ۋە ئامخارا تىلى قاتارلىق تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ تىللارنى قوللىنىدىغان ئاھالىلەرنى سانى تەخمىنەن300 مىليونغا يېتىدۇ. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا، قەدىمكى سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار يوقاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىسقىرتقانغا ئوخشايدىغان s,zتاۋۇشى ۋە چىش ئارىلىقىدىن چىقىدىغان th,h,dhتاۋۇشلىرى ئالدى. ئەرەب تىلىدىكى بوغۇز تاۋۇشلىرى بولسا ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ قالدى. ئەرەب تىلىدا مۇرەككەپ ئوتتۇرا قوشۇلغۇچى سوزۇق تاۋۇشلار سىستېمىسى ۋە ئالدى، كەينى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق يېڭى سۆز ھاسىل بولىدۇ. سام تىل تارمىقىدىكى تىللاردا قوللىنىلغان جۈملىلەردە ئېنىقلىغۇچى بۆلەكلەر : 1. يېتەكلىگۈچى ئىسىم يېتەكلەنگۈچى ئىسىمنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. يېتەكلىگۈچى ئىسىم قىسقارتىلغان شەكىلدە كەلسە، يېتەكلەنگۈچى ئىسىم مەلۇم كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىدۇ. 2. ئىككى ئىسىم ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشكە توغرا كەلگەندە، ئىسىملار مۇرەككەپ بولغان كېلىشلەر بىلەن تۈرلىنىدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئالماش ياندىشىپ كېلىدۇ. ئەرەب تىلىدا ئاز بولمىغان سۆزلۈكلەر پارس ۋە تۈرك تىللىرىدىن كەلگەن.

 

مىسىر كوپت تىل تۈركۈمى

  مىسىردا ئەڭ دەسلەپ گۈللەنگەن تىل قەدىمكى مىسىر تىلى بولۇپ، تەخمىنەن تۆت ئەسىرلەردىن كېيىن كوپت تىلى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. كوپت تىلىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن تەسۋىرىي يېزىقنىڭ ئورنىغا كوپت تىلىدىن ئىبارەت ئىخچام تىل ئىشلىتىلدى.

 

بېربېر تىل تۈركۈمى

شەرقىي بېربېر تىل تارمىقى

گۋانچ تىل تارمىقى

شىمالىي بېربېر تىل تارمىقى

تامسات تىلى

كابىل تىلى

 

 بۇ تىل تارمىقى شىمالىي ئافرىقىغا يەنى ئاساسلىق قىلىپ  ماراكەش، ئالجىرىيە، نېگىر جۇمھۇرىيىتى ۋە مالى جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئۇ ئاساسلىق  تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېربېر تىلىنى ئىشلىتىدىغان ئاھالىلەر ماراكەشتە بەش مىليون، ئالجىرىيىدە 2.5 مىليون ۋە باشقا دۆلەتلەردىن 50 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن سەككىز مىليون كىشى بېربېر تىلىنى ئىشلىتىدىكەن. بېربېر تىلىنىڭ تاۋۇش سىستېمىسىدىكى سوزۇق تاۋۇشلاردىن a,i,uقاتارلىق تاۋۇشلار تىل تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يوقاپ كەتكەن. پېئىلدىن باشقا سۆز تۈركۈملىرىدە ئىچىدىن پۈكلىنىپ سۆز ياساش قائىدىسى بويىچە يېڭى سۆز ياسىلىدۇ. ئۇندىن باشقا بېربېر تىلىدا يەنە ئەرەبچىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئالماشلار ناھايىتى كۆپ.

 

  كۇشت تىل تۈركۈمى

ئوتتۇرا كۇشت تىل تارمىقى

بىلىن تىلى

 

شەرقىي كۇشت تىل تارمىقى

ئىدام تىلى

ئورمو تىلى

ئافار تىلى

ساخو تىلى

سومالى تىلى

 

شىمالىي كۇشت تىل تارمىقى

ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تىللاردىن سومالى تىلى، گارا تىلى، ئىدام تىلى، بېجا تىلى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئاساسلىق سومالى، ئېفىئوپىيە قاتارلىق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىقى تىللارنى قوللىنىدىغان كىشىلەر تەخمىنەن ئون بەش مىليونغا يېتىدۇ. كۇشت تىلىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا، كۆپ قىسىم كۈچلۈك ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان. سام تىلىدىكى چىش ئارىلىقى تاۋۇشى كۇشت تىلىدا پارتلىغۇچى سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشقا ئۆزگىرىدۇ. پەقەت ئاز بىر قىسىم پېئىللارغىلا سۆز ئالدى ياسىغۇچى قوشۇمچىسى قوشۇلۇش ئارقىلىق تۈرلىنىدۇ. ھالبۇكى كۆپ قىسىم پېئىللار يېڭى تۈرلىنىش سىستېمىسى بويىچە تۈرلىنىدۇ. تۈپ سۆزلەرنىڭ تەكرارلىنىشى ئارقىلىق كۆپلۈك ئىپادىلىنىدۇ. ئالماش تۈركۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى سام تىلىدىكى ئالماشنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ. ئېفىئوپىيە تىلى، ئەرەب تىلى ۋە نىل-سەھرايى تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر خېلى كۆپ. سومالى تىلىدا بولسا ئەرەب ھەرپلىرى ئىشلىتىلىدۇ.

 

چاد تىل تۈركۈمى

ماندارا تىل تارمىقى

شەرقىي چاد تىل تارمىقى

ماسا تىل تارمىقى

 

غەربىي چاد تىل تارمىقى

 

خائۇسا تىلى،

سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبى قىسىملىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق خائۇسا تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. چاد تىلىنى ئىشلىتىدىغان ئاھالىنىڭ سانى تەخمىنەن 30 مىليونغا يېتىدۇ. تىل ئالاھىدىلىكى بولسا، ئىنتۇناتسىيىنىڭ سۆزلەرنى پەرق ئېتىش رولى بولىدۇ. قەدىمكى ئافرو-ئاسىيا تىلىغا سېلىشتۇرغاندا، چاد تىلىدا نۇرغۇن تاۋۇشلار يوقىلىپ كەتكەن. خېلى كۆپ قىسىم پېئىللار ياردەمچى پېئىللارنىڭ كەينىگە ئىسىمداشلارنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسالغان بولىدۇ. ئىسىملارنىڭ دەرىجە بىلەن تۈرلىنىپ، كېلىش بىلەن تۈرلىنەلمەيدۇ. ئىنىگلىزتىلى، ئەرەب تىلى، فۇلانى تلى، شەرقىي سۇدان تىلى قاتارلىق تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرمۇ خېلى كۆپ.

 

مىسىر تىل تۈركۈمى

مىسىر تىلى (يوقىلىپ كەتكەن)

 

ئامۇ تىل تۈركۈمى

شىمالىي ئامۇ تىل تارمىقى

ۋالما تىلى

جەنۇبى ئامۇ تىل تارمىقى

 

سېمىت تىل تۈركۈمى

شەرقىي سېمىت تىل تارمىقى

ئاكاد تىلى (يوقىلىپ كەتكەن)

ئوتتۇرا سېمىت تىل تارمىقى

مادىيان تىلى

قەدىمكى سۈرىيە تىلى

ئەرەب تىلى

مارتا تىلى

قەدىمكى ئىبرانى تىلى

ئىبرانى تىلى

سەمەرىيە تىلى

جەنۇبى سېمىت تىل تارمىقى

گىز تىلى

تىگرېل تىلى

تىگرېلىيە تىلى

ئامخارا تىلى

گالېر تىلى

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 840 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01