قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى سىزگە ئامەتتىنمۇ؟ياكى ئاپەت

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

 

    دائىم قاپىقىڭىز تارتىپ تۇرسا سەۋەبى  نېمىدۇر؟ دەپ ئويلاپ قالامسىز سول قاپىقىڭىز تارتسا ئامەت؟! ئوڭ قاپىقىڭىز تارتسا ئاپەت كېلىشمەسلىكنىڭ بېشارىتى دەپ ئويلامسىز؟!
   قاپاق تارتىش ھەرگىزمۇ ئامەت ۋە ئاپەتنىڭ بېشارىتى بولماستىن، بىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمىزدىن مەسىلە كۆرگەنلىكنىڭ بېشارىتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قاپاق تارتىش،ئۆسۈملۈك نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن  كېلىپ چىققان قاپاق مۇسكۇل تالالىرىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن، شەكىللەنگەن قاپاق مۇسكۇلنىڭ تارتىشىش ھادىسى.
     قاپاق تارتىشمۇ ئىككى خىل بۇلۇپ بىرى فىزىئولوگىيىلىك قاپاق تارتىش: بۇنىڭ ئادەتتە  ۋاقتى قىسقا، تارتىشىش يېنىكرەك، قېتىم سانى ئازراق بولىدۇ.بۇ خىل قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى: ئۈزۈن ۋاقىت كۈچلۈك يورۇقلۇقت ۋە سايە ئورۇندا كىتاب ماتېرىيال كۆرۈش،  كۆز زىيادە چارچاشتىن، روھى بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن، ئىچىملىكنى زىيادە كۆپ ئېچىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
     يەنە بىر خىلى. كېسەللىك سەۋەبىدىن  بولغان قاپاق تارتىش ؛ بۇنىڭ ۋاقتى ئۈزۈن، قېتىم سانى كۆپ، ئېغىرراق بولغانلىرىنىڭ كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار  ، ھەتتا يۈز مۇسكۇللىرى قوشۇلۇپ تارتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ.  بۇخىل قاپاق تارتىش ئادەتتە كۆز كېسەللىكلىرىدىن: كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئىقتىدارى ناچار، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر چېچىش، تەس كىرپىك كېسىلى،بىرىكتۈرگۈچى  پەردە ياللۇغى، مۇڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كۆز  كېسەللىكلىردە  كۆپرەك كۆرىلىدۇ.
   قاپاق تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى:
1 كۆز مۇسكۇللىرىنى قەرەللىك ھەركەتلەندۇرۇپ، كۆز گىمناستىكىسى ئىشلەش بىلەن بىللە مۇۋاپىق  ئارام ئېلىش.
2 چىراق يورۇقىدا ، سايە ۋە كۈچلۈك يۇرۇقلۇق ئاستىدا ئۈزۈن  ۋاقىت كىتاب كۆرۈشتىن ساقلىنىش.
3 يۇرۇقلۇقنى   مۇۋاپىق تەڭشەش،  كۆز مۇسكۇلى نېرۋىلارنىڭ  زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
4 كۆز كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا سىستېمىلىق داۋالىتىش.
5 ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئىلمىنتلارنىڭ ۋاقتىدا تولۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش،بولۇپمۇ  B تۇردىكى ۋېتامىنلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2504 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01