ئۆزبېكلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئۆزبېكلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى

   ئۆزبېك دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ، بەزىلەر ئۆزبېك خانلىقى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن يەنى ئون بەشىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقتىكى دەشتى قىپچاق يايلىقىدا ياشىغان ئاھالىلەر "ئۆزبېك" دەپ ئاتىلاتتى ، دەيدۇ . يەنە بەزىلەر بۇ نام ئون تۆتىنچى ئەسىردىكى ئالتۇن ئوردا ( قىپچاقنى كۆرسىتىدۇ -- ئايچىۋەر )  خانلىقىدىكى "ئۆزبېك خان" نىڭ نامىدىن كەلگەن دەيدۇ . يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۆزبېكلەر "يۆجىبىي" 月即别 ياكى "يۆزۇبېي" 月祖别 دەپ يېزىلغان . ئون ئالتىنچى ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماۋەرائۈننەھر رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆزبېكلەر ئۆزىنىڭ بۇۇرنقى يەر نامىنى تاشلىمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئېلىمىزنىڭ مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۆزبېكلەر كۆپىنچە سەمەرقەندلىكلەر ، قوقەندلىكلەر  ، بۇخارىلىكلەر  ، ئەنجانلىقلار دەپ يەر نامى بىلەن ئاتالغان ، بولۇپمۇ ئەنجانلىقلار دېگەن نام ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان . قەدىمكى ئۆزبېكلەر قازاقلار بىلەن بىرلەشمە گەۋدە ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتى سەككىزىنچى ئەسىردىن كېيىن بولسا كېرەك . ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، سوفىزم ئۆزبېكلەر ئارىسىدىمۇ بەك .ئەۋج ئالغان . بەزىلەر ، ئونىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەبۇنەسر سامانىينىڭ سۇلتان سۇتۇق بۇخراخانننى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە بەيئەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن 80 نەچچە كىشىنى باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاتۇشقا كېلىشى ئۆزبېكلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشنىڭ باشلىنىشى ، دەيدۇ . قاراخانىيلار دەۋرىدە ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى ئۆزبېكلەر قەشقەر ، يەكەن ، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرگە كەينى - كەينىدىن كۆچۈپ كەلگەن . ئۇلار ئاساسەن سودىگەرچىلىك ۋە دىن تارقىتىشنى كەسپ قىلغان قىلغان . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، شىنجاڭدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن ، يەنە كېلىپ ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى ئۆزبېكلەرنىڭ ھەرىكىتى بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك .
    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خانى ئۆزبېك خان دەۋرى (1312 - 1342 - يىللار ) دە ئىسلام  دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەنگەن . ئۆزبېك خان 1314 - يىلى مىسىر سۇلتانى مەلىك ناسىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ "ئىسلام دىنىنىڭ جوڭگودىن غەرب ئەللىرىنىڭ نېرىقى چېتىگىچە تارقالغانلىقى" نى تەبرىكلىگەن . ئۇ : " مېنىڭ خانلىقىمدا (ئۆزبېك خانلىقىنى كۆرسىتىدۇ  -- ئايچىۋەر ) يەنە بىر تۈركۈم كىشى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلمىغانىدى . مەن تەختكە چىقىپ ئۇلارغا ئىسلام دىنىغا كىرىڭلار ، يا جەڭگە ئاتلىنىڭلار ، ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرۇڭلار ، دېدىم . ئۇلار دىنغا كىرىشنى رەت قىلدى ، نەتىجىدە جەڭگە كىردى . مەن مەغلۇب قىلدىم ، قىردىم ، ئەسىر ئالدىم ، يوقاتتىم " دېگەن  (ب.د.گرېكوۋ ، ئا.ۋ.ياكوبوۋىسكى "ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ گۈللىنىش - خارابلىشىش تارىخى" دىن ).  ئۆز ۋاقتىدا خانلىقتىكى ھەممە مىللەت ، جۈملىدىن قازاقلارمۇ بۇنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان . خەلق ئاغزىدا : " ئىسلام دىنىنى ئۆزبېك خان قالدۇرغان" دېگەن گەپلەرمۇ ھازىرغىچە بار ( نىغمەت مىڭجانىنىڭ "قازاق تارىخى" دىن ) .
   ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆزبېك رايونىدىكى سوفىزم تەشكىلاتلىرىدىن قۇبرىيە بىلەن نەقشىبەندىيە ئەڭ مەشھۇر ئىدى . ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان  مەركىزىي جايلىرى خىۋا (خارەزم) بىلەن بۇخارا ئىدى . ئەمما ، نەقشىبەندىيە كېيىنكى چاغلاردا تېخىمۇ ئۇلغىيىپ ، ھەممىدىن ئېشىپ كەتكەن ، باشقا مەزھەپلەر ، مەسىلەن ، ھەممە يەرگە تارقالغان يەسەۋى مەزھىپى ئاساسەن پەرغانىدە ھەركەت قىلغان ، قادىرىيە مەزھىپى ۋە ئاساسەن قوقەند ھەرىكەت قىلغان چىستىيە مەزھىپى ئۆزلىرىنى نەقشىبەندىيەنىڭ ئەمىلىيەتتىكى ئىخلاسمەنلىرى دېگەن . سوفىزم كاسىپلار ئۇيۇشمىسى بىلەن زىچ باغلانغان ، شۇڭا شەھەر تۇرمۇشىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ قالغان .  مەزھەپ باشلىقى ناھايىتى زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغاچقا ، ئىشخانا خوجايىنلىرى بىلەن سودىگەرلەر دەرۋىشلەرنى قولغا كەلتۈرش كاسىپلار ئۇيۇشمىسىدىكى ھۈنەرۋەنلەر بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى  زىددىيەتنى ياراشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالالايدىغانلىقىنى ئاخىر تونۇپ يەتكەن . مەزھەپ رەھبەرلىرىمۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن چوڭ ئىشخانا خوجايىنلىرى ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشىپ ، مەزھەپنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مالىيە مەنبەسىنى كۆپەيتكەن . ئوتتۇرا ئاسىيا سوفىزمچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىشى ۋە تەسىرى زادى ئۈزۈلۈپ قالمىغان . باشتا ئېيتقىنىمىزدەك 1533 - يىلى دىن كېيىن ، مەشھۇر سوفىزمچى ئىسلاھىيەتشۇناس ، نەقشىبەندىيەنىڭ 5 - ئەۋلاد  ئۇستازى مەخدۇم ئەزەم ئۆزبېكلەر بىلەن قەشقەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ۋەكىلى سۈپىتىدە شىنجاڭغا كېلىپ دىن تارقاتقان .ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەكەن ، قەشقەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . ئون يەتتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سەمەرقەندتىن كەلگەن بىر قىسىم خوجىلار قارىقاشنىڭ زاۋا دېگەن يېرىگە ماكانلاشقان . ئۇنىڭدىن سەل كېيىن ، يەنە بىرنەچچە  تۈركۈم ئۆبېكلەر ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كەلگەن . ئون يەتتىنچى - ئون سەككىزىنچى ئەسىرلەردە پەرغانە ، نەماگان ، تاشكەنتتىن  ئىلىغا كەلگەن ئۆزبېك خوجىلار دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان . ئۆزبېكلەر ئونبەشىنچى ئەسىردىن باشلاپ سودىگەرچىلىك ، چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ، بىر قىسمى مەخسۇس دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان .
   ئۆزبېك تىلى ئالتاي تىلى سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ ، يېزىقى ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئېلىببەلىك يېزىق . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك رايونلىرىدا ياشىغان مۇسۇلمانلاردىن بىرمۇنچە مەشھۇر پەيلاسوپلار ، ئەدىبلەر ، شائىرلار ۋە ئالىملار چىققان . ئون يەتتىنچى -ئونسەككىزىنچى ئەسىردىكى ئۆزبېك ئالىملىرى شىنجاڭنىڭ مەدىنىيىتى ۋە سىياسىي تۇرمۇشى بىلەن يېقىن باغلىنىشتا بولغان . مەسىلەن ، بابارەھىم مەشرەپ شىنجاڭدا كۆپ يىل تۇرغان . ئۇ ئەنجاندا تۇغۇلغان ، ياش ۋاقتىدا شۇ يەردىكى ئۆلىما  موللا بازار ئاخۇننىڭ قولىدا ئوقۇغان . قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئاپپاق خوجىغا مۇرىت بولغان . ئەمما ، ئۇ دىنىي يۇقۇرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ بىر - بىرىگە ئورا كولىشىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنىپ ، تەركىدۇنيا بولۇپ ،قەشقەر ، يەكەن ، خوتەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، تاشكەنت ، بۇخارا ، خوجەند ، سەمەرقەند ، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا يۈرگەن ، كېيىن مۇھەممەتخان تەرىپىدىن بەلختە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇ" مەشرىپى دىۋان "  ، "تاڭ نۇرىنىڭ كېلىشى" دېگەن شېئىرىي ئەسەرنىمۇ يازغان . يەنە بىر شائىر ھۇۋەيدا نىڭ ئانا يۇرتى  ئەنجاننىڭ چىميائىن دېگەن يېرى ئىدى ، ئۇنىڭ بوۋىسى خەئىپ نازار ئاپپاق خوجىنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن . شۇ جەمەتتىن بولغان مەۋلىۋى سالاھىدىن دېگەن يەنە بىر مۆتىۋەرمۇ خوجىلار دەۋرىدە يەكەنگە كۆچۈپ كېلىپ ، ئالتۇن ئىسلام مەكتىپىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن . ھۇۋەيدا تەسەۋۋۇپچى ئىشان ئىدى ، ئۇ "ھۇۋەيدا چىميانى توپلىمى" دېگەن ئەسەرنى يازغان ھەم تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللانغان . مەشھۇر ئەسەر "چاھار دەرۋىش" نى پارس - ئوردۇ تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان .
      ئۆزبېكلەر سودىگەرچىلىك ۋە دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغاچقا ، ئۇلار ئارىسىدىكى بىرمۇنچە كىشىلەر خېلى يۇقۇرى دىنىي مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ۋە ئىجتىمائىي مەرتىۋىگە ئىگە ئىدى . ئۇلار ئىچىدىكى بەزى خوجىلار "پەيغەمبەر ئەۋلادى"  دېگەن نامنى پەش قىلىپ ، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر  بولغان . ئۆزبېكلەر ئارىسىدا "خوجا" ، "تۆرە" ، "مەخسۇم" ، "مىر" دېگەن فامىلىلەر بىلەن ئاتىلىدىغان ئاقسۆڭەكلەر ئۆزئارا تويلىشىدىغان تۈزۈم داۋاملاشقان .چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك  سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ماكانلىشىشى قوقەندلىك ئۆزبېك سودىگەرلىرىنىڭ سودا پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . شىنجاڭدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تىكلىنىشى بىلەنلا ، قوقەندلىك سودىگەرلەرنىڭ سودا قاتنىشى باشلىنىپ كەتكەن . نەتىجىدە ئۆزبېكلەر سودىگەرچىلىك بىلەن تېز بېيىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ، يەر ئېلىپ تېرىغان ياكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن ، بەزىلىرى زېمىندارغا ئايلانغان ، شۇ يەردىن خوتۇن ئېلىپ ، بالا - چاقىلىق بولۇپ ، يەرلىك نوپۇسقا ئۆتۈپ ، بارا - بارا ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن . چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە  جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە  ئۆزبېكلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئۆز ئالدىغا "ئەنجان كوچىسى" ، "ئەنجان رەستىسى" بولۇپ شەكىللەنگەن . دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىمۇ ئەنجانلىقلار مەسچىتى ، ئەنجانلىقلار كۆلى ، ئەنجانلىقلار مازىرى بىنا قىلىنغان .

مەنبە : ھاجى نۇر ھاجى بىلەن چېن گوگۇاڭ بىرلىشىپ يازغان " شىنجاڭ ئىسلام تارىخى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى    

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1502 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01