ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشى

 

پونى ئۇرۇشى

 

   پونى ئۇرۇشى رىم بىلەن كارفاگېندىن ئىبارەت قەدىمكى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ غەربى قىسىمىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزسىدىن ئېلىپ بېرىلغان مەشھۇر ئۇرۇشتۇر. مىلادىدىن ئىلگىركى 3- ئەسىردە رىم ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن تەسىر دائىرسىنى پائال تۈردە چەت ئەللەرگە كېڭەيتىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ غەربىي قىسىمىدا دۇچ كەلگەن كۈچلۈك رەقىبى كارفاگېن ئىدى. كارفاگېن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە فىنكىيە شەھىرىدىكى تېيلور بەرپا قىلغان مۇستەملىكە بولۇپ، بۈگۈنكى شىمالى ئافرىقىدىكى تۇنسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. كارفاگېنلىقلار سودىغا ماھىر خەلق بولۇپ، شەرقتە سېتسېلىيە ئارىلىدىن تارتىپ غەربتە بولۇتۇ بوغىزىدىكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ غەربى قىسىمىغىچە بولغان رايۇنلار ئۇلارنىڭ سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دائىرسى ئىدى. رىمنىڭ تەسىر دائىرسىنى چەتئەللەرگە كېڭەيتىشى كارفاگېننىڭ پايدا-مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاچقا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كارفاگېنلىقلار فىنكىيىلىكلەرنىڭ بىر تارمىقى بولغاچقا، رىملىقلار ئۇلارنى پونلىقلار ( «پالمىچى خەلق» دېگەن مەندە) دەپ ئاتىشاتتى. شۇڭا، بۇ ئۇرۇش «پونى ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان.

   مىلادىدىن ئىلگىرىكى 265- يىلى سىراكوزىلىقلار سىتسېلىيە ئارىلىدىكى مىسسىنا شەھىرىنى قورشىۋالدى. قورشاۋدا قالغانلار ئىچىدىكى بىر گۇرۇھ ئۆزلىرىنى قوغداشقا كارفاگېنلىقىلارنى تەكلىپ قىلىشنى، يەنە بىر گۇرۇھ بولسا، رىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 264- يىلى رىم ئەسكەر چىقىرىپ مەزكۇر شەھەرنى ئىشغال قىلىپ، بۇ شەھەرگە ئۆزىدىن بۇرۇن كىرگەن كارفاگېن قوشۇنلىرىنى قوغلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى. ئۇرۇش جەريانىدا رىملىقلار «ئاسما كۆۋرۈڭ» لۈك يېڭى كېمە ئىشلىتىپ، دېڭىز ئۇرۇشىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. مىلادىدىن ئىلگرىكى 256- يىلى رىملىقلار ئەۋەتكەن قوشۇن دېڭىزدىن ئۆتۈپ، كارفاگېنغا ھۇجۇم قىلىشتا يېڭىلىپ قايتىش سەپىرىدە بوراندىن كۆتۈرۈلگەن دولقۇنغا دۇچ كېلىپ پۈتۈنلەي دېڭىزغا غەرق بولدى. بىراق، رىم يېڭىۋاشتىن فلوت تەشكىللەپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 241- يىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا كارفاگېن دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى. كارفاگېن تىنچلىق شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، سىتسېلىيە ئارىلىدىكى بارلىق يەرلىرىنى رىمغا بۆلۈپ بېرىشكە، 3300 تالانتۇن تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.

   رىمدىن قىساس ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن كارفاگېننىڭ باش قۇماندانى ھەننىبال مىلادىدىن ئىلگىرىكى 218- يىلى لەشكەر تارتىپ، قارلىق ئالىپ تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلدى-دە، 2- قېتىملىق پونى ئۇرۇشى باشلاندى. ھەننىبالنىڭ تىغ ئۇچىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى كۆزلىگەن رىم قوشۇنلىرىنىڭ باش قۇماندانى فېبيان ماكسىم ئايلىنىپ ئۆتىۋېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھەننىبال بىلەن ھەپىلىشىپ تۇردى (يېقىنقى زاماندا ئەنگىلىيە فېبيان جەمئىيىتى فېبيان ماكسىمنىڭ ئايلىنىپ ئۆتۈپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھۇجۇمنى كېچىكتۈرۈپ، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇش تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز تەشكىلاتىغا نام قويدى). بىراق، ئارىسدىن ئۇزۇن ئۆتمەي رىم تېز سۈرئەتتە جەڭ قىلىپ، تېز ھەل قىلىشنى  تەشەببۇس قىلىدىغان ۋارونى باش قۇماندانلىققا تەيىنلىدى. 2- يىلى 80 مىڭ كىشىلىك رىم قوشۇنى كاننا ھەل قىلغۇچ جېڭىدە قاتتىق يېڭىلدى. 50 مىڭ ئادىمى ئۆلدى، 18 مىڭ ئادىمى ئەسىرگە چۈشتى، ئىككى نەپەر سەركەردىسىدىن بىرى قازا قىلدى، بىرى قېچىپ كەتتى. كارفاگېن قوشۇنىدىن ياردار بولغان ۋە ئۆلگەنلەر پەقەت 6000 كىشىلا بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش قەدىمكى زاماندىكى مەشھۇر ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنلا رىم بىلەن ئىتتىپاقداش شەھەرلەر كەينى-كەينىدىن رىمدىن يۈز ئۆرۈدى. رىم فېبيان ئىستىراتېگىيىسىنى يەنە بىر قېتىم قوللىنىپ، ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىپ، كۈچ توپلىدى، ئاندىن قايتۇرما ھۇجۆۇمغا ئۆتۈپ، كاپۇيا قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن سىبىئا رىم قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئىسپانىيە يېرىم ئارىلىدىكى كارفاگېن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارقىدىنلا ئىسپانىيىدىن ئاتلىنىپ، دېڭىز ئارقىلىق ئۇدۇللا شىمالىي ئافرىقىدىكى كارفاگېننىڭ ئۆزىگىلا تېگش قىلدى. كارفاگېن باش قۇماندان ھەننىبالنى ئىتالىيىدىن چاقىرتىۋالدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 202- يىلى ئىككى دۆلەت قوشۇنى زامادا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. بۇ جەڭدە كارفاگېنلىقلار ئېغىر چىقىمدار بولغاچقا، كېيىنكى يىلى تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشۈپ، چەت ئەللەردىكى بارلىق زېمىنىدىن ۋاز كېچىشكە، جەڭ كېمىلىرىدىن ئۆزىگە ئوننى قالدۇرۇپ، قالغىنىنى پۈتۈنلەي تاپشۇرۇپ بېرىشكە، 10 مىڭ تالانتۇن تۆلەم تۆلەشكە، رىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشماسلىققا مەجبۇر بولدى. دېمەك، رىم ئۆزىگە سېلىنغان ئەجەللىك تەھدىتىنى يوقاتتى، كارفاگېن بولسا كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىدىن مەھرۇم قالدى.

   كارفاگېنلىقلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇرۇش جاراھەتلىرىنى تېزدىن ساقايتىۋالدى. سودا ئىشلىرىنى يىڭىۋاشتىن گۈللەندۈردى. دۆلەتنىڭ كۈچىنى پەيدىنپەي ئۇلغايتتى. رىم سىناتى (ئاقساقاللار مەھكىمىسى) كارفاگېننىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كارفاگېننى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش قارارىغا كەلدى. رىملىقلار ئالدى بىلەن غەربتىكى قوشنىسى نومىيىنى ماجرا تۇغدۇرۇشقا كۈشكۈرتتى. ئاندىن كارفاگېننىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 201- يىلى تۈزۈلگەن تىنچلىق شەرتنامىسىگە خىلاپ، دېگەن باھانە بىلەن مىلادىدىن  ئىلگىرىكى 149- يىلى كارفاگېننى قورشاۋغا ئېلىپ، 3- قېتىملىق پونى ئۇرۇشىنى قوزغىدى. كارفاگېن ئۆزىنىڭ ئەسكىرى كۈچىدىن ئون ھەسسە ئارتۇق دۈشمىنىگە قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلالمىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 146- يىلى رىم بۇ شەھەرنى بېسىۋالدى. كارفاگېن ئاھالىسى قۇل قىلىنىپ سېتىۋېلىندى، شەھەر كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىلدى. يەرلىرى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. كارفاگېن ئاخىرى گۇمران بولدى، زېمىنى رىم مەمۇرى ئۆلكىسىگە ئايرىپ بېرىلدى. رىم دۆلىتى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايۇنىدا تەڭداشسىز ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى.  

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 615 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01