سېغىز چايناشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

 

سېغىز چايناش ئارقىلىق راستىنلا چىش ئاسراش بىلەن ئېغىز بوشلىقىنىڭ تازلىغىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟! بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىدە ھازىر سېغىز چايناش ئومۇملىشىپ، ياشلار ئادەتتە سومكىلىردىن ئايرىماي تاماقتىن كىيىن چىش چوتكىلاش ئاۋارىچىلىغىنىڭ ئورنىنى سېغىز چايناش ئارقىلىق تولدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئادەت قىزلاردا كۆپرەك ئىدى، بارا-بارا  ئوغۇللاردا ھەتتا چوڭ ياشلىق ئەر-ئاياللاردىمۇ  ئۇمۇملىشىشقا باشلىدى.
   سېغىز چايناشنى ئەزەلدىن ياقتۇرمىغاچقىمۇ، چايناۋاتقانلارنى كۆرسەم بىئارام بولاتتىم . ياش ئوستمۇرلەردىن ئېشىپ ، يېگىت قىزلىرمىزنىڭ چوڭ كوچا، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاۋاز چىقىرىپ، پاسىلدىتىپ  سېغىز چاينىشنى بەك ئېغىر ئالاتتىم . مىنڭ  نارازىلىغىمغا ئىلمى ئۇسۇلدا رەددىيە  بەرگەنلەرمۇ  . نارازىلىغىنى ئاشكارە ئىپادىلىگەنلەرمۇ بولدى. مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قارىشىنى چۈشەندۇرۇپ، بۇلۇپمۇ ئاممىۋى سۇرۇنلاردا بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلگىنى تەكىتلەپ يۈردۇم.
    يېقىندا ساغلاملىققا دائىر ماتىريال كۆرىۋېتىپ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماتىريالىنى ئوقۇپ  ھەيران قالدىم.  سېغىز چايناش ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك چىش ئاسراش، ئېغىزدىكى غەيرى پۇراقنى يوقىتىش مەخسىدىگە يىتىش ئەمەس،  ئەكسىچە ناھايىتى قەتەرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلدىكەن. چىش چىرىش ،چىش قۇرتلاشنى تىزلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا سېغىز تەركىۋىدىكى يېپىشقاق ماددىنىڭ زەھەرلەش رولى كۈچلۈك بۇلۇپ ، ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق قانغا كىرىپ كەتسىلا سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلدكەن. شۇڭا سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالغان ياشلىرمىزنىڭ بۇ ئادىتىنى تىرشىپ ئۆزگەرتىشىنى، سالامەتلىك نوختىسىدىن ئۆزىگە كۆپرەك كۆڭۈل بولىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.

 



 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1459 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01