يۇقۇرى قان بېسىم بېمارلىرنى ئائىلىدە كۇتۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

1.يىمەكلىك ئىستىمال قىلغاندا تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش، ھەر كۈنى 5~10گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك.

2.ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىش،يەڭگىل مۇۋاپىق  ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىشى كېرەك، مەسىلەن: سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ئۇسۇل ئويناش، ئۆزى ياخشى كۆردىغان يىنىك تەنتەربىيە پالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قان بېسىمىنى تۇراقلىق ھالەتتە ساقلاشقا پايدىلىق.

3.  قان بېسىمنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، قاندا ماي تەركىبىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز  ئىستىمال قىلىش ، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى يېمەسلىك، دائىم بېلىق، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، قارا قېرىنقۇلاق، دولانا(شەنجا) قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك. سېمىزلار بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا سەل قارىماسلىغى  كېرەك.

4.ئۇخلاپ ئويغانغاندا، ياتقان چاغدا، ئورنىدىن تىز تۇرۇپ كەتمەي ئاۋۋال ئولتۇرۇپ ئاندىن تۇرۇش كېرەك.

5. قان بېسىم دورىسى، ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىستىمال قىلىش كېرەك. قان بېسىم دورىسىنى تۇيۇقسىز توختاتماسلىق،دورىنىڭ  ئەكىس تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

6. ئاسان ھەزىم بولدىغان ماي تەركىبى توۋەن ئاقسىل ۋېتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش  كېرەك. چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

7. مۇقىم ھەم خوشال كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈپ، جىددىيلىشىشتىن، ھاياجانلىنىشتىن، تەشۋىشلىنىشدىن ساقلىنىش،  قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 936 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01