ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

يەھۇدىيلار ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

تىز پۈكمەس بىر مىللەتنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىشى

 

يەھۇدىيلار ئۇرۇشى

 

   بۇ پەلەستىن يەھۇدىيلىرى رىم ئىستىلاچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان مەشھۇر ئۇرۇش.

   مىلادىدىن ئىلگىرىكى 63- يىلى رىم قۇماندانى پانپېرنىڭ پەلەستىننى ئىشغال قىلىشى بىلەن، ماخاپ پادىشاھلىقى نامدا بار، ئەمەلدە يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەھۇدىيلار رىمنىڭ «تۆمۈر بىلەن ئوت» تەك ياۋايىلارچە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىدى. مىلادى 66- يىلى پەلەستىننىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى شەھىرى قەيزەرىيىدە يەھۇدىيلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. رىم تەيىنلىگەن باش ۋالى فلورۇس ئېروسالىم (قۇددۇس) قەسىرىنىڭ نۇرغۇن تۆلەم پۇلى تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزى بىۋاستە قۇددۇسقا بېرىپ، يەھۇدىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ بۇ ئارىدا قۇددۇسلۇق 3600 نەپەر يەھۇدىينى قىرغىن قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ رىمغا قارشى مىللىي قوزغىلىڭى شۇئان پارتىلىدى. بۇ قوزغىلاڭنىڭ تايانچ كۈچى يەھۇدىي جەمئىيىتىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى خەلقتىن تەشكىللەنگەن «سىكارى» (خەنجەر پارتىيىسى) ئىدى. بۇ قوزغىلاڭچىلار قۇددۇستىكى رىم قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، قەسىردە ساقلانغان قەرز ھېساباتى دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. قوزغىلاڭ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن پەلەستىن زېمىنىنى قاپلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى يەنە ئۆلۈك دېڭىزى ئەتراپىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 1400 ئېنگىلىز چىسى ئېگىز كېلىدىغان قورۇل ماسادنى ئىشغال قىلدى. ئىككىنچى يىلى رىم پادىشاھى نېلۇ باش سەردار ۋېسباشاۋنى 50 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئاتامانى يۈسۈپ بىننى ماتتاتىيار بۇيرۇققا بىنائەن يوتتاپات قورۇلىنى مۇھاپىزەت قىلدى. 40 نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ قورۇل رىم قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ماتتاتىيار تەسلىم بولدى. كېيىن ئۇ ئىسمىنى فراۋىي يوسۇفسىغا ئۆزگەرتىۋالدى، ئۇ «يەھۇدىيلار ئۇرۇشى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە يەھۇدىيلارنىڭ رىمغا قارشى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى ناھايىتى ئەينەن تەسۋىرلىگەن.

   68- يىلى رىم قوشۇنى قۇددۇسنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋالدى، بىراق بۇ چاغدا رىم پادىشاھى نېلۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كېلىپ، ۋېسباساۋ رىمغا قايتتى، كېيىن ئۇ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىدى. 69- يىلى ئۇنىڭ ئوغلى دىتې خىل قوراللانغان رىم قوشۇنىنى باشلاپ، قۇددۇسقا داۋاملىق قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. قوزغىلاڭچىلار ئاچارچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۈشمىنىنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىندۈرۈپ تۇردى ھەمدە غەلبىلىك ھالدا دۈشمەنگە زەربە بەردى. 70- يىلى 5- ئايدا رىم قوپشۇنى بىرىنچى رەتتىكى سېپىلنى بۇزۇپ ئۆتتى، بىراق قوزغىلاڭچىلار يەنىلا كوچا ئۇرۇشى قىلىپ چىڭ تۇردى. ئۈچ ئايدىن كېيىن دۈشمەن قوشۇنى ئېغىر چىقىم تارتىش بەدىلىگە بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىۋالدى.

   قوزغىلاڭچىلار قالدۇق قوشۇنىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ئېلئاسسارنىڭ قۇماندانلىقىدا ئەڭ ئاخىرقى قورۇل ماسادقا چېكىندى. رىملىقلار 10 مىڭ قۇل ۋە لەشكەرنى ئىشقا سېلىپ ماسادىنى توپتوغرا ئۈچ يىل قورشاپ تۇردى. بۇ قورۇلدا مۇداپىئە قىلىپ تۇرغان 960 نەپەر قوزغىلاڭچى سەركەردە-لەشكەر سىرتنىڭ ياردىمى بولمىغا ئەھۋالدا بۇ جايدىكى خەتەرلىك يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، تاش ئارقىلىق رىملىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. 73- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى يەھۇديلارنىڭ ھالقىش بايرىمىنىڭ 1- كۈنى رىملىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن قوزغىلاڭچىلار كوللىكتىپ ھالدا ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كەلدى. رىملىقلار بۇ قورۇلغا بېسىپ كىرگىنىدە بۇ يەرنى بېقىپ تۇرغانلاردىن پەقەت ئىككى ئايال ۋە بەش كىچىك بالىلا قالغانىدى. «ماسساد روھى» شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەھۇدىيلارنىڭ تېز پۈكمەس خىسلىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يەھۇدىيلار ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىپ تۇرغان.

   يەھۇدىيلارنىڭ يەتتە يىل داۋاملاشقان رىمنىڭ زوراۋان ھۆۆۈمرانلىقىغا قارشى ئۇرۇشى گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇرۇش كېيىنكى تارىخى تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئۇرۇش رىم ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىيلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خرىستىئان دىنى بىلەن يەھۇدىي دىنىنىڭ ئايرىلىشىغىمۇ تۈرتكە بولدى.  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 792 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01