تاتار نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     يازما خاتىرىلەردە ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ 6-ئەسىردىكى ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ بولۇپ ئەسلىدە ياپۇن دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان ئامۇر (خېلۇڭجاڭ) دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا ياشايدىغان توڭگۇس تىللىرى ئائىلىسىدىكى بىر قەبىلىلەر توپىنىڭ نامى ئىدى. ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ  تاتار دىگەن نام ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻰ بولۇپ قالدى. ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ . ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻣﯘ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ باتۇخان شەرقى ياۋروپانى بويسۇندۇرغاندىن كېيىنكى ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . بۈگۈنكى ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ  ئەسلىدىكى ئىدىل(بۈگۈنكى ۋولگا) دەرياسى بويىدىكى ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ، باتۇخانغا ئەگىشىپ ۋە ئەسكەر بولۇپ دەشتى قىپچاقتىن كۆچۈپ كەلگەن ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 20 - 30 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻥ ، ﺷﻪﻣﻰ ، ﺯﺍﻳﺴﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯩﻠﻰ ، ﭼﯚﭼﻪﻙ ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ .

   رۇسلارنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمى بەكلا كېيىن بولغاچقا  بىر مەھەل پۈتۈن ئوتتۇرا ۋە شىمالى ئاسىيالىقلار تۈركلەر تاتار دەپ ئاتالغان. تۈركلەرنىڭ ھۆكمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان موڭغۇللارمۇ مىللىي كىملىكى ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن تۈركلەرگە قوشۇلۇپ تاتار دەپ ئاتالغان. كېيىن موڭغۇللار قەد كۆتەرگەندىن كېيىن، تۈركلەر ئاق تاتار، موڭغۇللار قارا تاتار دەپ ئاتالغان. ھازىرقى تاتارلار بولسا قەدىمدىن بېرى ۋولگا دەرياسى بويىدا ياشاپ كەلگەن تۈركلەر بولۇپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ۋولگارلار ياكى بۇلغارلار دەپ ئاتالغان كىشىلەردۇر. ھازىرقى بولغارىيىلىكلەر بولسا تاتارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغاندىن كېيىن بولغار دىگەن ئىسىم ساقلىنىپ قالغان.
  13-ئەسىردە رۇسلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى باتۇخان قوشۇنلىرىنى تاتارلار دەپ تونۇشى نەتىجىسىدە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئاھالىسىمۇ تەدرىجى تاتارلار دەپ ئاتىلىپ قالغان. ھازىرقى تاتارىستان زىمىنى ئەسلىدە بۇلغار دەپ ئاتىلىدىغان، 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىسلام دىنىغا مۇۋەپپەق بولغان تۈركى خەلقنىڭ يېرى بولۇپ، رۇسىيەگە يۈرۈش قىلغان باتۇخاننىڭ400مىڭ كىشىلىك  ئوتتۇرا ئاسىيا قوشۇنىدا  ئاران بەشمىڭچە موڭغۇل بولغاچقا ئىدىل ۋادىسىغا كېلىپ كۆپ ئۆتمەيلا  يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە يەرلىك تۈركى خەلقلەر تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە قىلىنغان. ئالتۇن ئوردا خانلىقىمۇ سېپى ئۆزىدىن تولۇق ئىسلاملاشقان تۈركى مىللەتلەرنىڭ خانلىقى بولۇپ قالغان.

    تاتار-باشقىرتلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتى بولغان ئالتۇن ئورداخانلىقىنىڭ پارچىلىنىشى قازان خانلىقى، ئاستىراخان خانلىقى نوغاي خانلىقىنىڭ چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تاتارلار رۇسلارنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان ۋە دەھشەتلىك ئېغىر زۇلمىغا دۇچ كەلگەن. 19-ئەسىردە خىرىستان دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلانغانلىقتىن دىنىنى ئۆزگەرتكەن تاتارلار 300مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولغان(ھازىر كەرشىن تاتار دەپ ئاتىلىدىغان خىرىستان تاتارلار رۇسلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىش ۋە قايتىدىن ئىسلام دىنىغا كىرىش نەتىجىسىدە 30مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى). رۇسلارنىڭ زۇلمى تاتارلارنى تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تۈركۈملەپ كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. شىنجاڭغا كەلگەن تاتارلار شۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى.

 

 

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-4-17 11:54:58]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 681 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01