ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

سامۇناي ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

رىم ھۆكۈمرانلىقىنى قۇرۇش يولىدىكى مۇھىم

بىر قەدەم

 

سامۇناي ئۇرۇشى

 

   سامۇناي ئۇرۇشى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتۇر.

   مىلادىدىن ئىلگىركى 6- ئەسىردە رىملىقلار تەسىر كۈچىنى شىمالدىن جەنۇپقا كېڭەيتىپ، ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغىچە سوزۇلۇپ، بارا-بارا سامۇنايلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. سامۇنايلار ئاپىننىن تاغلىق رايۇنىدا ياشايدىغان كۈچلۈك قەبىلە ئىدى. ئۇلار ياخشى يايلاق تېپىش، تالان-تاراج قىلىپ ئولجا ئېلىش ئۈچۈن قوشنا رايۇنلارغا دائىم كۆچۈپ باراتتى ھەمدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. غەربى جەنۇبتىكى باي كامبانىيە ئۇلار ئۈچۈن تازا باب كېلىدىغان ھۇجۇم نىشانى ئىدى. بىراق، بۇ يەرگە رىم قۇلدارلىرىمۇ ئىزچىل تۈرىدە چىشىنى بىلەپ كەلگەنىدى.

   مىلادىدىن ئىلگىرىكى 343- يىلى سامۇنايلار كامبانىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، رىم كامبانىيە بىزدىن ياردەم تەلەپ قىلدى، دېگەن باھانە بىلەن ئەسكەر چىقاردى-دە، 1- قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشى پارتىلىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 342- يىلى رىملىقلار چېكتۇرۇستا غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، بىراق ئېغىر چىقىم تارتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 341- يىلى ئىككى تەرەپ تىنچلىق شەىرتنامىسى ئىمزالاپ رىملىقلار كاپۇيا ۋە كامبانىيىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىشغال قىلدى، سامۇنايلارمۇ تېنئامدا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 327- يىلى رىملىقلار كاپۇيانىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى شەھىرى نېئاپولنى قورشاۋغا ئالدى. بۇ ھال 2- قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشىغا تۇترۇق بولۇپ بەردى. دەسلەپتە رىملىقلار تۈزلەڭلىك رايۇنلاردا ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قازانغانىدى. بىراق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 321- يىكلى سامۇنايلار كافوكىيە جىلغىسىدا رىملىقلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇشۇرۇن زەربە بېرىپ، 50 مىڭ كىشىلىك رىم قوشۇنىنى قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. سامۇناي سەردارلىرى كىتىئاسنىڭ ئالدىدا بارلىق رىم ئەسىرلىرى «بويۇنتۇرۇقتىن ئۆتتى» (يەنى ئىككى نەيزە يەرگە سانقىپ تۇرغۇزۇلۇپ، بىر نەيزە ئۈستىگە توغرىسىغا توختىتىپ قويۇلۇپ، ئەسىرلەر بۇنىڭ تېگىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكەن). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تەكەببۇر رىملىقلارنىڭ باشقىلارنى ھاقارەت قىلىپ قوللىنىدىغان ئۇسۇلى ئىكەن. سامۇنايلار ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن بابلىغانىدى. بۇ ئېغىر ھاقارەتنى يۈرىكىدە چىڭ ساقلىغان رىملىقلار ئۆز قوشۇنىنى رەتكە سېلىپ، تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 314- يىلى بۇرۇن تارلاجرو جېڭىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېلىپ، سامۇنايلارنى كامبانىيىدىن ھەيدەپ چىقاردى. بىراق، سامۇنايلار بۇنىڭغا تەن بەرمىدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار يەنە ئىتتىپاقداش قوشۇن تەشكىللەپ، رىمنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇل ئىستىكامىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 289- يىلى 3- قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشى باشلاندى. سامۇنايلار ئۈچ يىلدىن كېيىن ئېسلولار، كېلىتلەرنىڭ ياردىمىدە ساسفراتودا رىم قوشۇنى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى، جەڭدە رىملىقلار غەلىبە قىلدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 293- يىلى سامۇنايلار ئاكۇيلونىيىدىكى ئۇرۇشتا يەنە مەغلۇپ بولدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 290- يىلى سامۇنايلار تەسلىم بولۇپ، زېمىنىنى بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى ۋە رىم ئىتتىپاقىغا كىردى.

   3- قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشىدىن كېيىن رىم ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، بۇ-  رىم ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ قالدى.

  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 408 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01