كاۋكاز تىل سىستېمىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كاۋكاز تىل سىستېمىسى =Caucasus Language System

 

 
 
 
  كاۋكاز تىلى دۇنيادىكى مەۋجۇت تىل سېستىمىلىرى ئىچىدە سۆزلەشكۈچىلىرىنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغان تىللارنىڭ بىرى.
   كاۋكاز رايونىدىكى تىللار ھەققىدە لېزگىن شائىرى ھەمزەتوۋ بۇنداق بىر ئەفسانىنى يەتكۈزىدۇ، تىللارنى تەقسىم قىلىۋاتقان پەرىشتىلەر تىللارنى مىللەتلەرگە تەقسىم قىلىۋېتىپ كاۋكازغا كەلگەندە قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ قوللىرىدا قالغان تىلنىڭ ھەممىنى كاۋكازغا تۆكۈۋېتىپلا كېتىپ قاپتۇ... بىز بۇ ئەفسانىدىن كاۋكاز رايونىدىكى نەچەە مىڭ ئادەم بىر مۇستەقىل تىلدا سۆزلىشىدىغان، كەنت ئاتلىسىلا تىل ئۇقۇشمانسلىقى كېلىپ چىقىدىغان ئەھۋالنى ئازراق ھىس قىلالايمىز. 
   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى كاۋكاز رايونىدىكى تىللارنىڭ ھەممىسىلا كاۋكاز تىلى ھىساپلانمايدۇ مەسىلەن  كاۋكازدىكى ئەرمېنىيە تىلى، گىرىك تىلى، كۇرد تىلى، ئوسسېت تىلى قاتارلىقلارھىندى-ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىغا، ئەزەربايجان تىلى،قۇمۇق تىلى، قاراچاي بالقار تىلى، نوغاي تىلى، تۈركمەن تىلى ۋە قالماق تىللىرى ئالتاي تىللىرى سېستېمىسىغا تەۋە.


  تۆۋەندىكى خەرىتىدە كاۋكاز رايونىدىكى تىللارنىڭ تارقىلىشى كۆرسىتىلدى.

 

 

كاۋكاز تىل سېستىمىسى ئاساسەن دىگۈدەك كاۋكاز رايونلىرىدىكى تىللارنى كېلىش مەنبەسى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەۋەلىكى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدا ھېلىھەم تالاش-تارتىش مەۋجۇت. كاۋكاز تىلى ئۆز ئىچىدىن شەرقىي شىمال كاۋكاز تىل ئائىلىسى، غەربىي شىمال كاۋكاز تىل  ئائىلىسى ۋە جەنۇبى كاۋكاز تىل ئائىلىسىدىن ئىبارەت 3 خىل مۇستەقىل تىل  ئائىلىسىگە بۆلۈنىدۇ. بەزىدە شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال كاۋكاز تىل سىستېمسى بىرلەشتۈرۈلۈپ شىمالىي كاۋكاز تىل سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاۋكاز تىللىرىدا سىرتتى قوبۇل قىلىنغان سۆزلۈكلەرمۇ خېلىلا كۆپ، تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كاۋكاز تىللىرىدا تۈركچە، يۇنانچە، رۇسچە، پارىسچە ئاتالغۇلارمۇ ئۇچرايدۇ،

 مۇندەرىجە

تارقىلىشى

ئالاھىدىلىكى

بەس-مۇنازىرە

ئۈزۈك تاۋۇش

گرامماتىكا

تارماق تىللار

 

تارقىلىشى

تارقالغان رايونلار

  كاۋكاز تىل سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق تارقالغان جايلىرى كاۋكاز تاغ تازمىلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى، قارا دېڭىز ۋە كاسپى دېڭىزى ئارىسىدىكى كاۋكاز تېغى رايونلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تارماق تىللار ناھايىتى كۆپ.

كاۋكاز تىلىنى ئىشلىتىدىغان نوپوس

  كاۋكاز تىلىنى ئىشلىتىدىغان ئادەم جەنۇب ۋە شىمال تىل گۇرۇپپىسى بولۇپ تەخمىنەن 5 مىليونغا يېتىدۇ. گروزىيە تىلى بولسا كاۋكاز تىل سىستېمىسىنىڭ ئىچىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بىر خىل تىل تۈرى بولۇپ، ئۇ گروزىيىدىكى 3مىليون 900 مىڭ نوپوس ئىشلىتىدىغان تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن گروزىيىنىڭ دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىران، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ 200 مىڭغا يېقىن ئادەممۇ گروزىيە تىلىدا ئالاقە قىلىدۇ. شۇڭا گروزىيە تىلى جەنۇبى كاۋكاز تىل سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان تىللارنىڭ بىرى  بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

يەرلىك شىۋىلەر

گروزىيە تىلى ئىمرىتان، راچ لىكخوم، گىرىئانم جارىئان، ئېمرىكېۋ، كارتىلان، كاخىتان، ئىنگىلو، تۇش، كەۋسەر، موخىۋ، پاشاۋ، مىتۇل، فېرجىدان، ماسخىتان قاتارلىق يەرلىك شىۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

 

تىل ئالاھىدىلىكى

كاۋكاز تىل سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا، پېئىل ھامان سىنكرېتىك شەكىلدە كېلىپ، تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى بىلدۈرىدۇ. ئوي-پىكىر كۆپىنچە مەجھۇل ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ. جۈملىدىكى بۆلەكلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى‹ ئىگە-ھالەت-پېئىل › دىن ئىبارەت.

 

بەس-مۇنازىرە

كاۋكاز تىلى بولسا، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا كاۋكاز رايونىدا ئىشلىتىلىدىغان تىللار بىرلىشىپ شەكىللەندۈرگەن تىل سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تەۋەلىكى ۋە تۈرلىرىگە قارىتا يەنە ھەر خىل كۆز-قاراش ۋە بەس-مۇنازىرىلەر مەۋجۇت. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كاۋكاز تىل سىستېمىسى شىمالىي كاۋكاز تىل سىستېمىسى، غەربىي شىمال كاۋكاز تىل سىستېمىسى دەپ ئىككىگە يەنە بەزىدە بولسا شىمالىي كاۋكاز تىل سىستېمىسى غەربىي شىمال ۋە شەرقىي شىمال دەپ ئۆز ئىچىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، جەمئىي 3 سىستېمىغا بۆلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. كاۋكاز تىلىدا ئاساسلىق سىرىل ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەر ئىشلىتىلىدۇ.

 

ئۈزۈك تاۋۇشلار

 تاۋۇش چىقىرىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاۋۇز چىقىرىش قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك: جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش (ئاۋازسىز)، تاۋۇش (ئاۋازلىق)، ئاۋازسىز دىماغ تاۋۇشلىرى. گروزىيە تىلىدا ئىگىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى،  ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ بەزىلىرى قوش تاۋۇشتىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن:

  (چىش تاۋۇشلىرى ۋە پارتلىغۇچى-سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار، ئاۋازسىز پارتلىغۇچى تاۋۇشلار)

(چىش تاۋۇشلىرى ۋە پارتلىغۇچى-سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار، جاراڭلىق تاۋۇشلار)

(چىش تاۋۇشلىرى ۋە پارتلىغۇچى-سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار، ئاۋازسىز دىماغ تاۋۇشلار) بۇنىڭغا بىر قانچە مىسال ئالساق؛

K,P,Tتاۋۇشى پارتلىغۇچى تاۋۇش ۋە دىماغ تاۋۇشىدىن تۈزۈلىدۇ. پارتلىغۇچى تاۋۇش ۋە دىماغ تاۋۇشىدىن تاۋۇش چىقارغان ۋاقىتتا، ئۇلار بىرىكىپ ھاسىل قىلغان ئۈزۈك تاۋۇش ئۇرغۇ بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

H  سىيرىلاڭغۇ تاۋۇش بىلەن بوغۇز تاۋۇشىدىن تەركىب تاپىدۇ. Khبىللە كەلگەندە بولسا ئۇ سىيرىلاڭغۇ تاۋۇش بىلەن يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشى ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. بىرىنچى ھەرپنىڭ تەلەپپۇزى ئادەتتە ئۆلچەملىك ئىنىگلىزتىلى تەلەپپۇزىدىكى Hotelسۆزىدىكى Hنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

 

گرامماتىكىسى

ئاھاڭ

جەنۇبى تىل سىستېمىسىدا گروزىيە تىلى، مىگرىلىيا تىلى، ... تىللىرى بار. يۇقىرىقى تىللارنىڭ تاۋۇشلىرى سوزۇق تاۋۇش سىستېمىسىدىكى بىر قىسىم پەرقلەردىن باشقا قىسىملىرى ئاساسەن بىردەك. پارتلىغۇچى تاۋۇشلار ۋە پارتلىغۇچى سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارنىڭ سۈزۈك تاۋۇش ، تىتىرەڭگۈ تاۋۇش ۋە بوغۇز پارتلىغۇچى تاۋۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرى بار. ئۈزۈك تاۋۇشلار توپلىمى بولسا بۇ تىلدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەر بىر ئۈزۈك تاۋۇشلار توپلىمى 6-8 گىچە بولغان ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلىدۇ. گروزىيە تىلىنىڭ پۈكۈلمە ئۆزگىرىش شەكلى ناھايىتى كۆپ. پېئىللارمۇ ئالماش، مىقدار سۆز، ۋاقىت، ئىنتۇناتسىيە قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ ھەر خىل ئالاھىدە شەكىللەردە قوللىنىلىدۇ. بۇ كاتىگورىيىلەر سۆز ياسىغۇچى ئالدى قوشۇمچە ۋە سۆز ياسىغۇچى كەينى قوشۇمچىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پېئىل يىلتىزىنىڭ پۈكۈلمە ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ. پېئىل ئۆزگىرىشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ، پېئىلغا مەلۇم بىر ئالدى قوشۇمچىنى قوشۇش ئارقىلىق ئىگىنى ۋە ۋاستىلىك، بىۋاستە تولدۇرغۇچىلارنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، m-er-s( ئۇ ماڭا خەت يازغان)، m-xaav-s(ئۇ مېنى سىزغان) دېگەن مەنىدە بولۇپ، سۆز تەركىبىدىكى mھەرىپى تولدۇرغۇچى شەكلىدىكى ‹مەن› نى، sبولسا ئىگە ‹ئۇ› نى ئىپادىلىگەن بولىدۇ. ئىسىم تۈركۈمىدىكى سۆزلەرنىڭ جىنىس ئايرىمىسى بويىچە قوللىنىشى بولمايدۇ، ئالاھىدە ئالماشمۇ يوق. جۈملىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئىگە-تولدۇرغۇچى-خەۋەر شەكلىدىن ئىبارەت، ئۇندىن باشقا ئىگە-پېئىل ۋە تولدۇرغۇچى كېلدىغان جۈملە شەكلىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەجھۇل دەرىجىدە تۈرلىنىش كاۋكاز تىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خاسلىقى ھېسابلىنىدۇ.

سۆزلۈك

 جەنۇبى كاۋكاز تىل سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ سۆزلۈكى ئاساسەن ئورتاق بولۇپ، تۇغقانچىلىق سۆزلىرى، پېئىللار، شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرى، ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئورگانىزىملارنىڭ ناملىرى، ھەرىكەتنام قاتارلىق سۆزلۈك تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. سوزۇق تاۋۇشلاردىن a,e,i,o,uدىن ئىبارەت بەشى بار. ئۇنىڭدىن سىرت بەزى تىل شارائىتلىرىدا يەنە بورۇندىن چىقىدىغان سوزۇلۇپ ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلار، بوغۇز تاۋۇشى، لەۋ تاۋۇشلىرىدىن ئىبارەت تاۋۇشلارمۇ بار. چېچىن تىلىنىڭ سوزۇق تاۋۇشلار سىستېمىسى ناھاىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۆز ئالدىغا پەرقلىق سوزۇق تاۋۇشتىنلا 30 نەچچىسى بار. كۆپ قىسىم تىللاردا يەنە كۈچلۈك ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاجىز ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى مەۋجۇت. كاۋكاز تىل سىستېمىسىدىكى تىللاردىكى ئورتاق مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك بولسا، ئىسىملارنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشىدۇر. مەسىلەن: ئادەم ۋە نەرسىلەر، ئادەملەر يەنە ئۆز ئىچىدىن ئەر ۋە ئايال دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ئىسىملارنىڭ تۈرلىنىشىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ.

 

قۇرۇلمىسى

جۈملە تەرتىپى ئاساسەن ئىگە-تولدۇرغۇچى-پېئىل شەكلىدىن ئىبارەت بولۇپ، جۈملىلەر پەقەت مەجھۇل دەرىجىدە تۈرلىنىدۇ. مۇرەككەپ جۈملىلەر بولسا كۆپىنچە رەۋىشداش-سۈپەت ۋە رەۋىشداش-ھالەت قۇرۇلمىسىدىن تۈزۈلىدۇ. شىمالىي كاۋكاز تىل سىستېمىسدىكى تىللاردا كۆپىنچە ئەينى مىللەت ئاھالىلىرى ئىشلىتىدىغان سۆزلۈكلەر بار بولسىمۇ، ئەمما تۈرك تىلى ۋە پارس تىلىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆزلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەيلى ھازىر ياكى ئۆتمۈشتە بولسۇن، روس تىلىمۇ ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆزلۈكلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ كەلگەن.

 

تىل تارماقلىرى

  كاۋكاز تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ( قارا دېڭىز ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان كاۋكاز تېغى رايونى) قوللىنىلىدىغان تىللار جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى تىل سىستېمىسىغا ئايرىلىدۇ. بۇ تىل سىستېمىسىدا جەمىئىي 30-40 خىل تىل تۈرى بار بولۇپ، ئۇنى قوللىنىدىغان ئاھالىنىڭ سانى تەخمىنەن بەش مىليونغا يېتىدۇ. جەنۇبى كاۋكاز تىل سىستېمىسىدا گروزىيە تىلى(3مىلىيۇندىن كۆپرەك كىشى)، مىگرىل تىلى(500مىڭ كىشى)، لاز تىلى(مىڭ كىشى)، سىۋان تىلى(500كىشى) قاتارلىق تىل تۈرلىرى بار بولۇپ،  سوزۇق تاۋۇش سىستېمىسىدا بىر ئاز پەرق بارلىقىنى دېمىگەندە، تاۋۇش سىستېمىسى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سىۋان تىلىدىن باشقا تىللاردا سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئۇزۇق-قىسقىلىق پەرقى بولمايدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. گرامماتىكىسىدا بولساپۈكۈلمە ئۆزگىرىش ناھايىتى يۈز بېرىدۇ. پېئىلدىن ئىبارەت سۆز تۈركۈمىنىڭمۇ شەخس، سان، ۋاقىت، ئىنتۇناتسىيە، پېئىل دەرىجىلىرىنىڭ ئىگە ۋە خەۋەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدە شەكىللىرى بولىدۇ. ئىسىملار 6-111گىچە بولغان كېلىشتە تۈرلىنەلەيدۇ.

جەنۇبى تىل سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ سۆزلۈكلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەم، شەيئى، كەسىپ ناملىرى، ئورگانىزىم ناملىرى قاتارلىق جەھەتلەرگە ئاساسەن نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. شىمالىي كاۋكاز تىل سىستېمىسى بولسا شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال تىل سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تىل تارمىقىغا بۆلىنىدۇ. غەربىي شىمال تىل سىستېمىسىغا ۋەكىل بولالايدىغان تىللاردىن كاباردا تىلى بار. غەربىي شىمال تىل سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، سوزۇق تاۋۇش ئاز، ئۈزۈك تاۋۇش كۆپ ۋە تۈرلىرىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ. سۆز تۈركۈملىرىدىن ئىسىم ناھايىتى ئاددىي. ئەمما پېئىلنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى كۆپ. شەرقىي شىمال تىل سىستېمىسى دائىرىسىگە كىرىدىغان تىللار خېلى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى، چېچىن تىلى، ئىنگۇش تىلى بۇ تىل سىستېمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شەرقىي شىمال تىل سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، سوزۇق تاۋۇشلاردىن ئەڭ ئاساسلىق بولغان سوزۇق تاۋۇشلاردىن باشقا يەنە دىماغلاشقان تاۋۇش، بوغۇز تاۋۇشى، لەۋلەشكەن تاۋۇش قاتارلىق تاۋۇش تۈرلىرى بار.

شىمالىي كاۋكازدىكى تىللارنى شەرقىي شىمال تىل سىستېمىسى ۋە غەربىي شىمال تىل سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلگەنىدۇق. غەربىي شىمال تىل ئائىلىسىدىكىلەر ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ چېركەس تىللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ۋەكىل خاراكتېرلىك تىل كاباردا تىلى ئاساسەن  كاباردا-بالقارجۇمھۇرىيىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىدىغان ئاھالە500 مىڭغا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چىركەس تىلى(60مىڭ كىشى)، ئابخاز تىلى(100مىڭ كىشى)، ئادىگېي تىلى(130مىڭ كىشى)، ئابازىن تىلى(30مىڭ كىشى) قاتارلىق تىللارمۇ بار.

 كاۋكاز تىللىرى سېستىمىسى شەرقىي شىمال تىل ئائىلىسىدە تەخمىنەن 30 خىلغا يېقىن تىل بار بولۇپ، ۋەكىل خاراكتېرلىك تىللار چېچىن تىلى بىلەن ئىنگۇس تىلىدۇر. چېچىن تىلىنى ئىشلىتىدىغان ئاھالەبىر مىلىيۇن 300 مىڭغا، ئىنگۇش تىلىنى ئىشلىتىدىغان ئاھالە 550 مىڭغا يېتىدۇ. ئىككىلىسى چېچىن-ئىنگۇش جۇمھۇرىىيىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە داغىستاندىكى ئاۋار تىلى(800مىڭ)، لېزگىن تىلى(400مىڭ)، لاك تىلى(150مىڭ)، دارگىن تىلى(500مىڭ) ، تاباسساران(150مىڭ )قاتارلىق نىسبەتەن چوڭ تىللار ۋە، رۇتۇل(20مىڭ)، ئاگۇل(20مىڭ)، ساخۇر(10مىڭ) قاتارلىق سۆزلەشكۈچىسى ئاز تىللارمۇ بار.

كاۋكاز تىللىرى سېستىمىسى غەربىي شىمال تىل تارمىقىدىكى تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۇلاردا سوزۇق تاۋۇش ئاز. ئۈزۈك تاۋۇش كۆپ. بەزى تىللاردا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ سانى 70-80 گە يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي كاۋكاز تىل سىستېمىسى تىللىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن باشقا يەنە لەۋلەشكەن ئۈزۈك تاۋۇش، قاتتىقلاشقان ئۈزۈك تاۋۇش، يېرىم نەپەسلىك ئۈزۈك تاۋۇش ۋە يۇمشاق تاڭلاي ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بار. ئىسىم تۈركۈمى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما پېئىللارنىڭ جۈملە ئىچىدىكى ئۆزگىرىشى ناھايىتى مۇرەككەپ . بەزى تىللاردا گىراماتىكىلىق كېلىش كاتىگوريىسى يوق بولسا، يەنە بەزى تىللاردا بولسا كېلىش كاتىگورىيىسىدىن ئىككى خىلى بار. ئىسىملارنىڭ تەۋەلىكى بولسا ئالماشلارنىڭ ئالدى قوشۇلغۇچىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. پېئىل تۈركۈمى بولسا ئوخشاشمىغان پېئىللارنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق، بىرىكمە پېئىللارنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، مۇكەممەل ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇ تۈردىكى تىللاردا سۆز ياسىغۇچى ئالدى قوشۇمچە ئەڭ مۇھىم بولغان پېئىل كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. سۆز ياسىغۇچى ئالدى قوشۇمچە تەۋەلىكنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرگە قوشۇلغان ۋاقىتتا ئۇ سۆز جۈملىدە ھالەت بولۇپ كېلىدۇ. جۈملىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىرىكىش تەرتىپى ئىگە-تولدۇرغۇچى-پېئىل شەكلىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئاددىي جۈملىىڭ ئېنىقسىز بولىدۇ، باش كېلىشتە كۆپرەك كېلىدۇ ۋە مەجھۇل دەرىجىدە تۈرلىنىدۇ.

 

 

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 906 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01