ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئەتىرگۈل ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 1 سۆزلۈك تەھرىرلەش


فېئودال جەمەتلەرنىڭ تەڭ يوقىلىشى

 

ئەتىرگۈل ئۇرۇشى

 

   بۇ 15- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگىلىيىدە پارتىلىغان بىر قېتىملىق فېئودال ئىچكى ئۇرۇشىدۇر.

   15- ئەسىردە ئەنگىلىيىنىڭ فېئودال زېمىن ئىقتىسادى پەيدىنپەي خارابلاشتى، چوڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەر تالان-تاراج قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا فرانسىيىگە يۈرۈش قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان 100 يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق يېڭى يەر-زېمىنغا ۋە مال-دۇنياغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. 1399- يىلى تەختكە چىققان لانكاستېر سۇلالسى بۇ بىر تۈركۈم چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سىياسىي قورالى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە 100 يىللىق ئۇرۇشتا ئەنگىلىيە قاتتىق مات بولدى. چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مۇستەبىتلىكى، دۆلەت خەزىنىسىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قېلىشى يېڭى گۈللەنگەن ئاقسۆڭەكلەر، بۇرژۇئازىيىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار ئۈمىدىنى يونكېرىس جەمەتىنىڭ تەختكە چىقىشىغا باغلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن 1455- يىلىدىن ئېتىبارەن ئەنگىلىيە پادىشاھ قەسىرىدىكى لانكاستېر جەمەتى بىلەن يورك جەمەتى باشچىلىقىدىكى ئىككى چوڭ گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش يۈزسىدىن 30 يىل داۋاملاشقان فېئوداللارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشى پارتىلىدى. لانكاستېر ئائىلىسى قىزىل ئەتىرگۈلنى، يورك جەمەتى ئاق ئەتىرگۈلنى جەمەت بەلگىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۇرۇش تارىختا «ئەتىرگۈل ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى. ئۇرۇش داۋامىدا ئاساسەن ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان شىمالىي رايۇندىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەر لانكاستېر جەمەتى تەرەپتە تۇردى، ئاساسەن ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان جەنۇبىي رايۇنلاردىكى فېئۇدال ئاقسۆڭەكلەر ۋە يېڭى گۈللەنگەن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بۇرژۇئازىيە يورك جەمەتى تەرەپتە تۇردى.

   1455- يىلى 5- ئايدا يورك كېنەزى رىچارت بىلەن لانكاستېر سۇلالىسىدىكى ھېنرى Ⅵ ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى قېتىملىق قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا رىچارت قوشۇنى غەلبە قىلدى. 1460- يىلى 7- ئايدا يورك تەرەپدارلىرى شىمالىي ئامپتون جېڭىدە غەلبە قىلدى. بىراق، شۇ يىلى 12- ئايدا ۋېنگفېرد شەھىرىدە يورك قوشۇنى مەغلۇپ بولدى، رىچارت ئۆلتۈرۈلدى. ئىككىنچى يىلى رىچارتنىڭ چوڭ ئوغلى ئېدۋارد يېڭىۋاشتىن سەپ تۈزۈپ لوندوننى ئىشغال قىلدى ھەمدە ھېنرى Ⅵ نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزى تەختكە ئولتۇرۇپ، پادىشاھ بولدى ۋە ئۆزىنى ئېدۋارد Ⅵ دەپ ئاتىدى. ھېنرى Ⅵ لوندون مۇنارى ئىچىگە نەزەربەنت قىلىندى ۋە كېيىن مۇشۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئىدۋارد Ⅵ دەسلەپتە چوڭ ھوقۇقنى ۋارۋىك گرافقا بەرگەنىدى. كېيىن ۋارۋىكنىڭ ھوقۇقىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئاجىزلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ۋارۋىك لانكاستېر گورۇھىدىكى مارگارېت خانىش بىلەن يارىشىپ 1470- يىلى قوشۇن باشلاپ كېلىپ لوندوننى ئىشغال قىلدى. ئۇرۇشتا يېڭىلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدۋارت Ⅵ ئىككىنچى يىلى قوشۇن باشلاپ قايتىپ كېلىپ، بانېتتا لانكاستېر قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋارۋىكنى ئۆلتۈردى ھەمدە مارگارېتنى ئەسىر ئالدى. لانكاستېر جەمەتىدىكىلەر پۈتۈنلەر قەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. پەقەت مىراسخورلۇق قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يىراق تۇغقىنى رېچموند فرافى، ھېنرى، روئودىزلار فرانسىيىگە سەرگەردان بولۇپ بېرىۋالدى. 1483- يىلى ئىدۋارد Ⅵ كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىدۋارد Ⅴ تەختكە ۋارىسلىق قىلدى، بىراق ئۇنىڭ ئىنىسى چارلىز نائىبلىق قىلدى. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي رىچارت تەختنى تارتىۋېلىپ ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن يورك ئائىلىسىدىكى ئىدۋارد Ⅴ نىڭ ھىمايىچىلىرى ئۆزىنى لانكاستېر جەمەتىدىكى تەخت ۋارىسى دەپ ئاتىۋالغان ھېنرى تۇدۇر بىلەن بىرلىشىپ ئەسكەر تارتىپ كېلىپ، رىچارت بىلەن قارشىلاشتى. 1485- يىلى 8- ئايدا ئىككى تەرەپ ئەنگىلىيىدىكى بوسۋوس جېڭىدە رىچارت قازا قىلدى- دە، يورك سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى. ھېنرى تۇدۇر تەختكە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅶ دەپ ئاتاپ، دوئودىز سۇلالىسىنى بەرپا قىلدى. ئارقىدىنلا ئۇ ئىدۋارد Ⅵ نىڭ چوڭ قىزى ئېلزابىتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بەلگىسىدە قىزىل ئەتىرگۈل بىلەن ئاق ئەتىرگۈلنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇشقا خاتىمە بەردى.

   ئەتىرگۈل ئۇرۇشىدا ئىككى فېئودال جەمئىيەت تەڭلا يوقالدى. زورې تۈركۈمدىكى كونا فېئودال ئاقسۆڭەكلەر بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىش جەرياندا ئۆلدى ياكى ئۆلتۈرۈلدى. بىراق يېڭى گۈللەنگەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە بۇردۇئازىيىنىڭ كۈچى ئۇرۇش جەريانىدا تېز ئۇلغايدى. ئۇلار تۇدور سۇلالىسى يېڭى ئورناتقان قۇدرەتلىك پادىشاھ مۇستەبىتلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى. بۇ مەندىن ئېيتقاندا ئەتىرگۈل ئۇرۇشى ئەنگىلىيە مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىسى ئورنتىلىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە بولۇپ ئۆتكەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 572 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01