ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

سىپارتاك قوزغىلىڭى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 5 ئىنكاس 1 سۆزلۈك تەھرىرلەش


«قەدىمكى زامان پرۇلېتارىياتى» نىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى

 

سىپارتاك قوزغىلىڭى

 

   سىپارتاك قوزغىلىڭى قەدىمكى رىمدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق قۇللار قوزغىلىڭى بولۇپ، بۇ قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى گلادئاتور (ئېلىشىشقا سېلىنغۇچى) سىپارتاك ئىدى.

   سىپارتاك ئەسلىدە فراكلىيىلىك بولۇپ، رىمنىڭ بويسۇندۇرۇشىغا قارشى بىر قېتىملىق جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەن، كېيىن كاپۇيە گلادىئاتورلار مەكتىپىگە ئەۋەتىلىپ، گلادئاتور قۇل بولۇپ قالغان (ئېلىشىشقا سېلىش) گلادئاتورلۇق- رىم ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ياۋايى ۋەھشىيانە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى بولۇپ، بۇ ئويۇندا قۇلدارلار مەخسۇس مەشىق قىلدۇرۇلغان گلادئاتورلارنى مەيدانغا چۈشۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىدا بىر-بىرى بىلەن ئېلىشىپ، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرلايدۇ. ھايۋانكەبى ھاقارەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بۇ گلادئاتورلار ھۆرلۈككە تولىمۇ تەشنا ئىدى. سىپارتاك ھەقەمسايلىرىغا «ھۆرلۈك ئۈچۈن جەڭگاھتا ئۆلسەك ئۆلەيلىكى، ھەرگىزمۇ دۈشمىنىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ھاقارەت كۆرسىتىش مەيدانىدا جېنىمىزنى سېلىپ بەرمەيلى» دەپ چاقىرىق قىلدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 73- يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا گلادئاتورلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپى پىلانلىغانىدى، بەختكە قارشى سېزىلىپ قالدى. سىپارتاك 70 نەپەر گلادئاتورنى باشلاپ ۋېزۇرى يانار تېغىغا قېچىپ بېرىپ، قوزغىلاڭ تۇغىنى كۆتۈرۈپ، قوشنا قورۇقلاردىكى ۋە شەھەرلەردىكى قۇلدارلارغا ھۇجۇم قىلىپ زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتىكى زور بىر تۈركۈم قۇللار، نامراتلار بەس-بەستە توپقا قوشۇلدى، بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېزدىن كېڭىيىپ، ئادەم سانى 10 مىڭ كىشىدىن ئاشتى. قوزغىلاڭچىلار سىپارتاكنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىپ سايلىدى.

   رىم دائىرلىرى دەسلەپتە بۇ قوزغىلاڭغا ئانچە ئېتىيبار قىلىپ كەتمىدى. پەقەت 1200 كىشىلىك غەيرى مۇنتىزىم قوشۇنغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتىپلا قويدى. بۇ جازا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن ئويلىمىغان يەردىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تەرىپىدىن بىراقلا قىرىپ تاشلاندى. رىم مىلادىدىن ئىلگىرىكى 73- يىلى كۈزدە ئاندىن كونا سەركەردە كراۋدىئوسنى خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان 3000 كىشىلىك رىم قوشۇنىنى باشلاپ، ۋېزۇۋى يانار تېغىنى قورشاۋغا ئىلىشقا ئەۋەتتى. قوزغىلاڭچى قوشۇن پەم-پاراسەتلىك ۋە تەدبىرلىك سىپارتاكنىڭ قۇماندانلىقىدا ئۈزۈم شېخدىن ئارغامچا شوتا توقۇپ، تىك قىيالاردىن ئارغامچا شوتا بىلەن سېرىلىپ چۈشۈپ، دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ، دۈشمەن قوشۇنىغا زەربە بەردى. بۇ ئۇشتۇمتۇت زەربىدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمەي قالغان رىم قوشۇنى يەر بىلەن يەكسان بولدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ شان-شۆھرىتى تېخىمۇ ئېشىپ، ئادەم سانى كۆپىيىپ 60 مىڭ كىشىگە يەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇش بىلەن كرېكسۇ 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئاساسىي قوشۇندىن ئايرىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇلار ئۇزۇنغا بارماي دۈشمەن تەرەپىدىن يېڭىلىپ، كرېكسۇ ۋە ئۇنىڭ كۆپ قىسىم سەركەردە-لەشكەرلىرى جەڭدە ئۆلدى. سىپارتاكنىڭ ئاساسىي قوشۇنى ئاپىنىن تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈپ، شىمالغا ئاتلىنىپ، قوغلاپ كەلگەن دۈشمەننىڭ مۇھاسىرسىنى ۋە توسالغۇلىرىنى تارمار قىلىپ، پو دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇ چاغدا قوشۇننىڭ ئادەم سانى كۆپىيىپ 120 مىڭغا يەتكلەنىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جىددىي تۈردە ئارقىغا قايتىپ، جاسارەت بىلەن جەنۇپقا ئاتلىنىپ ئۇدۇللا رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. رىم دائىرلىرى قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى. ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت خۇددى ھەننىبال رىمغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتىكى قاباھەتنى يەنە بىر قېتىم باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندەك جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. رىم دائىرلىرى رىمنى قوغداشقا جىددىي قوشۇن يۆتكىدى. رىمنىڭ باش قۇماندانى كراسسو قەدىمكى زاماندىكى «ئوندىن بىرنى تارتىپ ئۆلتۈرۈش قائىدىسى» نى (جەڭ ئال؛دىدا قاچقانلارنىڭ ئوندىن بىرنى تارتىپ چىقىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىش قائىدىسىنى) ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆز ئادەملىرىنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قارشى جەڭ قىلىشقا مەجبۇرلىدى، نەتىجىدە سىپارتاك رىمنى تاشلاپ، جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى بۇتىيىگە يېتىپ باردىن ۋە دېڭىزدىن ئۆتۈپ، سىتسېلىيىگە بارماڭچى بولدى. بىراق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. بۇ چاغدا ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن كراسسۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئاپىننىن يېرىم ئارىلى قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ تار جايىغا قوزغىلاڭچىلارنىڭ چېكنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئىككى ئۇچى دېڭىزغا تۇتىشىدىغان چوڭ خەندەك قازدۇرغاندى. ۋەھالەنكى سىپارتاك ئۆز قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ، قار-شىۋىرغانلىق بىر كېچىسى بۇ قامال لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتتى، بىراق يەنە شۇئان دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر تارماق قوشۇنى چوڭ قوشۇن ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىپ، رۇگان كۆلى بويلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، كراسسۇ قوشۇنى تەرپىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. كراسسۇ يەنە ئىسپانىيىدە غەلىبە قازىنىپ ۋەتىنىگە قايتىپ ماڭغان پونپېر قىسىملىرىنىڭ يارىدىمىگە مۇيەسسەر بولدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 71- يىلى ئەتىيازدا سىپارتاك قوزغىلاڭچى قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپۇللىيە دائىرسىدە دۈشمەن بىلەن قان كېچىپ ئېلىشتى. سىپارتاك ۋە نەچچە 10 مىڭ قوزغىلاڭچى سەركەردە-لەشكەر ئالدىنقىلىرى يىقىلسا، كېيىنكىلەر ئىزىنى بېسىپ، ئەڭ ئاخىرغىچە جەڭ قىلدى. كراسسۇ جەڭدە مەغلۇپ بولغان قوزغىلاڭچىلاردىن دەھشەتلىك ئۆچ ئېلىپ، 6000 ئەسىرنى كرېستقا مىقلاپ، كرېستنى كاپۇيادىن رىمغىچە يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا تىكلەپ قويدى. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ئەنە شۇنداق ئۈزۈل-كېسىل باستۇرۇلدى.

   بۇ قېتىمقى داغداغىلىق قۇللار قوزغىلىڭى رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنى تەۋرىتىپ، رىم قۇلدارلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلەتتى.  

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1117 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01