ھارام قىلنغان قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ھارام قىلنغان قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى

 


ئىلىنغان كىتاپ - ئەرەپ تىلى گىرامماتكىسىدىن ئۇمۇمى بايان(يېڭىچە پەتىۋا ئۆلگلىرى)

ئاپتۇرى- ئابدۇلئەھەد قۇربان ئىشراقى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتى ئۇقۇتقۇچىسى

كومپىيوتۇردا مەشغۇلات قىلغانلار - ئابدۇقاخار ئابدىۋارس، ئابدىرازاق تۇرسۇن، شىرپ ھاجى، ئابدىراخمان- شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتى ئۇقۇغۇچىلىرى

شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2002 . يىلى 12 . ئايدا نەشىر قىلغان. باھاسى 18 يۇەن.
 **********

   زىمىن ئەسلى ئىنسانلارغا يارىتىلغانلىقتىن زىمىندىكى ھەممە نەرسىلەردىن پايدىلىنىش مۇسۇلمانلارغا ھالال قىلىنغان، ئەمما ئىمتىھان ئۈچۈن ھەر قايسى دەۋرلەردىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشىمىغان ھالال-ھاراملىق ئۆلچىمى چۈشكەن، قۇرئاننىڭ شەرىئىتى ئەڭ ئاخىرىدىكى تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ھۆكۈمدۇر.

  قۇرئاندا پەقەت چوشقا گۇشى، ئۈزى ئۈلۈپ قالغان ھايۋان گۇشى، قان، ئاللانىڭ غەيرىنىڭ نامى بىلەن بۇغۇزلانغان ھايۋان گۇشى قاتارلىق تۆت نەرسە ئىنىق ھارام، دەپ بىكىتىلگەن. يەنە قۇرئاندا: « ئۇ<مۇھەممەد> ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، سۈرە ئەئراپ 157 . ئايەت. » دىيلگەن. «ناپاك» دىگەن گەرچە ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىستىمال قىلسىمۇ بارلىق كىشىلەرنىڭ ھىس تۇيغۇسىدا پاسكىنا ھىساپلايدىغان نەرسەدۇر.
 رەسۇلۇللا خەيبەر كۈنى ئائىلە ئىشەك گۇشلىرىنى يىيشتىن چەكلىگەن بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

يەنە رەسۇلۇللا ئۆتكۈر چىشلىق ھايۋان گۆشى ۋە تىرنىقى بىلەن تۇتۇپ يەيدىغان(توخۇدەك تۇمشۇقىدا سىلكىپ ئەمەس قاغا ۋە قارچۇغىدەك تىناقتا قاماللىۋېلىپ چوقۇپ يەيدىغان) ئۆتكۈر تۇمشۇقلۇق قۇش گۆشىنى يىيشتىن چەكلىگەن. بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

  ئۆتكۈر چىشلىق ھايۋان دىگەن ئوۋ ئوۋلىيالايدىغان، جاندارنى بۇغۇپ يىيەلەيدىغان شىر، يولۋاس، بۈرە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەرگەن چىشى بار بولغان چوشقا، سۇغۇر، بۇلغۇن قاتارلىق ھايۋانلارنى، ئۆتكۈر تۇمشۇقلۇق قۇش دىگەن يارىلاندۇرالايدىغان تىرنىقى بار بۇركۇت، قارچۇغا، لاچىن، قۇرغۇي يەنە باشقا قاغا قاتارلىق نەرسىلەرنى تىرنىقىدا قاماللاپ تۇرۇپ يەيدىغان ياكى گۆشنى  ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلغان قۇشلارنى كۈرسىتىدۇ.

ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزھىپىدە ھارام قىلىنىغان نەرسە زادىلا قۇرئاندا كۈرسۈتۈلگەن تۆت نەرسە بار. ھەدىستكى « چەكلىگەن » سۈزى ھارامنى ئەمەس مەكرولۇقنى بىلدۈردۇ. (بەزىلەرنىڭ  ئىبنى ئابباسقا رەسۇلۇللانىڭ يۇقۇرقى چەكلىمىسى بارمىغانمىدۇ دىيىشى ئارتۇقچە گەپ  )

ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كىشىلەر جاھالىيەت دەۋردە بەزى نەرسىلەرنى يەپ، بەزى نەرسىلەرنى پاسكىنا ھىساپلاپ يىمەيتى. كىيىن ئاللا ئۈزىنىڭ پەيغەمبىرىگە قۇرئاننى نازىل قىلپ ھالالنى، ھارامنى بەلگىلىدى. ئاللا ھالال قلغىنى ھالال، ھارام قلغىنى ھارام، گەپ قلمىغىنى ئەپۇ دۇر، دەپ ئايەت ئۇقۇدى: « ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى- چوشقا نىجىس يىمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقاا گۆشى پاسكىنىدۇر- ۋە اﷲ دىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ مالدىن غەيرىينى ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن. كىمكى ئۇلاردىن (يەنى يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) نا ئىلاج ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ھاياتنى ساقلاپ قالغۇدەك يىسە (ھېچ گۇناھ بولمايدۇ) چۈنكى پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) مېھرىباندۇر. سۈرە ئەنئام 145 . ئايەت»
 ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايەتكە ئاساسلىنپ ئائىلە ئىشەك گۇشىنى ھارام ئەمەس دىگەن. تۆت مەزھەپنىڭ بىرى بولغان مالىكى مەزىپىنىڭ ئىمامى ئىمام مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزىپىدە بۇلۇپ، ئۇ ئىمام: يىرتقۇچ ھايۋانلار ھارام ئەمەس مەكرۇھتۇر، دىگەن.

 مەنبە:يارغول تور خاتىرىسى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1697 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01