MBA- سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىر-工商管理硕士

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

MBA- سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىر-工商管理硕士

  

MBAئىنىگلىزتىلىدىكى Master Of Business Administrationدېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ قىسقارتىلىمىسى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ياۋرۇ-ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دېرىكتورلار تەربىيىلىنىدىغان كەسپىي ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى كۆرسىتىدۇ. سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرى بازار ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مەخسۇس يۇقىرى سەۋىيىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار، كەسپىي دېرىكتورلار ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدۇ.

 

 سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرىنى سودا ساھەسىدىكىلەر بىردەك باشقۇرۇش قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرىشتىكى شوتا دەپ قارايدۇ. ئۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى، كارخانىدا رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرىدىغان ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش، مالىيە، پۇل-مۇئامىلە، تىجارەت، ئىقتىسادىي قانۇن، خەلقئارا سودا ئىشلىرى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە مول بىلىملەر بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، ئىستىراتېگىيىلىك نەزەر ۋە ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.

 

  سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرى، نەزىرىيىۋىي بىلىمنى ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئەمەلىي قابىلىيەتكە ئىگە، ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەشكە، نەزىرىيىنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىدىن كۆپرەك تاكتىكا ئۆگىتىش ۋە تەپەككۇرىنى ئېچىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئۇ تەتقىقاتقىلا كۈچەيدىغان باشقۇرغۇچىلارنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي جەڭدە ئۆز قابىلىيىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلالايدىغان سەركەردىلەرنى تەربىيىلەيدۇ. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بەلگىلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى باشقۇرۇش ئىلمى، ئىقتىسادشۇناسلىق، پۇل-مۇئامىلە، مالىيە، قانۇن قاتارلىق ساھەلەرگە، قابىلىيەت مەشىقى بولسا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە نۇتۇق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش، ئىسىتىراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈش، ھۆكۈم قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرلىقى ئاۋۋال ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاندىن تەربىيىلىنىدىغان ئۇنۋان.

 

  ئۇنداقتا سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرى بىر خىل كەسپىي ئۇنۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرىغا قارىغاندا قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟

 بىرىنچىدىن، تەربىيىلىنىش مەقسىتى ئوخشىمايدۇ.

 سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرى تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، سودا-سانائەت كارخانىلىرى ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلىي ئىش بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان،قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى  خادىملاردىن بولالايدۇ. باشقا ماگىستىرلار تەربىيىلىنىش جەريانىدا مول بولغان نەزەرىيە ئاساسقا ۋە ئىلمىي تەتقىقات ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە خادىملاردىن بولۇپ چىقىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، تەربىيىلەش ئوبيېكتى ئوخشىمايدۇ.

سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرىدا تەربىيىلىنىدىغانلار ئادەتتە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان كەسپىي ئورگان خادىملىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى تەتقىقاتچى خادىملاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. سودا-سانائەت ماگىسىتىرى ئەسلى ماھىيىتىدىن قارىغاندا، بىر تۈرلۈك كەسپىي مەشىق پائالىيىتىدۇر. ئۇنىڭدا ئاساسلىق ئەمەلىي مىسال تەھلىلى، ئەمەلىي تاكتىكىلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۇ ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، خاسلىقىنى يېتىلدۈرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى مۇناسىۋەتلىك زاتلار قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، سودا-سانائەت ماگىستىرى ئوقۇتۇشىغا قارىتا ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، تەربىيىلەش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى.

  1.  ئۇنىۋېرسال پرىنسىپقا ئاساسەن دەرسلىك مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، ماتېرىياللارنىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشتۇرۇش جەھەتتە ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.
  2. ئىتتىپاقلىق روھى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سودا-سانائەت ماگىستىرى ئوقۇتۇشىنى تۇتقۇ قىلغان كوللىكتىپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىندى.
  3.  ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس تاكتىكا مەشىقى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تاكتىكا مەشىقىدە مەۋسۇملۇق تەتقىقات پىلانى، دەرسلىك دوكلاتى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسۇللىرى... قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش مەشىقلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى.
  4. سودا ئەخلاقىغا دائىر مەزمۇنلار  ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىن كۆڭۈلدىكىدەك سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلدى.
  5. ئوقۇتۇش يەر شارىلاشتۇرۇلۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر توردا ئالاقىلىشىپ، تەجرىبە ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئالماشتۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 342 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01