ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى (17-ئەسىر)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 3 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


دىنىي توقۇنۇشتىن زېمىن تالىشىشقىچە

 

ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى (17-ئەسىر)

 

   ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى 16- ئەسىردىن 17- ئەسىرگىچە ئىران سافار سۇلالىسى بىلەن تۈركىيە ئوسمان ئىمپېريىسىنىڭ ئىران، كوردىستان، جەنۇبىي كاۋكازىيىنى تالىشىش ۋە ياۋرۇپا-ئاسىيا قىتئەلىرى ئارىسىدىكى مۇھىم سودا تۈگۈنلىرىنى كونتىرول قىلىش يۈزسىدىن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش.

   يۈزەكى قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپ- شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننى مەزھىپىدىكى مۇخلىسلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش شەكىلىدە ئېلىپ بېرىلدى. سۈننى مەزھىپىدىكى يۇقىرى قاتلام ئاڭسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئوسمان سۇلتان ھۆكۈمىتى شىئە مەزھىپىنى «تۇيۇق يول» دەپ جاكارلىدى. شىئە مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلغان ئىران سافار سۇلالىسى بولسا تىخىمۇ تىغ ئۇرۇپ ، سۈننى مەزھىپىنى «كۇفۇرلۇق» دەپ ئەيىبلىدى. ئوسمانىيلار سۇلتانى شىرمان1 1513- يىلىدىكى ئاناتولىيە شىئە مەزھىپىدىكى مۇخلىسلارنىڭ قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، 1514- يىلى ئىرانغا قوشۇن ئەۋەتىپ ھۇجۇم  قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىران تۈركىيە ئۇرۇشى باشلاندى. 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دساۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ بايان قىلىشقا بولىدۇ.

   بىرىنچى باسقۇچتا: زەمبىرەككە ئىگە تۈركىيە قوشۇنى ئىراننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى چاردالاندا سافار سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى يېڭىپ، سافار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى تابارىستاننى ئىشغال قىلدى. ئىككىنچى يىلى تۈركىيە قوشۇنى يەنە غەلبە قازىنىپ، كوردىستان ئارمىيىسىنىڭ غەربىي قىسىمى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى، بىراق، ئۇرۇش داۋاملىشىپ، 1555- يىلغا كەلگەندە ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسىنىڭ يېڭىلىپ، قايسىسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئېنىق بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت شۇ يىلى 5- ئايدا ئاماسىيىدە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشتى، شەرتنامىدە تۈركىيىنىڭ ئىككى دەريا ۋادىسىنى ئىشغال قىلىدىغانلىقى، ئىراننىڭ ئەزەربەيجانغا ئىگە بولىدىغانلىقى، ئەرمىنىيە بىلەن گروزىيىنى بۆلىشىۋالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى.

   ئىككىنچى باسقۇچتا: تۈركىيە ئىراننىڭ  ئىچكى ۋەزىيىتى داۋالغۇپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىرانغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدى. سۇلتان قوشۇنلىرى كىرمىيىدىن يولا چىقىپ، چىلدىردا ئىران قوشۇنىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە قوشۇنلىرى ئەزەربەيجاندىكى بىر قىسىم فېئوداللار بىلەن بىرلىشىپ، تابارىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئەزەربەيجاننى ۋە ئىراننىڭ غەربىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى. 1590- يىلى سافار سۇلالىسىدىكى ئابباس 1 ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن كونتىستانتىنوپول تىچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، شەرقى گروزىيىنى، شەرقىي ئەرمىنىيىنى ۋە ئەزەربەيجاننى تۈركىيىگە بۆلۈپ بەردى.

   3- باسقۇچتا: ئابباس 1 قوشۇنلىرىنى رەتكە سېلىپ، ئگلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەركىزى ھوقۇقنى كۆچەيتىپ، سافار سۇلالىسىنى راسا گۈللەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيىنىڭ رەقىبى روسىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن مۇناسىۋەت ئورناتتى. 1603- يىلى ئابباس1 تۈركىيە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ئىران قوشۇنىغا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئىران قوشۇنى شۇ يىلى 10- ئايدا تابارىستاننى ئالدى. ئۇ رۇمىيە كۆلى ئەتراپىدا 60 مىڭ كىشىلىك ئىران قوشۇنى 100 مىڭ كىشىلىك تۈركىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. 1612- يىلى ئىككى تەرەپ تىچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىشىپ، ئىران گروزىيە، ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان ۋە كوردىستان قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالدى. گەرچە تۈركىيە 1616- يىلى قايتىدىن ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، تېزلا مەغلۇپ بولدى. 1623- يىلىدىن 1638- يىلىغىچە ئىككى تەرەپ يەنە داۋاملىق ئۇرۇشقان بولسىمۇ، تۈركىيە قوشۇنى يەنىلا ھېچقانچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 1639- يىلى ئىران بىلەن تۈركىيە تىچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى، شەرتنامىدە ئاساسىي جەھەتتىن 1612- يىلىدىكى تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ مەزمۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، پەقەت ئىراقلا ئوسمان ئىمپېريىسىگە تەۋەلەشتۈرۈپ بېرىلدى.

   ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىران ۋە تۈركىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلدى. نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئاندا-ساندا توپلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ يىمىرلىشىنى تېزلەتتى، ئىران بىلەن تۈركىيىنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، بارا-بارا ئىبلىس قولىنى شەرقكە سوزۇۋاتقان غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1167 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01