بېلىق گۆشىنىڭ شىپالىق رولى ۋە مېڭە-يۈرەك قان تومۈر كېسەللىگى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


بېلىقنى قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش توغرىمۇ؟
  بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئارتىرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك شىپالىق رولى بولغاچقا، كىشلەر يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى شىپالىق يېمەكلىكى دەپ قاراپ، كۆپ ئىستىمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.
    ھەقىقەتەن بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ  ئىقتىدارى ياخشىلاش، ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك رولى بار، بىراق بېلىق گۆشدىكى  تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى تەركىبىدە 20 نەچچە خىل ماددىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا قاننىڭ ئۇيۇشۇشچانلىغىنى چەكلەش رولى بۇلۇپ،  ئۈزۈن ۋاقىت بېلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ بەدىنىدە ئۆزلىگىدىن قاناش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.  بەدەنلىرى سەۋەبسىز كۆكۈرۈپ قالىدىغان، ھەتتا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلاردا مېڭىسىگە قان چۈشۈش ئەھۋالى يۈز بېرىپ ،  كېسەللىك  ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.
    شۇڭلاشقا  بېلىق ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ  ئۇنىڭ شىپالىق رولىغىلا قاراپ قالماي، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ يۈرەك -مېڭە قان تومۇر كېسىلى بار بىمارلارغا  ئېھتىيات بىلەن  بېرىش .قەرەللىك تەكشۈرتۈپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1393 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01