ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

خوئۇس ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


«خوئۇس ھەرىكىتى بولمىغان بولسا، چىغ مىللىتىمۇ

بولمىغان بولاتتى»

 

خوئۇس ئۇرۇشى

 

   خوئۇس ئۇرۇشى چېخوسلوۋاكىيە دېھقانلار ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ياۋرۇپا تارىخىدا ئەڭ ھەيۋەتلىك، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىدۇر. قوزغىلاڭچىلار چېخوسلوۋاكىيە مىللىي قەھرىمانى خوئوسنىڭ دىنى ئىسلاھات ئىدىيىسىنى ئۆزلىرىگە بايراق قىلغان ۋە خوئۇس پارتىيىسىدىكىلەرنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە خوئۇس ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

   15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چېخوسلوۋاكىيە ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپادا ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىراق، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى گېرمانىيە كۆچمەنلىرى كونتىرول قىلىپ تۇراتتى. كاتولىك چىركاۋى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ فېئودال كۈچ بولۇپ، چخوسلوۋاكىيىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسىمىنى ئىگىلىۋالغانىدى. ۋەھالەنكى، چېركاۋنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر كۆپىنچىسى گېرمانىيىلىكلەر ئىدى. گېرمانىيە فىئوداللىرىمۇ چېخوسلوۋاكىيىدە نۇرغۇن يەر-زېمىنغا ئىگە بولۇپ، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەھەرلىرى ۋە كانچىلىقىمۇ گېرمانىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. گېرمانىيە دىندار ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن چېخوسلوۋاكىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىرى ئۆزئارا تىل بېرىكتۈرۈپ، چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى دەھشەتلىك ئىكىسپالاتاسىيە قىلاتتى. چېخوسلوۋاكىيىلىك ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر زات، پىراگا ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جون خوئوسنىڭ رەھبەرلىكىدە چېخوكىيە خەلقى كاتولىك چېركاۋىغا، فېئوداللارنىڭ ئىكىسپالاتاسىيىسىگە ۋە گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى ئۇلۇغ ھەرىكەت قوزغىدى. خوئۇس كاتولىك چىركاۋىنىڭ ئەيشۇ ئىشرەتكە بېرىلىپ چۈشكۈنلەشكەنلىكىدەك ئەپت-بەشرىسىنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلدى ۋە چېركاۋنى گېرمانىيە فېئوداللىرىنىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، گېرمانىيە پادىشاھى بىلەن رىم كاتولىك قەسىرى ئۆز ئارا تىل بېرىكتۈرۈپ، 1415- يىلى 7-ئاينىڭ 6- كۈنى خوئۇسقا ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلدى. خوئۇسنىڭ ئۆلۈمى چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. 1419- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى 40 مىڭ دېھقان ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى تاپور ئېدىرلىقىدا زور كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى قوزغىلاڭغا ياردەم بېرىش يۈزسىدىن پراگادا شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ قوزغىلىڭى پارتىلىدى. شۇنداق قىلىپ خوئۇس ئۇرۇشى باشلاندى.

   1420 يىلىدىن 1421- يىلىغىچە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جون جېشكانىڭ رەھبەرلىكىدە پاپا ۋە گېرمانىيە پادىشاھى تەشكىللىگەن ئەھل سەلىپنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئارقا-ئارقىدىن چېكىندۈردى. جېشكا ئۇرۇش جەرياندا ئەما بولۇپ قالغان بولسىمۇ، تاكى 1424- يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانغا قەدەر جەڭگە قەيسەرلىك بىلەن قۇماندانلىق قىلدى. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى بۇ زور تۆچپىكار مىللىي قەھرىماننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئەھل سەلپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق جازا يۈرۈشى تارمار قىلىنغان ۋېتكوۋر تېغىنىڭ ئىسمىنى جېشكا تېى دەپ ئۆزگەرتتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى شۇنىڭ بىلەن داپلوكوپنىڭ قۇماندانلىقىدا داۋاملىق جەڭ قىلدى ھەمدە غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپقايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇرۇشنى گېرمانىيە تېررىتورىيىسى ئىچىگە سوزۇپ، بالتىق دېڭىزىنىڭ قىرغاقلىرىغىچە ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، گېرمانىيە فىئوداللىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. ھەربىي باستۇرۇشنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن پاپا ۋە گېرمانىيە پادىشاھى پارچىلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىش قارارىغا كەلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىچىدە خوئۇس پارتىيىسىدىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى. شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا،كىچىك ئاقسۆڭەكلەر مۇلايىملىق تەرەپدارلىرىغا، دېھقانلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى رادىكال تەرەپدارلىرىغا (تاپور تەرەپدارلىرىغا) مەنسۈپ ئىدى. قوزغىلاڭ مۇئەييەن غەلبىگە ئېرىشكەن چاغدا مۇلايىملىق تەرەپدارلىرى ئۆزلىرى ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن گېرمانىيە پادىشاھى ۋە پاپا بىلەن سۈلھى قىلدى. 1434- يىلى 5- ئايدا گېرمانىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن مۇلايىملىق تەرەپدارلىرى زىچ بىرلىشىپ لىپان جېڭىدە رادىكاللار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. لىپان جېڭى خوئۇس ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

   خوئۇس ئۇرۇشى كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن زوراۋانلىقتىن قورقماي، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغدايدىغان ئەنئەنىنى «خوئۇس روھىنى قالدۇردى، بۇ ئەنئەنە چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىزچىل تۈردە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى ئارىسىدا بۈگۈنگە قەدەر«خوئۇس ھەرىكىتى بولمىغان بولسا، چېغ مىللىتىمۇ بولمىغان بولاتتى» دېگەن ئەقلىيە سۆزى تارقىلىپ كەلمەكتە. خوئوس ئۇرۇشى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ رىم كاتولىك چېركاۋىغا قارشى تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەمدىكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ 16- ئەسىردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى ۋە ياۋرۇپانىڭ دىنى ئىسلاھات ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۇرۇق سالدى. 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 477 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01