ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پېللىئوسنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئەجرى بىكارغا كەتكەن تۆھپىسىز يۈرۈش

 

 پېللىئوسنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى

 

   پېللىئوسنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئېپرۇس پادىشاھى پېللىئوس قوشۇنلىرىنىڭ رىم  ۋە كارفاگېنغا قوللانغان ھەربىي ھەركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   سامۇناي ئۇرۇشىدىن كېيىن رىملىقلار ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرسىنى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە يەنىمۇ كېڭەيتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 281- يىلى رىم مەزكۇر رايۇندىكى گرېتسىيىنىڭ كۆچمەنلەر شەھىرى تارنتقا جەڭ ئېلان قىلدى، رىم قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن تارنت شىمالىي گرېتسىيىدىكى ئېپرۇس پادىشاھى پېللىئوستىن ياردەم تىلىدى. پېللىئوس ئالېكساندېرنىڭ «ئۇلۇغ تۆھپىسى» گە مەستانە بولغان سىياسىي تەۋەككۇلچى بولۇپ، ئۇ بۇ چاغدا دەل ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ غەربى قىسىمىدا ئىمپېريە قۇرۇش خام خيالىدا بولۇۋاتاتتى. تارنتىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ تەسىر دائىرسىنى غەبكە كېڭەيتىش ئارزۇسىغا تازا ئۇيغۇن كەلگەنىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 280- يىلى ئەتىيازدا پېللىئوس ئىلەىرىكى تولۇق قۇراللانغان 22 مىڭ پىيادە ئەسكەر، 3000 ئاتلىق ئەسكەر ۋە 20 تۇياق ئۇرۇش پىلىنى باشلاپ، جەنۇبىي ئىتالىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تارنتنىڭ جەنۇبىدا رىم قوشۇنلىرى بىلەن بىرىنچى قېتىم تۇتۇشتى. بۇ جەڭدە پېللىئوسنىڭ جەڭ پىللىرىدىن قورقۇپ كەتكەن رىم چەۋەندازلىرى تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. پېللىئوس غەلبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، رىم شەھىرىگە قىستاپ كەلدى. ئالدىراپ قالغان رىملىقلار دەرھال ياردەمچى قوشۇنلارنى يۆتكەپ، رىم شەھرىنى قوغداش ئۈچۈن پرۇلېتارلاردىن ئەسكەر قوبۇل قىلدى. پېللىئوسنىڭ قوشۇنلىرى ئىتالىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، 2- يىلى ئەتىيازدا ئاپۇلىيىدە رىم قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. بىراق، پېللىئوسمۇ زور بىر تۈركۈم جانلىق كۈچىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇرۇشتىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ غەلبىسىنى مۇبارەكلىگەندە، پېللىئوس: «ئەگەر مۇشۇنداق غەلىبىگە يەنە بىر قېتىم ئېرىشسەم، ئەسكەرسىز قۇماندان بولۇپ قالغۇدەكمەن» دېگەنىكەن. ياۋرۇپا تىللىرىدىكى «پېللىئوسچە غەلىبە» دېگەن تەمسىل ئەنە شۇ ۋەقەدىن كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پېللىئوس قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىدىن ئۆز ۋاقتىدا پايدىلانمىدى. رىملىقلار بولسا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، كارفاگېن بىلەن بىرلىكتە پېللىئوسقا ئورتاق قارشى تۇرۇش شەرتنامىسى تۈزۈشتى.

   مىلادىدىن ئىلگىرىكى 278- يىلى پېللىئوسنىڭ قوشۇنلىرى كارفاگېن بىلەن تۇتۇشۇۋاتقان گرېتسىيىنىڭ كۆچمەنلەر شەھىرى سېراكوزىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سىتسېلىيىگە ئايلاندى. پېللىئوس كارفاگىن بىلەن ئۈچ يىل تۇتۇشۇپ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن رىملىقلار جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەرنى ئالدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 276- يىلى پېللىئوس ئۆزىنىڭ ئىتالىيىدىكى ئىتتىپاقدىشى سامۇنايلارنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ئۆز قوشۇنلىرىنى ئىتالىيىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى. پېللىئوس فىلوتىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك كېمىلىرى يول ئۈستىدە كارفاگىن قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان پېللىئوس قوشۇنلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى 275- يىلى  پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان رىم قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. پېللىئوس قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ، ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى. پېللىئوسقا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى رىملىقلارنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 448 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01