پېدىگەننىڭ يېڭىچە شىپالىق رولى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


پىدىگەن ئۇزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان كۆكتات .
      ئۇنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش،قاننى جانلاندۇرۇش، مىكرو قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش.قىلدام تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك رولى بولغاچقا، قان بېسىمى يوقىرى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئارتىرىيە قېتىش كېسەللىكلىرىگە ناھايىتى پايدىلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
       پېدىگەننىڭ قاندىكى خولىستىرىننى چۈشۈرۈش رولى كۆرىنەرلىك بۇلۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە  بىر قېتىم پېدىگەن ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن قاندىكى خولېستېرىن 10% تۆۋەنلەيدىكەن. كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدە خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش رولى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
   ياپونيىلىك ئۇزۇقشۇناسلارنىڭ بايقىشىچە پىدىگەننىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك رولىمۇ كۆرىنەرلىك ئىكەن.
   پىدىگەن تەركىبىدىكى كالىنىڭ مىقتارى   يۇقىرى بولغاچقا، قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.بىر تال  پېدىگەن تەركىبىدىكى كالىنىڭ مىقتارى بانان تەركىبىدىكى كالىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپ .
   تەركىبىدە كالى كۆپرەك بولغان پېدىگەننىڭ يۇقىرىقىدەك رولىدىن باشقا، ئادەم بەدىنىدىكى ئېلىكتىروتلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى تەڭشەپ، كېسلىتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەم ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
   پىدىگەن ئىستىمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى: پېدىگەننى قورۇپ يېمەسلىك، ئىمكان بار دۈملەپ، قاينىتىپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.  چۈنكى قورۇش جەريانىدا ئۇنىڭدىكى پايدىلىق تەركىبلەر زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
   

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1169 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01