ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

داكىيە ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئىمپېرىيىنىڭ «نۇمۇسىنى ئاقلاش» ئۇرۇشى

 

داكىيە ئۇرۇشى

 

   داكىيە ئۇرۇشى دېگىنىمىز رىم ئىمپېريىسىنىڭ يەرلىك خەلق داكىيىلىرىگە قارشى قوزغىغان بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدۇر.

   داكىيە دوناي دەرياسى بىلەن تىسا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى كارپات تاغلىق رايۇنىغا جايلاشقان. بۇ رايۇننىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، شۇنداقلا بۇ يەردە ئالتۇن كانىمۇ بار بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسى بۇ دىيارغا بۇرۇندىنلا چىشىنى بىلەپ كەلگەنىدى. مىلادى 1- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە رىم پادىشاھى بۇ يەرگە تاجاۋۇزچى قوشۇننى كىرگۈزدى. داكىيىلىكلەر ئۇرۇشقا ماھىر دانا ئاقساقىلى دەكەيباروسنىڭ قۇماندانلىقىدا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، رىملىقلارنى چېكىندۈرۈپ، رىمنى ھاقارەتلىك تىنچلىق شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ شەرتنامىدە رىمنىڭ داكىيىلىكلەرگە تۆلەم ھېسابىدا دانلىق ئاشلىق ۋە نەق پۇل بېرىشى ھەمدە داكىيىلىكلەرگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن رىمدىكى قول-سانائەت ھۆنەرۋەنلەرنى داكىيىگە ئەۋەتىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. كېيىن دەكەيبارۇس دوناي دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى رىملىقلارغا يەنىمۇ ئوبدان تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپ، تەرەپ-تەرەپتە دوست تۇتۇپ، پائال تۈردە كۈچ توپلىدى. بىراق، رىم ھۆكۈمىتى رىم ئىمپېريىسى بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرغان بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دۆلىتىنىڭ ئۆز يېنىدا پەيدا بولۇپ قېلىشىغا ئاخىر تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى. رىم ئىمپېريىسىنىڭ قانات-قۇيرۇقلىرىنىڭ تولۇقلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن بولماي قالدى. مىلادى 98- يىلى ياتلارنى تالان-تاراج قىلىشقا ھېرىسمەن شۆھرەتپەرەس باش سەردار تۇراكېن رىم پادىشاھى بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى. تۇراكېننىڭ نەزىرىدە، تۇپرىقى مۇنبەت، تەبئىي بايلىقى مول داكيە رىم ئىمپېريىسىنىڭ جىددىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈنلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىپېريە چېگرىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ خېلى زور ھەربىي ئىشلار قىممىتىگە ئىگە ئىدى. ئۇ ئۆتكەندە رىم ئىمپېريىسى بىلەن داكىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامە رىم ئۈچۈن ھاقارەت، رىم جەزمەن نۇمۇسنى ئاقلىشى شەرت، بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى قوزغاش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى دەپ، قارىدى.

   101- يىلى ئەتىيازدا رىم قوشۇنلىرى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئاتلىنىپ، دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تۇراكېن ئۆزى بىۋاستە باشلاپ ماڭغان غەربى يول قوشۇنى تۇرۇشلۇق مۇھىم ھەربىي تۈگۈن تاباغا قىستاپ بارغانىدى، ئەمما بۇ يەردە قورقماس، باتۇر دانىيىلىكلەرنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئېغىر چىقىم تارتتى. بىراق، رىملىقلار كېيىنچە بارا-بارا ئەسلىگە كېلىپ، ئىككىنچى يىلى تۇراكېن قوشۇنلىرى ئۇدۇللا داكىيىنىڭ مەركىزى رايۇنىغا بېسىپ كىرىپ، پايتەختى سامىزېتۇسانى ئىشغال قىلدى. جەڭدە مەغلۇپ بولغان دەكەيبارۇس سۈلھى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى ۋە قورال-ياراغلىرىنى تاپشۇرۇشقا، ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ تاشلاشقا، مەڭگۈ رىملىقلار بىلەن دوست-دۈشمىنى ئورتاق بولۇشقا قوشۇلدى، تۇراكېن ئۆز قوشۇنلىرىنى داكىيىگە تېز سۈرئەتتە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تېرروبېتا قەلئەسى يېنىدىكى دوناي دەرياسىغا بۇيرۇق بىلەن بىر تاش كۆۋرۈك سالدۇردى. 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ يەرگە كەلگەن سەيياھلار ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن سېلىنغان بۇ تاش كۆۋرۈككە ئاپىرىن ئېيتماي قالمىدى.

   بىراق، تەكەيبارۇس بۇنىڭلىق بىلەن مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىدى. ئۇ بىرقانچە يىلدىن كېيىن يىڭىۋاشتىن ئىستىھكاملارنى قۇرۇپ، قورال-ياراغ ياسىتىپ، قايتىدىن مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن 105- يىلى ئۇ قوشۇنلىرىنى توپلاپ، ئۆز ئېلىنىڭ پايتەختىنى ساقلاش ئۈچۈن قالدۇرۇلغان رىم قوشۇنىنى بىرلا ھۇجۇم بىلەن يوقاتتى. بىراق، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇراكېن قوشۇن باشلاپ كېلىپ جازا يۈرۈشى قىلدى. رىملىقلار شەرق ۋە غەرب تەرەپلەردىن قىسىپ ھۇجۇم قىلىپ، پەيدىنپەي قورشاۋ چەمبىرىكىنى قۇردى. دەكەيبارۇس سەركەردە-لەشكەرلىرىگە قۇماندانلىق قىلىپ، كۈچەپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خائىننىڭ ساتقىنلىقى تەپەيلىدىن كۈچى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاجىزلاپ باردى. 106- يىلى رىم قوشۇنى پايتەختنى ئىشغال قىلىۋالدى، دەكەيبارۇس بولسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخرلىشىپ، داكىيە رىم ئىمپېريسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالدى.

   رىم سىناتى بۇ قېتىمقى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، تالان-تاراج قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن ئالتۇن كۈمۈش بىلەن بىر تۆھپە تۈۋرۈكى ياساشنى قارار قىلدى. بۇ تۈۋرۈل گرېتسىيىلىك ئاپلودوژناسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە توپتوغرا بەش يىلدا پۈتتى. بۇ تاش تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىر كېلىدۇ. تۈۋرۈكنىڭ گەۋدىسىگە جەڭ مەنزىرىسىنى ئىپادىلەيدىغان كۆپمە نەقىشلەر ئويۇلغان، ئۇچىغا تۇراكېننىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان. بۇ تۈۋرۈل بۈگۈنگە قەدەر رىمدىكى تۇراكېن مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 489 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01