ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


پۇقرالىق ھوقۇقى ئۈچۈن بولغان ئۇرۇش

 

ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى

 

   ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1- ئەسىردە رىمنىڭ ئىتالىيىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوزغىغان بىر قېتىملىق مەشھۇر ئۇرۇشتۇر.

   رىم ئىتالىيىنى قولغا كەلتۈرگەندە بەزى ئىتالىيىلىكلەر «ئىتتىپاقداشلار» بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار رىملىقلار ئۈچۈن يەر-زېمىن  ئېلىپ بەرگەن بولسىمۇ، رىمنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى. ئىتالىيىدىكى ئىتتىپاقداشلارغا پۇقرالىق ھوقۇقىنى بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان رىمنىڭ ئاۋام قورۇقچى بېگى روسۇل مىلادىدىن ئىلگىرىكى 95- يىلى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەن ئىتالىيانلار ئاسكورۇن شەھىرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆرتۈردى. قوزغىلاڭ تېزلا ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە جەنۇبىي قىسىمىنى قاپلىدى. قوزغىلاڭچىلار ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى «ئىتالىيە» («موزاي دۆلىتى» دېگەن مەنىدە) نى قۇردى. رىمنىڭ ئەندىزىسى بويىچە سىنات (ئاقساقاللار كېڭىشى) تەسىس قىلىدى. ھۆكۈمدار قويدى ۋە ئۆز ئالدىغا مىتال پۇل قۇيدى. پۇلغا «بۆرىنى چەيلەۋاتقان موزاي» سۈرىتى- ئىتالىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر بۇقىنىڭ رىمنىڭ سىمۋولى بولغان چىشى بۆرىنى كۈچلۈك مۈڭگۈزلىرى بىلەن يەرگە يېقىتىپ، قاتتىق تۇياقلىرى بىلەن چەيلەۋاتقان سۈرىتى ئويۇپ چۈشۈرۈلگەن.

   قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جەنۇپ-شىمال ئۇرۇش رايۇنلىرىدا رىم قوشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك ئېلىشتى، جەڭدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلغان چاغلىرىمۇ، مەغلۇپ بولغان چاغلىرىمۇ بولدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 90-يىلى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى لۇپ باشچىلىقىدىكى رىم قوشۇنى تولىننا دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، لۇپ ۋە 8000 نەپەر سەركەردە-لەشكەر ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ جەستى رىم شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنگەندە، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. رىم سىناتى كىشىلەرنىڭ بۇنداق پاجىئەنى كۆرۈپ، ئەسكەر بولۇپ جەڭ قىلىشنى خالىماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن جەڭدە قازا قىلغانلارنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە دەپنە قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. رىم قوشۇنلىرى جەڭ مەيدانلىرىدا تۈزۈكرەك غەلىبە قىلالمىغاچقا، سىنات ھەربىي كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يول قويۇش سىياسىتىنى يولغا قوللىنىپ، رىمغا سادىق ئىتالىيىلىكلەرگە رىم پۇقراسىلىق ھوقۇقىنى بېرىشنى قارار قىلدى. كېيىن يەنە ئىككى ئاي ئىچىدە قورالنى تاشلىغانلىكى ئىتالىيىلىكلەرمۇ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ، دەپ جاكارلىدى. قوزغىلاڭچى قوشۇن بۇنىڭ بىلەن تېزلا پارچىلاندى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 88- يىلى ئاپولىيە قانلىق ئۇرۇشىدا 6000 نەپەر قوزغىلاڭچى سەركەردە-لەشكەر ئۆلدى. قوزغىلاڭ ئاخىر مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، پارچە-پۇرات ئۇرۇشلار خېلى يىللارغىچە داۋاملىشىپ تۇردى.

   بۇ ئۇرۇش تارىخى ساتىرىك خاراكتېرىنى ئالغان ئۇرۇش بولدى. قوزغىلاڭچىلار گەرچە جەڭگاھلاردا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئۇلار بەرىبىر كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتتى. ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان رىملىقلار پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئىتالىيانلارغا كەڭ تۈردە بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئۇرۇش قەدىمكى رىم تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىچە رىم-ئىتالىيە «فېدېراتسىيىسى» دىن پۈتۈن ئىتالىيە بىرلىككە كەلگەن رىم دۆلىتىگە ئايلىنىپ، رىم جۇمھۇرىيىنىڭ ئىمپېرىيىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاندى.  

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 495 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01