ئۆزبىك مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   ئۆزبېك دېگەن نام مىلادى 14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرىغا چىقتى . ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ماۋارائۇننەھردە ياشايدىغان ئىران تىلى سىستېمىسى ، تۈركىي تىل سىستېمىسى ۋە موڭغۇل تىلى سىستېمىسىدىكى بىرمۇنچە قەدىمكى قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8 - 1- ئەسىرلەر ئىچىدە كۈچىيىپ ، غەربىدە شەرقىي ياۋروپادىكى جەنۇبىي روسىيە تۈزلەڭلىكىدىن شەرقتە يەتتىسۇ رايونى ، شىمالدا ۋولگا دەرياسى بىلەن ئورال دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ، جەنۇبىدا سىر دەرياسىنىڭ باش ئېقىمى ۋە ئىسسىق كۆل رايونىغىچە تارقالغان ساكلار ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ۋە ئارال كۆلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خۇارەزىملىكلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پايانسىز يايلاقلىرىدا ياشايدىغان  تۈركىي قەبىلىلىلەر ۋە مىلادى 13 - ئەسىردىن باشلاپ ، بۇ رايونلارغا بېسىپ كىرگەن موڭغۇللار بار . بىرمۇنچە تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا ، ساكلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ، سوغدىلار ۋە خۇارەزىملىكلەر بولسا ، قەدىمكى ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولۇپ ، ئىران تىلىدا سۆزلىشەتتى . مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- 4- ئەسىرلەردە ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ئەگىشىپ ، بۇ رايونغا بىرمۇنچە يۇنانلىقلار كۆچۈپ كەلدى . شۇڭلاشقا بۇ رايوندا "ھېلىن دەۋرى" يەنى يۇنانلىشىش دەۋرى دېگەن بىر دەۋر باشلاندى . دېمەك ، ئۆزبېكلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تەركىبىدە يەنە يۇنانلىقلارمۇ بولغانىدى . كېيىنكى زامانلاردا ،  تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكلەرنىڭ يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرسى . ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەدىمكى مەدەنىيەتلىك قەبىلە ۋە ئەللەردىن تەركىب تاپقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەينى زاماندا يۇقىرى سەۋىيىدە راۋاجلانغان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
 مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 -ئەسىردە ، ئەسلىدە ئالتاي رايونلىرى ، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي ، يەتتە سۇ رايونىدا ياشايدىغان تۈركىي تىلىدىكى دىڭلىڭ قەبىلىلىرىنىڭ تېز كۈچىيىپ ، تەدرىجىي جەنۇبقا قاراپ سىلجىشى ۋە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردە ، ئەسلىدە ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ ، چىلەنشەن ئەتراپىدا ياشايدىغان  ئۇيسۇن قەبىلىلىرىنىڭ غەربىي تەڭرىتاغ ، ئىسسىق كۆل ئەتراپى ۋە چۇ ، تالاس دەريا ۋادىلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ، بۇ جايدىكى ئەڭ كۈچلۈك ساكلارنى يېڭىپ ، سىياسىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشى ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنىڭ تۈركلىشىشىدە  غايەت زور رول ئوينىدى . بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەسلىدە غەربىدە جەنۇبىي روسىيە تۈزلەڭلىكى ، قارا دېڭىز ۋە خەزەر دېڭىزى (كاسپىي دېڭىزى)  نىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي تەرەپلىرى ، شەرقتە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياشايدىغان ئېتىل ، قازار ، بۇلغار ، پەچەنەك ، ساكسىن ، سۇلۇغا ، موقچا ، باشقىرت ، ئالان ، قاڭلى ، تۇۋا ، جالاير قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەرمۇ تەدرىجىي باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ساكلارنىڭ بۇرۇن ئىگىلىگەن جايلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلىدى . مىلادى 3 - 4- ئەسىرلەردە خارەزىملەر ۋە سوغدىلاردىن  باشقا ، ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاساسەن تۈركلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى . مىلادى 1- ئەسىردىن 4 - ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا ، ھۇن قەبىلىلىرىنىڭ بۇ جايلاردا ئېلىپ بارغان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرى غەيرىي تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تۈركلىشىش جەريانىنى تېخىمۇ تېزلەتتى .
     مىلادى 6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ، بولۇپمۇ مىلادى 552 - يىلى قۇرۇلغان تۈرك خاقانلىقىدىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئاساسەن تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ، تۈركىي قەبىلىلەر بۇ رايوننىڭ مۇستەھكەم ئىگىسىگە ئايلاندى . تاڭ سۇلالىسى مىلادى 630 - يىلى شەرقىي تۈرك خاقانلىقىنى يوق قىلىپ ، مىلادى 659 - يىلى غەربىي تۈرك خانلىقىنى يوقاتتى ۋە بۇ جايدا قۇرۇقچىبەگلىك مەھكىمىسى ، تۇتۇق مەھكىمىسى ، ئايماق قاتارلىق ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىنى تەسىس قىلدى . لېكىن ، بۇ خىل ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرى يەنىلا يەرلىك تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى .
   مىلادى 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، بۇرۇن تاڭ سۇلالىىسىغا ئەل بولغان بەزى تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى ئۆزىگە بېرىلگەن ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ ، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىق بايراقلىرىنى تىكلەشكە باشلىدى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى گەرچە ئۆزىنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھامىيلىقىدا دەپ قارىسىمۇ ، لېكىن كېيىنچە مۇستەقىل خانلىقلارنى قۇردى . شۇڭلاشقا مىلادى 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ ، خەزەر خانلىقى ، تۈركەش خانلىقى ، قارلۇق خانلىقى ، بۇلغار خانلىقى ، پەچەنەك خانلىقى ، قىپچاق خانلىقى قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ خانلىقلىرى قۇرۇلدى . بۇ خانلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئېتنىك تەركىبىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى .
  مىلادى 932 - يىلى قەشقەر ۋە بالاساغوننى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ قاتارىدا ، ئۆزبېكلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئاساس سالدى . بولۇپمۇ بۇ چاغدا سىر دەريا ۋادىلىرى ھەم ئىسسىق كۆلنىڭ غەربىي شىمالىي تەرەپلىرىدە ياشايدىغان چېگىل قەبىلىسىنىڭ بەزى ئۇرۇقلىرى ھەم قارلۇقلارنىڭ بىر قىسمى ئۇزاق مۇددەتلىك قويۇق مۇناسىۋەتلەر نەتىجىسىدە ، پەقەت قانداشلىق تەرەپلىرىدىلا ئەمەس ، بەلكى تىل ، ئۆرپ - ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقاد  جەھەتتە ئورتاق خۇسسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇشقا باشلىدى . بۇ كېيىنكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئىدى . مىلادى 12 - ئەسىرلەردە بۇ ئېتنىك گۇرۇپپا تېخىمۇ كېڭەيدى .
   مىلادى 1218 - يىلى چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ھۇجۇم قىلدى . 1224 - يىلى بۇ رايوننى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا تەقسىم قىلىپ بەردى .   "چاغاتايلار " نىڭ قۇرۇلۇشى ، "جوجى ئولۇسى" نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كۆپ ئۆتمەي "قىپچاق خانلىقى " ( ئالتۇن ئوردا خانلىقى ) نىڭ قۇرۇلۇشى جاكارلاندى . قىپچاق خانلىقىنىڭ ئاساسى ئاھالىسى ، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ كۈچلۈك بىر تارمىقى بولغان قىپچاق ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەردىن ئىبارەت ئىدى .شۇنى ئېيتىشقا ئەرزىيدۇكى ، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ، تۈركىي قەبىلىلەرگە مەنسۇپ بولغان قىپچاقلارمۇ موڭغۇل ۋە باشقا غەيرىي تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلىپ ، ئەسلىدىكى قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى . چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جۇجىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى بۇرۇن مۇنبەرگە يوللاپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمىز . بۇنى دىققەت بىلەن ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا ~~ تېما مەزمۇنىنىڭ ئۆزبېكلەر ھەققىدە ئەمەس جوجى ئولۇسىدىكى موڭغۇللار ھەققىدىكى مەزمۇنغا كۆچكىنىدە ، مۇنبەردىكى تېما مەزمۇنىنىڭ چەتنىگەنلىكىمىكىن، دەپ ئويلاپ  قالماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن . چۈنكى ، تارىخ مۇرەككەپ بىر جەريان . ئالدىرىماي ، بىر - بىرلەپ كېلەيلى .
 ئۇنداق بولسا  بىز گەپنى يەنىلا جوجى ئولۇسىدىكى موڭغۇللارنىڭ يۇقۇرىدا بىز ئېيتقان بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى  پەيدا قىلىشىدىكى بىرقانچە سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ كۆرەيلى :

بىرىنچى : چىڭگىزخان ھايات چېغىدا جوجىخانغا بۆلۈنگەن زېمىنلاردا ئاساسەن تۈركىي قەبىلىلەر ياشايتتى ، ئۇلارنىڭ ، بولۇپمۇ دەريا ياقىلىرى ۋە شەھەرلەردە ياشايدىغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ جەمىئىيەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات سەۋىيىسى ، موڭغۇللارغا قارىغاندا خېلى ئۈستۈن ئىدى . ئىستىلاچى موڭغۇللار بۇ جايلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۈزۈمى بويىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا مەجبۇر بولدى . يەنى باتۇخان سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ، دەشتى قىپچاق رايونىنى ئۆزىنىڭ بىۋاستە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى . بۇ رايون "قىپچاق خانلىقى" يەنى " ئالتۇن ئوردا خانلىقى" دەپ ئاتالدى .   ئەرەبچە تارىخىي ماتېرىياللاردا بۇ رايونلار يەنە " كۆك ئوردا " دەپمۇ ئاتىلىدۇ . دەشتى قىپچاق رايونلىرىنىڭ شەرقىي ، يەنى ئورال دەرياسىنىڭ شەرقىي سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ، ئارال كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالى ، بالقاش كۆلىنىڭ ئەتراپىدىن شەرقتە ئېرتىش دەرياسىغىچە بولغان كەڭ رايوننى ئاكىسى ئورداغا تەقسىم قىلىپ بەردى . كېيىن بۇ رايونغا باتۇخاننىڭ ئىنىسى ئۆزبېك شايبانىخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى ھۆكۈمرانلىق قىلغان . بۇ رايونلار " ئاق ئوردا " دەپ ئاتالغان . ئاق ئوردىنىڭ مەركىزى سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى شوغناق شەھىرى ئىدى .
   
ئىككىنچى : مىلادى 1256 - يىلى باتۇخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، بىر يىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى سارتاق ۋە ئۇلاغچىن قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن تەختكە چىقتى . لېكىن ، مىلادى 1257 - يىلى باتۇخاننىڭ ئوردا ۋە شايبانىدىن باشقا يەنە بىر ئىنىسى بۆرىكە ( بېركە دەپمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ ) قىپچاق خانلىقىنىڭ تەختىنى تارتىۋالىدۇ . بىر مەزگىل ئاق ئوردا رايونىنىڭ ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ  . مىلادى 1260 - يىلى ئەتراپىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ، بۇ دىننى دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن تەڭ ، كۆچمەن موڭغۇللارنى ئولتۇراقلىشىشقا ۋە شەھەر ھاياتىغا باشلايدۇ  . شۇنىڭدىن باشلاپ قىپچاق خانلىقىغا كەلگەن موڭغۇللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تۈپ ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولدى . بولۇپمۇ ۋولگا دەريا ۋادىسىغا كەلگەن مانغىتلار ( كېيىنچە  نوغايلار دەپ ئاتالدى ) چاغاتاي ئولۇسىغا قاراشلىق يەتتىسۇ رايونىدىن يېڭى كۆچۈپ كەلگەن بارلاس ، جالاير قاتارلىق قەبىلىلەر بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن  موڭغۇللارنىڭ ئىچىدە ئالدى بىلەن تۈركلىشىشنى ۋە مۇسۇلمانلىشىشنى باشلىغان قەبىلىلەر ئىدى . ( "ئالتۇن ئوردا خانلىغى تارىخى" دىن )
    
ئۈچىنچى : بۆرىكە تەختنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق بايرىقىنى تىكلەپ ، زور موڭغۇل   خانلىقىنىڭ بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىقىنى ئېغىزدىلا ئېتىراپ قىلىپ ، ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئەللىرى ، بولۇپمۇ ئەرەب ، ئىران ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى . بۇ قىپچاق خانلىقى موڭغۇللىرىنىڭ موڭغۇل مەركىزىي ئوقىدىن ئاجراپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپلا قالماي ، بەلكى موڭغۇللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەسلىدىكى موڭغۇل ئەنئەنىلىرىدىن باشقىچە ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغىمۇ سەۋەب بولدى .
 لېكىن ، بۆرىكەنىڭ دىن جەھەتتىكى ئىسلاھاتچىلىق ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئاكىسى باتۇ ئەۋلادى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان بەزى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ، جۈملىدىن زور موڭغۇل خانلىقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى . مىلادى 1260 - يىلىدىن باشلاپ ، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى قۇبلايخان بىلەن ئارىق بۇقا  ئاكا -ئۇكا ئوتتۇرىسىدىكى ماجرالار تۈپەيلىدىن ، زور موڭغۇل خانلىقى قىپچاق خانلىقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمىدى . نەتىجىدە قىپچاق خانلىقىدا ئوردا تەرەپدارلىرى ، شايبانى تەرەپدارلىرى ۋە بۆرىكە تەرەپدارلىرىدىن ئىبارەت بىر - بىرىگە قارشى ئۈچ زور گۇرۇھ مەيدانغا كەلدى . مىلادى 1266 - يىلى باتۇخاننىڭ غەيرىي مۇسۇلمان ئوغلى مەنگۈ تۆمۈر ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ ، بۇ ئۈچ تەرەپنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى . لېكىن ، ئوردا ۋە شايبانى تەرەپدارلىرىنى ئاساس قىلغان ئاق ئوردا سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يەنىلا ساقلاپ قالدى . جۈملىدىن ئىسلام دىنىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى توستى . بىراق ، مەنگۈ تۆمۈر كۆپرەك ئاق ئوردا تەرەپدارلىرىغا مايىل بولدى . بۇ ھال ئۇنىڭ ۋارىسلىرى تۇدا تۆمۈر ، تولا بۇغا دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتى .
   مىلادى 1312 - يىلى مەنگۈ تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۆزبېكخان تەختكە چىقىپ ، ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزدى . جۈملىدىن ئىسلام دىنىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ نامىنى مۇھەممەت ئۆزبېكخان  دەپ ئۆزگەرتتى . لېكىن ئۇ خۇددى بوۋىسى مەنگۈ تۆمۈرگە ئوخشاشلا  ئاق ئوردا تەرەپكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلدى . ئۇ ئالدى بىلەن ئاق ئوردا رايونىدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ۋە تۈركلەشكەن موڭغۇللار ، جۈملىدىن ۋولگا دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان مانغىتلار (نوغاي) دىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەپ ، ئۆز قارىمىقىدىكى مۇھىم رايون ۋە شەھەرلەرگە ئەۋەتتى . ئەينى زاماندا بۇ قوشۇنلار " ئۆزبېك قوشۇنى " دەپ ئاتالدى . كېيىنچە بۇ قوشۇنلار چىققان قەبىلىلەرمۇ " ئۆزبېكى " ياكى " ئاۋۇزبېكى " ( ئۆزبېك سۆزىنىڭ پارسچە بۇزۇپ ئېيتىلىشى ) دېگەن نام بىلەن ئاتالدى . بەزى ماتېرىياللاردا ، "ئۆزبېك" دېگەن نامىنىڭ دەسلەپتە ئۆزبېك خاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئاق ئوردا تەركىبىدىكى شايبانلار ، كېيىنكى قازاقلارنى تەشكىل قىلغان تۈركىي ۋە تۈركلەشكەن موڭغۇللار ۋە مانغىتلار قاتارلىقلارغا قارىتىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ . بىزنىڭ قارىشىمىزچە ، بۇ چاغدا "ئۆزبېك" دېگەن ئەڭ دەسلەپتە ئۆزبېكخاننىڭ دالادا ئۇرۇش قىلىدىغان قوشۇنلىرىدىن باشقا ، يەنە بۇ قوشۇنلارنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان مۇسۇلمانلاشقان قەبىلىلەر ، يەنە بەزى تۈركىي قىپچاق قەبىلىلىرى ، تۈركلەشكەن مانغىتلارنىڭ  بەزى ئۇرۇقلىرى ( ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نوغاي دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ ، كېيىنكى تاتارلارنىڭ ئەجدادلىرىنى شەكىللەندۈرگەن )  ۋە ئاق ئوردا رايونىدا زور سىياسىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان جالاير ۋە بارلاس قەبىلىلىرىن ئىبارەت ئىدى .  ئەينى زاماندا جالاير ۋە بارلاسلارنىڭ بىر قىسمى يەنە چاغاتاي ئولۇسىدا ياشايدىغان بولۇپ ، ئۇلار چاغاتاي ئولۇسىنىڭمۇ ئاساسلىق سىياسىي تۈۋرۈكى ئىدى . ئۆزبېكخان دەۋرىدە ، ئەسلىدە ئاق ئوردا رايونىنىڭ ئاساسلىق ئىگىلىرى بولغان يەرلىك تۈركىي قەبىلىلەرمۇ ئوخشاشلا " ئۆزبېك " دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغانىدى .بۈگۈنكى كۈندە "ئۆزبېك" دېگەن نام ۋە ئۆزبېك  مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە ، يەنىلا بىرمۇنچە بەس - مۇنازىرىلەر بولسىمۇ ، لېكىن شۇنى قەيت قىلىش مۈمكىنكى ، "ئۆزبېك" دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ، ئالدى بىلەن ئۆزبېكخاننىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدە شەك - شۈبھە يوق . شۇنداقلا ، ئۆزبېكخان دەۋرى گەرچە ناھايىتى قىسقا بىر دەۋر بولسىمۇ ، لېكىن بۇ دەۋر ئۆزبېك مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .  كېيىنكى زامانلاردا ، ئۆزبېكلەرنىڭ تەركىبىگە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ، بولۇپمۇ تۆمۈرىلار خانلىقى دائىرىسىدىكى تۈركىي ۋە غەيرىي تۈركىي تىلىدىكى بىرمۇنچە قەبىلە سىڭىپ كىرىپ ، ھازىرقى ئۆزبېك مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن .

  مەنبە : " << شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى >>
         " ئالتۇن ئوردا خانلىقى تارىخى " ( بۇ ماتىرىيالنى تەمىنلىگەن "ئىزدىنىش" مۇنبىرىدىكى  دوستىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن )
         " ئېمپىراتور -- تۆمۈرلەڭ "
          "دۇنيادىكى مىللەتلەر "
          " تارىخىي ھەمىدى "

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1087 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01