نەقشىبەندىيە (سۇپىزىم) تەرىقىتىنىڭ بارلىقققا كىلىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

نەقشىبەندىيە (سۇپىزىم) تەرىقىتىنىڭ بارلىقققا كىلىشى



 سۇپىزىم ئىسلام دىنىدىكى تەركىدۇنياچىلىق مۇرىتلىرىنىڭ ئۇمۇمى نامى بۇلۇپ، «سۇپى» سۈزى يىرىك يۇڭدىن تۇقۇلغان كىيىم ، خام تۇقۇلما دىگەن مەنىلەردە بۇلۇپ، مەزكور مەزھەپتىكىلەرنىڭ نامرات، تەركىدۇنيا تۇرمۇش كۈچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۇپىزىم ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بىرىش ، تەركىدۇنياچىلىق تەلىماتىدىن ۋۇجۇتقا چىققان ۋە پەيدىن-پەي راۋاجلانغان، ئىسلامىيەت گۈللەنگەن دەسلەپكى دەۋىرلەردە بىر قىسىم تەقۋادار مۇرىتلار جاپا-مۇشەققەتلىك زاھىتلىق يۇلىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ”قۇرئان“ دىكى ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، سەۋرى-تاقەت، ئىنساپ، ئىتائەتچان بۇلۇش، خەير-ئىھسان قىلىش، كەمتەر-كىچىك پېل بۇلۇش قاتارلىق ۋەز-پەرھىزلەرگە قاتتىق بويسۇنۇپ، ئاددىي-ساددا، نامرات، جاپالىق ھەتتا يەككە تۇرمۇش كۈچۈرگەن ۋە ئىسلام دىنىدىكى غۇربەتچىلىككە كۈنۈش ۋە تەركىدۇنياچىلىقنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خەرەكتىرلىك پىشىۋاسى ئۈمەييا سۇلالىسىدىكى مەشھۇر ئىلاھىيەتچى ھەسەن بەسرى ئىدى. ئۇ دىنى تۇرمۇش جەھەتتە تەقۋادارلىق، جىمجىتلىق ۋە نامراتلىققا زارلىماسلىقتەك زاھىدتلىق تەلىماتىنى؛ ئىلاھىيەتتە چۇڭقۇر تەپەككۇر، ئۆز-ئۈزىدىن ئىھتىيات قىلىش ۋە ئاللانىڭ ئىرادىسىگە مۇتلەق بۇيسۇنۇش، شۇ ئارقىلىق بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى ماسلاشتۇرۇش مەقسىدىگە يىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا شەكىللەنگەن سۇپىزىم تەرىپىدىن مەزكور مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى دەپ تەرىپلەنگەن.

8- ئەسىردىن باشلاپ مەيدانغا كىلىشكە باشلىغان سۇپىزىم ئىددىيىسى 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە يەنىمۇ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەن ئاللاھنى ھەقىقى تۇنىغىلى ، شۇنداقلا بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ بىرىكىشىگە يەتكىلى بۇلىدۇ دىدى. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ، پەقەت زاھىدلىق (رىيازەت) يۇلى ئارقىلىقلا بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ دەپ قارىدى. ئەمما بۇ ئاخىرىدا ئىسلام دىنىدىكى ئەنئەنىۋى ئىتىقاتتىكىلەر بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالدى، ھەمدە  ئاخىرىدا ئۆز-ئارا مادارا قىلىشتى. 11- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 12- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سۇپىزىم ئاندىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى مەزھەپلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بۇلۇپ، ئەنئەنىۋى ئىتىقات بىلەن بىرلىشىش جەريانىنى تاماملىدى.

سۇپىزىمنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەنئەنىۋى مەزھەپلەردىن ئالدى بىلەن سۇننىي مەزھىپى قۇبۇل قىلدى. ئاخىرىدا شىئە مەزھىپىمۇ ئىتىراپ قىلدى. سۇپىستلار بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىكى مەھەللىۋى دىنى تۇرمۇشىدىن ۋاز كەچمىدى. ئۇلار يەنە سىرلىق قىياپەتتە يۈرۈۋەردى. رىيازەتتە تاۋلىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئاددا-ساددا، نامرات تۇرمۇش كەچۈردى، رۇھى جەھەتتىن تاكاممۇللىشىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بىرىپ ، رۇھى پاكلىققا يەتمەكچى بولدى ۋە ئۆز-ئۈزىنى ئۇنتىدى. بۇ ئارقىلىق ئاللاغا يېقىنلىشىپ، ئاللاھ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنى كۆزلىدى. تەسەۋۋۇپ نەزىرىيىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بۇلۇپمۇ مەنىۋى داھىيلارنىڭ مۇرۇتلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا يىتەكچى ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نەزىريىنىڭ تەرەققى قىلىشى سۇپىستلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىدىكى ئىماملار رىياسەتچىلىكىنى مەنىۋىيەت پىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىنىمۇ مەسچىتتىن پىرلارنىڭ خانىقالىرىغا يۆتكىۋەتتى.

8- ئەسىردىن باشلاپ سۇپىزىم مەزھىپىدە ھەرقايسى مۇرۇتلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن كىچىك سۈلۈكلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. بۇ بىر ئىستىخىيىلىك تەشكىلات بۇلۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ يادىرولۇق ئادىمى ياكى كونكىرىت نىزامنامىسىمۇ بولمايتى. بۇلار پەقەت ئوخشاش رۇھى تاۋلىنىش ئۇسۇلى ۋە مەقسىتى بىلەن يىغىلىدىغان تاۋلىنىش كاللىكتىۋى ئىدى. بۇ خىلدىكى كىچىك تەشكىلاتلار 11- ئەسىرنىڭ ئوتتىرلىرىدىن كىيىن تەدىرىجى ھالدا كونكىرىت تەشكىلگە يەنى مەدرىس خەرەكتىرىدىكى دىنى توپقا ياكى مەزھەپ شەكلىگە يۈزلەنگەن. 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ مۇڭغۇللارنىڭ قەدىمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يىتىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلام دىنىغا تايىنىپ مەۋجۇت بۇلۇپ كىلىۋاتقان ناھىيىتى كەڭ سىياسى ئاساسمۇ يىمىرىپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىۋى ئىتىقات تۈسىدە مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان سۇپىزىم پايدىلىق تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇننى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن چوڭ-كىچىك سۇپىستىك گۇرۇھلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى ۋە تىز سۈرئەتتە كىڭەيدى. مانا مۇشۇنداق تارىخى شارائىت ئاستىدا نەقشىبەندىيە تەرىقىتى ئۇتتىرا ئاسىيادا پەيدا بولدى.

نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ نامى ئۇنىڭ ئىجاتچىسى باھاۋۇدىن نەقشىبەندى (1317-1389) نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. نەقشىبەندىنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت بىن مۇھەممەت باھاۋۇدىن ئەل بۇخارى، ”نەقشىبەندى“ ئۇنىڭ لەقىمى (سىزغۇچى دىگەن مەنىدە)، بۇ لەقەم ”تەڭداشسىز ئىلاھىي رەسىمنىڭ سىزىلىشى“ ياكى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇلۇپ ”قەلىبنىڭ ھەقىقى تاكاممۇللاشقان شەكىلگە كىرىشى“ دەپ چۈشۈنۈلگەن.

نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئوتتىرا ئاسىيا رايۇنىدا تىزدىن تەرەققى قىلدى . ئۇنىڭ تىزدىن باش كۈتۈرۈشى ۋە قۇدىرەتلىك ئىجتىمائى كۈچكە ئايلىنىشى ھۈكۈمىرانلار سىنىپىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جەمىيەتتىكى كۆپلىگەن يۇقىرى قاتلام زات، ئۈلىما – ئالىملار، ھەتتا يەرلىك ئالى ھۈكۈمرانلارغىچە بەس-بەستە بۇ تەرىقەتكە ئەگەشتى ۋە ئوتتىرا ئاسىيا سىياسى سەھنىسىدە ناھىيىتى قۇدىرەتلىك ئىجتىمائى، سىياسى كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ مۇھىم روللارنى ئوينىدى. شۇنداقلا باشقا سىياسى كۈچلەنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققى قىلىشىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.

مەنبە: http://www.alimbiz.net/?p=738

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 825 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01