ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ماخاپ قوزغىلىڭى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئالدىنقىلار يىقىلسا، كىيىنكىلەر ئىزىنى بېسىپ ئەركىنلىك

ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ

 

ماخاپ قوزغىلىڭى

 

    بۇ قەدىمكى پەلەستىن يەھۇدىيلىرىنىڭ سېلىفكى خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، يەھۇدىي دىنىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش يولىدا كۆتۈرگەن بۈيۈك مىللىي قوزغىلىڭىدۇر.

   مىلادىدىن ئىلگىرىكى 332- يىلى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندېر شەرقكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنىنى باشلاپ پەلەستىننى ئىشغال قىلدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 198- يىلى پەلەستىن يەنە سۈرىيە پادىشاھلىقىدىكى سېلىفكى خاندانلىقىنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ، پەلەستىن يەھۇدىيلىرى دەھشەتلىك مىللىي قۇل قىلىشنىڭ زۇلۇمىغا ۋە يولسىز دىنى زۇلۇمغا دۇچار بولدى.ېلىفكى پادىشاھى ئانتىئوخⅥ يەھۇدىي دىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپ، زورمۇزور گرېكلەشتۈرۈشنى يولغا قويدى ھەمدە قۇددۇس (ئېروسالىم) ئىبادەتخانىسىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى. يەھۇدىي كاھىنى ماتتاتىيا ۋە ئۇنىڭ بەش ئوغلى يەھۇدىي دىنىغا ئېتقات قىلىدىغان بىر تۈركۈم تەقۋادار يەھۇدىي ئاھالىسىگە باشلامچىلىق قىلىپ غەليان كۆتۈردى. ئاندىن كېيىن تاغ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، سېلىفكى خاندانلىقىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتتى. كېيىنكى يىلى ماتتاتىيا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئوغلى ئېۋىدېئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئاتامانى بولدى. ئۇنىڭ لەقىمى «ماخاپ» (يەھۇدىي تىلىدا «بولقا» دېگەن مەنىدە) بولغاچقا، كېيىنكى كىشىلەر بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى «ماخاپ قوزغىلىڭى» دەپ ئاتىغان. ئېۋىداننىڭ قۇماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن ئۆزلىرىنى قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن كەلگەن سېلىفكى قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 164- يىلى قۇددۇسنى (ئېروسالىمنى) قايتۇرۇۋالدى. ۋە قۇددۇس ئىبادەتخانىسىنى قايتا قۇردى ھەمدە ئىبادەتخانىدا يىڭىۋاشتىن دۇئا-تىلاۋەت قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەپ ئۇدا سەككىز كۈن كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيلار بۇنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىبادەتخانا رېمونت قىلىش بايرىمى قىلدى. ماخاپ قوزغىلىڭىنىڭ غەلبىسىدىن كېيىن قۇددۇس ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن ياسالغانلىقى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بۇ ئىبادەتخانا ئۈچۈن زور تۆھپە بولغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ بايرامنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

   مىلادىدىن ئىلگىرىكى 161- يىلى ئېۋىدا جەڭدە قازا قىلدى، ئىنىسى جوناخ ئېۋىداننىڭ ئورنىدا قوزغىلاڭچىلارغا داھىي بولۇپ، زوراۋانلىققا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. بۇ چاغدا سېلىفكى خاندانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىش كۆرىشى يۈز بېرىپ، قوزغىلاڭچىلار ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاندى. سېلىفكى پادىشاھ ئاۋۋاك جوناخاننى پەلەستىن يەھۇدىيلىرىنىڭ چوڭ كاھىنى قىلىپ تەيىنلىدى، كېيىن يەنە يەھۇدىيلارنىڭ مەڭگۈ ئولپان تاپشۇرماسلىقىغا قوشۇلدى. ھالبۇكى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 143- يىلى جوناخاننى ئالداش ۋاستىسى بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ ئۆلتۈرۈلدى، ئىنىسى سېمىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى بولۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 142- يىلى سېلىفكى پادىشاھى دىمىدىيۇⅡيەھۇدىيلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە سېمىن بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، يەھۇدىيلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە تولۇق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا رۇخسەت قىلدى ۋە ئانتىئوخ Ⅵنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتىقان دىنىي زۇلۇمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سېمىننى بولسھا يەھۇدىيلار ئېلىن ىڭ باش كاھىنى دەپ ئېتىراپ قىلدى، يەھۇدىيلار سېلىفكى خاندانلىقىغا ئولپان تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

   شۇنداق قىلىپ پەلەستىن يەھۇدىيلىرى 25 يىل تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سېلىفكى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئاخىر قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە دىنىي ئېتقاد ئەركىن لىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. قۇددۇسنى پايتەخت قىلىپ، سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن مۇقەددەس يەھۇدىيلار پادىشاھلىقىنى قۇردى. بۇ پادىشاھلىق تارىختا «ماخاپ پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 586- يىلى يەھۇدىيلار پادىشاھلىقى بابىلون پادىشاھى نىبجانسان تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن بۇيان تۆت يېرىم ئەسىر ياد مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشتى، شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىدا بۇ قوزغىلاڭ يەھۇدىي خەلقىنىڭ سىرتتىن كەلگەن كۈچلۈك دۈشمەنلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئېتقادىنى قوغداش ئۈچۈن قەيسىرانە كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى، ماخاپ جەمەتىمۇ 2000 يىلدىن بۇيان يەھۇدىي خەلقى ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەپ كەلگەن مىللىي قەھرىمانلاردىن بولۇپ قالدى.

  

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 341 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01