ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىتالىيە ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

«ئالتۇن دەۋر» نىڭ ئاخىرلىشىشى

 

ئىتالىيە ئۇرۇشى

 

   بۇ فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېريىسىنىڭ ئىتالىيىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان فېئوداللار ئۇرۇشى.

   15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە باياشات، ئەمما سىياسىي جەھەتتە پارچىلىنىپ كەتكەن ئىتالىيە غەربىي ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن كۈچ سىنىشىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىتالىيە مىلان، ۋېنتىسىيە، فلورېنسىيە، پاپا دۆلىتى ۋە نېئاپول قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. مىلان كىنەزى شىئانكارسونىڭ رەپىقىسى نېئاپول خان جەمەتىدىن بولغاچقا، كېنەزنىڭ تاغىسى لودوۋىك دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغىنىدا نېئاپول ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قالدى. لودوۋىك فرانسىيىنىڭ نېئاپولنى ئىشغال قىلىۋېلىشىنى قوللاش شەرتى بىلەن فرانسىيىدىن ياردەم تىلىدى، ئۇنىڭ تەلىپى فرانسىيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن كېڭەيمىچىلىك قارانىيتىگە تازا ماس كەلدى. 1494- يىلى 9- ئايدا فرانسىيىنىڭ ئىتالىيىگە ئەسكەر تارتىشى بىلەن ئىتالىيە ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

   فرانسىيە پادىشاھى چارلىز Ⅷقوشۇن تارتىپ ئالىپ تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 1495- يىلى 2- ئايدا نېئاپولنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىنلا ۋېنتىسيە، مىلان، پاپا دۆلىتى، ئىسپانىيە ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېريىسى فرانسىيىگە قارشى «ۋېنتىسيە ئىتتىپاقى» تەشكىللىدى، شۇ يىلى 7- ئايدا فورنوفدا فرانسىيە قوشۇنىنى يېڭىپ، فرانسىيىنى ۋېنتىسيىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. بىراق، فرانسىيە بۇنىڭلىق بىلەن نىيىتىدىن يانمىغانىدى. 1499- يىلى فرانسىيە ۋېنتىسيە ئىتتىپاقىنى پارچىلىۋېتىپ، يېتىم قالغان مىلاننى ئىشغال قىلدى. كېيىنكى يىلى يەنە نېئاپولنى ئىسپانىيە بىلەن ئورتاق بۆلۈشۈۋالدى. بىراق، 1504- يىلى نېئاپولنى ئىسپانىيە تارتىۋالدى-دە، نېئاپولنى ئىشغال قىلغان ئىسپانىيە بىلەن مىلاننى ئىشغال قىلغان فرانسىيە جەنۇپ بىلەن شىمالدا تىركىشىپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. 1509- يىلى فرانسىيە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كونتىرول قىلدى، ئەمما كېيىنكى يىلى يەنە ئىسپانىيە تەرىپىدىن ئىسپانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. 1513- يىلى جوفەنې ماكتىچ پاپا بولدى، مېدىچ جەمەتى پاپا دۆلىتى ۋە فىلورىنىيىنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئالدى. دەل شۇ چاغدا مارچىپافول ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى «پادىشاھلار ھەققىدە» نى نامى مەشھۇر ماكتىچ جەمەتىگە تەقدىم قىلىپ، بۇ جەمەتنى ئىتالىيە ئېغىر خەۋپ ئاسىتىدا تۇرۇۋاتقان تارىخى شارائىتتا مۇستەبىت ھۆكمرانلىقىنى يولغا قويۇپ، فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنى قوغلىۋېتىشكە دەۋەت قىلدى.

   1515- يىلى فرانسىيە پادىشاھى فرانسىس Ⅰمىلاننى يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئالدى. ئىسپانىيە پادىشاھى چارلىز Ⅰ-بولسا ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىتالىيە ھابۇسبورگ سۇلالىسى بىلەن ۋالويە سۇلالىسىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. 1525- يىلى پاۋىيىدىكى بىر جەڭدە فرانسىيە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، فرانىس 1- بولسا ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. 1527- يىلى 5- ئايدا، چارلىز قوشۇن ئەۋەتىپ رىمنى ئىشغال قىلدى. ئىشغالىيەتچى قوشۇن رىمدا بولۇشىچە ئوت قويۇپ، قىرغىن قىلدى، بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، نۇرغۇن ھەيۋەتلىق ئىمارەتلەر ۋە ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرى ئەسكەرلەرنىڭ قولىدا نابۇت بولدى، شۇڭا ئالىملار نۇرغۇن ئالىملار بۇ ۋەقەنى ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى دەپ ھېسابلايدۇ. 1529- يىلى ئىمزالانغان تىنچلىق شەرتنامىسىگە ئاساسەن، فرانسىيە ئىتالىيىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىدىن ۋاز كەچتى. فرانسىيە شۇنىڭدىن كېيىن گەرچە ئىتالىيىنى يېڭىۋاشتىن ئىشغال قىلىشقا بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئاخىر مەغلۇپ بولدى. 1559- يىلى فرانسىيىنىڭ ئىسپانىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇشى بىلەن 65 يىل داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردى. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىتالىيە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمى ھابۇسبورگ سۇلالىسىگە بۆلۈپ بېرىلدى، ئىتالىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈنۈش ھالىتى داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش جەرياندا ئىتالىيە ئاياغ-ئاستى قىلىندى، مەملىكەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى تىخىمۇ قالايمىقانلىشىپ، ئىقتىسادىي بارغانسېرى خارابلاشتى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش جەريانىدىكى رەھبەرلىك ئورنىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋرى» ئاخىرلاشتى. فرانسىيە بۇ ئۇرۇش تۈپەيلىدىن خەلىققە زۇلۇم سېلىپ، ئەلنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ چاچقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى داۋالغۇشقا قاراپ يۈزلەندى.

  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 489 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01