ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئۇيغۇر 12 مۇقامى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 3 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئۇيغۇر 12 مۇقامى

 

 

ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۆز ئىچىدىن < چوڭ نەغمە > ، < داستان > ، < مەشرەپ > قاتارلىق ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.

ئۇلارنىڭ رەت تەرتىۋى ۋە مۇقام ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە :

راك مۇقامى 24 نەغمە .

   چوڭ نەغمىسى 13 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

راك -- بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . ئۇ ئەسلىدە سانسىىكرىتچە سۆز بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى "ئاھاڭ" ، "كۈي" دېگەندىن ئىبارەت . بۇ سۆز ھازىرمۇ سېرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ تىلىدا "كۈي" ، "ئاھاڭ" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىكەن .

 

. چەپبايات مۇقامى 24 نەغمە .

  چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

چەپبايات -- "چەپبايات" ، " بايات" دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ، پارىسچىمۇ ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ، باشقىلار ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇ ئەمەس .

"بايات" -- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "خۇدا" ، "تەڭرى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . "چەپبايات" ئاتالغۇسى "بايات" بىلەن باغلىق ، بۇ ئەسلىدە "چاپ" -- قۇدرەتلىك ، ئالىي دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن "بايات" دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان . يەنى "چاپ" + "بايات" = چاپبايات" -- ئۇلۇغ خۇدا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

 

. مۇشاۋرەك مۇقامى 31 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 17 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 6

"مۇشاۋىرەك" مۇقامىنىڭ نامى بىرئاز مۇرەككەپ ، بۇنداق نام پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇقاملىرى ، كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامىدا يوق . بۇمۇ شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرلارغا خاس ئىسىمدۇر . "مۇشاۋرەك" سۆزىنى "مۇش + ئاب + راك " دېگەن قىسىملارغا بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇ تەركىبلەر ئىچىدىكى "مۇش" سۆزى پارسچىدىكى "نۇش" (ئىچىش) نىڭ ئېغىز تىلىدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن . "رەك" -- "راك" سۆزى بولۇپ يۇقۇرقى سانسىكرىتچە "كۈي " دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئەگەر شۇنداق بولسا "مۇشاۋرەك" ئاتالغۇسى "نۇش+ئاب+راك" تەركىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان <<شاراپ ئىچىش كۈيى>> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

 

چارىگاھ مۇقامى 29 نەغمە.

چوڭ نەغمىسى 9 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

ئۇيغۇر مۇقاملىرى نامىدىكى "گاھ" بىلەن ياسالغان سۆزلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ . "گاھ" سۆزىنىڭ پارسچە سانلار بىلەن بىرىكىپ كەلگىنىگە قاراپ ، بۇ ، مۇقاملارنىڭ رەت - نومۇرىنى بىلدۈرسە كېرەك ~ دېگەن پەرەزلەرمۇ بولغانىكەن . شۇڭا "چارگاھ" 4 - ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ تۆتىنچى رەتكە تىزىلغان ، "پەنجىگاھ" 5 - ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى قىلىپ رەتكە تىزىلغان . لېكىن "سىگاھ" مۇقامىغا كەلگەندە بولسا ، بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىنمىغان . "سىگاھ" 3 - ئورۇن مەنىسىدە بولۇپ ، مۇقاملار ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇننى بەلگىلىسىمۇ ئەمىلىيەتتە 11 - ئورۇنغا تىزىلغان .

پارسچىدىكى "گاھ" سۆزى "ئورۇن ، جاي ، ۋاقىت ، دەرىجە " دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە مۇزىكىغا خاس بولغان ئاۋاز ئورنى 音调 نىمۇ بىلدۈرىدىكەن . بۇ ھەقتە " تەۋارىخىي مۇسقىيۇن" ناملىق ئەسەردە ئازراق توختالغان .

 

. پەنجىگاھ مۇقامى 28 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 17 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 6

[/color]يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك "پەنجىگاھ" مۇقامىدىكى "پەنىج -- بەش" دېگەن پارسچە سانلارنىڭ مۇقاملارنىڭ رەت نومۇرىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنىدىن بىشارەت بېرىدۇ . يەنى پارسچىدىكى پەنج -- سۆزى بەش دېگەننى بىلدۈرىدىكەن . شۇڭا "پەنجىگاھ" مۇقامى مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغانىكەن .

 

ئۆزھال مۇقامى 28 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 16 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 6

"ئۆزھال" مۇقام نامى قەدىمكى نام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مۇقامنىڭ نامىنى ئىككى خىل چۈشىنىش مۈمكىنكەن . بۇ نام مۇقام تېكىستلىرىدە "ئۆزخال" دەپ بېرىلگەن .تەپسىلاتى "تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن" دا "ئاوزخال" سۆزىنى "ئۆزھال" دەپ تىرانسىكىپىسىيە قىلغان . ھازىرقى تەلەپپۇزدىكى "ئۆزھال"، "ئۇزھال" دەپ ئېيتىلىۋاتىدۇ . ئىككى خىل ئەھۋالدا بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ . لېكىن ئېتمولوگىيە جەھەتتە ئۇيغۇرچە "ئۇز" ياكى "ئۆز" سۆزى بىلەن ئەرەب - پارسچىدىكى "خال - ھال" سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان . "ئۆز" بولغاندا - "ئۆز ئەھۋالى ، شەخسىي ھال - مۇڭى " مەنىلىرىنى بىلدۈرسە ، ئىككىنچى ئەھۋالدا يەنى "ئۇزھال" بولغاندا "گۈزەل ھالەتلەر" ، "ئۇزكەيپىياتلار" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

يەنە بىر تەرەپتىن ، تىلىمىز تارىخىدىن قارىساقمۇ ~ "ھال" دېگەن سۆز چىڭگىزخان ھەربىي يۈرۈشلىرىدىن كېيىن پەيدا بولغان "چاغىتاي" تىلى بىلەن باغلىق بولمىغان ھالدا ، ئونىنچى ، ئونبىرىنچى ئەسىرلەردىلا ، تىلىمىزغا سىڭىپ كىرگەنىكەن.

 

. ئەجەم مۇقامى 17 نەغمە .

 

چوڭ نەغمىسى 6 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

" ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن مۇقاملىرىنىڭ نامى بەزى مۇزىكا قائىدىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە قويۇلۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بىر خىل مۇزىكا - كۈيلەرنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ."ئەجەم" (پارس ، ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر) "ئىراق" دېگەن ناملارمۇ يۇقۇرىغا ئوخشاش . جاي ناملىرى ۋە شۇ جايغا بېغىشلانغان ياكى شۇ جايغا ئائىت كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولۇپ ، كېيىنچە ، ئەنئەنىۋى تىل بويىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئۆزلىشىپ قالغانلىقى مۇزىكا - كۈي ئەنئەنىسىنىڭ ۋە تىل تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ .

 

ئوششاق مۇقامى 23 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 14 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

"ناۋا"، "ئوششاق" دېگەن ناملار ئەسلىدە XV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ "مۇقام" نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇم كۈي - مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان .

 

. بايات مۇقامى 19 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 10 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

"بايات" -- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "خۇدا ، تەڭرى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

 

. ناۋا مۇقامى 21 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

"ناۋا"، "ئوششاق" دېگەن ناملار ئەسلىدە XV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ "مۇقام" نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇم كۈي - مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان . بەزى ماتىرىياللاردا "ناۋا " مۇقامىنى نەۋايى ئىجاد قىلغان دېيىلىدىكەن .

 

. سىگاھ مۇقامى 17 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

سىگاھ مۇقامى توغرىلىق يۇقۇرىدا ئازراق توختالغان .

 

ئىراق مۇقامى 8 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 6 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

شۇنداق قىلىپ 12مۇقام جەمئى 360ئاھاڭ ، 4492 مىسرادىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ، ھەر بىر مۇقامنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن 2 سائەتتىن ، 12مۇقامنى ئورۇنلاپ بۇلۇش ئۈچۈن جەمئى 24 سائەت يەنى بىر سوتكا كېتىدۇ .

مەنبە:باغۋەن بىلوگى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 968 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01