تاجىسىمان يۈرەك قان تومۈر كېسىلى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تەرتىپلەر

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

1.يېمەكلىكلەرنى ئىلمى ئىستىمال قىلىش، مايلىق ھەم خولېستېرىن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش، مەسىلەن، تۇخۇم سېرىقى، ، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى قاتارلىقلار. گۆشنى ئاز يېيىش، بېلىق، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى ھەم ۋىتامىن كۆپ بولغان كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش.

2.تاماقنى كونترول قىلىپ، ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش.

3.تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش، كۈندە10گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك.

4.تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك.

5.تۇرمۇشى رىتىملىق بۇلۇش، جىددىيلىشىش ھەم ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش. چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قېنىپ ئۇخلاش.

6.يەڭگىل ھەركەتلەر بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، گىمناستىكا ئويناش، سەيلە قىلىش.

 7.    ئەگەردە يۇقىرى قان بېسىمى بولسا دوختۇرنىڭ رېتسىپى بۇيىچە ئۇزۇن مۇددەت قان بېسىمى چۈشۈرۈش دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىپ، قان بېسىمىنى نورمال ياكى تۆۋەن ھالەتتە ساقلاش كېرەك. ناۋادا  بۇ خىل كېسەلگە دىئابىت ، قاندا ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان كېسەللەر ئەگىشىپ كەلسە كېسەللىك ئەۋۋالى مۇرەككەپلىشىپ داۋالاش قىيىنلىشى ھەتتا ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن.

8.دائىم يۈرەك سانجىقىنى يەڭگىللىتىش دورىلىرىنى ياندا ساقلاش، لازىم بولغاندا دەرھال ئىستىمال قىلىش. ئەگەردە دائىم ئاغرىش ياكى دورا ئىستىمال قىلسىمۇ ئاغرىقنى پەسەيتەلمىسىە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. كەيپىياتىنى كونترول قىلىپ زىيادە ھاياجانلىنىشىش ياكى ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش، تۇراقسىز كەيپىياتنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۇزدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 771 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01