宗教学- دىن ئىلمى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


宗教学- دىن ئىلمى

 

   دىن ئىلمى بولسا، دىننى ئاساسىي تەتقىق قىلىش ئوبېكتى قىلغان ئىجتىمائىي پەن تۈرى بولۇپ، ئۇ دىنىي ھادىسىلەر ئارقىلىق، دىننىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى، خاراكتېرى، قانۇنىيىتى ۋە رولى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىرىدۇر. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، غەربتىكى دىندارلار دىننى رەسمىي ئىلىم دەپ تەسسىس قىلدى. 1873-يىلى ماكسىمىل ئېلان قىلغان <دىن ئىلمى ئاساسىي نەزەرىيىسى> دېگەن كىتابتا دىن رەسمىي بىر ئىلىم سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانىدى. دىن ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى، سۇبيېكتى، مەقسەت-مۇددىئاسى ۋە ئۇسۇلىغا نىسبەتەن كۆز-قاراشلار ھەر خىل بولغاچقا، دىن ئىلمى ئادەتتە كەڭ مەنىدىكى دىن ئىلمى ۋە تار مەنىدىكى دىن ئىلمى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تار مەنىدىكى دىن ئىلمى بولسا، ساپ تارىخىي خاراكتېرلىك دىنىي ۋەقەلەر، ئوبيېكتىپ بايان قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش، سوبيېكتىپ باھا ۋە كۆز-قاراشلار يۇغۇرۇلمىغان دىن ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ.

  دىن تەتقىقاتى تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، بايان خاراكتېرلىك تەتقىقات ۋە قېلىپلاشقان دىن تەتقىقاتى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى بايان ئۇسۇلى ئارقىلىق دىن مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ دىنغا قارىتا قىممەت بىتەرەپلىكىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇ بەكرەك دىن تارىخى ۋە دىننىڭ قۇرۇلمىسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. كېيىنكىسى بولسا قېلىپلاشقان ئۇسۇللار ئارقىلىق دىننى تەھلىل قىلىپ، دىن قىممىتىگە باھا بېرىدۇ. ئۇ بەكرەك دىننى چۈشىنىش، ئېتىقاد مەسىلىلىرىنىڭ چىنلىقى ۋە قوبۇل قىلىشچانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

  دىن ئىلمى ئاساسلىقى دىننىڭ ماھىيىتى ۋە ئامىللىرى، دىننىڭ ئىدىيىۋىيلىكى، دىننىڭ تېگى-تەكتى ۋە دىن سەزگۈسى، دىننىڭ تەشكىللىنىشى ۋە قائىدىلىرى، دىننىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى شۇنداقلا دىن بىلەن باشقا ئىجتىمائىي فورماتسىيىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

  دىنىي ساھەدىكى ئىلىم-پەن پائالىيەتلىرى دۇنياۋىي دىن تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 1900-يىلى ھەر قايسى دۆلەتتىكى مۇتەخەسسىسلەر پارىژدا بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق دىن تارىخى چوڭ يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن دىنىي يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەردى. جۇڭگو دىنىي ئىشلار جەمئىيىتىمۇ 1979-يىلى قۇرۇلدى.

  دىن ئىلمى بولسا دىنىي ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش، شۇنداقلا دىننىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىنى ئىنسانىيەتكە ئېچىپ بېرىدىغان ئىلىم بولۇپ، ئۇ پەلسەپە، ئىدىيە-ئەخلاق، سىياسەت، ئەدەبىيات، سەنئەت قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ئۈستى قۇرۇلما ۋە ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. ھەر بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە، ئۈستى قۇرۇلما بىلەن ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىلىرىنىڭ ھەر بىر تارمىقى  كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتىنى چۈشىنىپ يېتىشىدىكى ئاساسلىق ۋاستىلەر بولۇپ، بۇ ئاساستا نۇرغۇن مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئايرىم سىستېما بولۇپ شەكىللىنەلەيدىغان پەلسەپىۋىي ئىجتىمائىي پەنلەر بارلىققا كەلگەن. دىن ئىلمى بولسا دىننى ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان مۇستەقىل ئىلىم بولۇپ،ئۇ ئادەتتىكى دىن نەزىرىيىسى ۋە دىنىي كۆز-قاراشلاردىن مۇنداق ئىككى نۇقتا ئارقىلىق پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بىرى، ئۇ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە مۇستەقىل پەندۇر. ئۇ دىندىن ئىبارەت ئىجتىمائىي تارىخ ھادىسىسىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇنى ئىلمىي ھالدا مۇلاھىزە قىلىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەرگە ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەنلەر ئىچىدىكى مۇستەقىل ئىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىرى، ئۇ مەزمۇن جەھەتتىن سىستېمىلىقلىققا ئىگە. دىن ئىلمى دىننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە قارىتا ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان سىستېمىلىققا ئىگە بىلىم سىستېمىسىدۇر.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 448 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01