历史-تارىخ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

历史-تارىخ

 

ئوبىكتىپ رېئاللىقنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىنى بېكىتىش بولسا بىر تۈرلۈك ئىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساستۇر. تارىخىي تەقرىز ئىلمىنى بېكىتىشتە، ئونتولوگىيىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا، تارىخ ئىلمىنىڭ مەزمۇنىنى بېكىتىش لازىم.  تارىخىي تەقرىزنىڭ ئۇقۇمىنى يېشىشتىمۇ ئاۋۋال تارىخ ئىلمىنىڭ ئۇقۇمىنى يېشىش زۆرۈر. ئۇنداقتا تارىخ زادى نېمىنى تەتقىق قىلىدۇ؟ بۇ دەل تارىخ ئىلمى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ئاۋۋال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر. تارىخىي تەقرىز ئىلمىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، تارىخىي تەقرىز ئىلمى گەرچە تارىخ ئونتولوگىيىسى كاتىگورىيىسىگە كىرسىمۇ، ناۋادا تارىخ ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلارنى ئېنىق ئايرىۋالمىغاندا، تارىخىي تەقرىز ئىلمىنىڭ ئەمەلىي ئوبيېكتىنى ۋە تارىخىي تەقرىز نەزىرىيىسىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنى بىلىش تەسكە توختايدۇ.

ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، تارىخ ئىلمىنىڭ ئۇقۇمى دائىرىسىمۇ ئوخشاشمايدۇ. كەڭ مەنىدىكى تارىخ ئىلمى، كىشىلەر ئېڭىنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتە ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىيات جەريانىنى،شۇنداقلا تارىخشۇناسلارنىڭ بۇ خىل جەرياننىڭ قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىپ يەكۈنلىگەن مەنىۋىي بايلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تار مەنىدىكى تارىخ ئىلمى بولسا،  بىر خىل مەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بولۇپمۇ ياراتقان ئىدىيىۋىي مورفولوگىيىگە مەنسۇپ بولغان نەرسىلەرنىڭ بىرلىكى. يەنى خاراكتېرىگە قاراپ ئېيتقاندا، تارىخشۇناسلارنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسى ۋە چىقىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ چىقىرىلغان كۆز-قاراشلارنىڭ ئوخشىماسلىقىدۇر.

ماركىسىزىملىق تارىخ پېنى شەكىللىنىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر ئاساسەن كەڭ مەنىدىكى تارىخ ئۇقۇمى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تارىخ ئىلمىغا چۈشەنچە بېرەتتى. شۇنداقلا تارىخشۇناسلىق بىلەن تارىخ ئىككىسىنى بىر ئۇقۇم دەپ چۈشۈنەتتى. ئىنىگلىزتىلىدىمۇ تارىخشۇناسلىق بىلەن تارىخ دېگەن ئىككى ئۇقۇم ئوخشاشلا Historyدەپ ئاتىلاتتى، ئەمەلىيەتتە تارىخشۇناسلىق بولسا، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى تەتقىق قىلىشنى كۆرسەتسە، تارىخ پەقەت ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئاددىي چۈشەندۈرۈشتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىخشۇناسلىق بىلەن تارىخ ئىككى ئۇقۇمنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ئوخشاشمايدۇ.

  يۇقىرىدىكى تارىخ ئىلمىنىڭ ئېنىقلىمىلىرى، گەرچە يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن شەخسلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما لوگىكىلىق تەرتىپ ۋە كىشىلەرنىڭ تونۇشىدىكى ئىدىيە تارىخى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.

تارىخ ئىلمى بولسا بىر خىل پەن. ئۇنىڭ پەننىي ئاساسلىرى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېىكتى ئوبىكتىپلىققا ۋە ھەقىقىيلىككە ئىگە. تارىخ پېنىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى بولسا، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر، دۆلەتتىكى تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي ھادىسە ۋە تارىخىي شەخسلەر ھەمدە ئۇلار ھاسىل ئېلىپ بارغان تارىخىي ھەرىكەت پائالىيەتلىرى ۋە جەريانىدۇر.  يەنە بىرى ، تارىخ پېنىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، دۇنيادىكى مىللەتلەرنى، دۆلەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئالاھىدە قانۇنىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى ئېچىپ بېرىشتۇر.

يۇقىرىقىدەك مۇكەممەل ئىلىم فورماتسىيىسى بولالايدىغان تارىخ پەنلىرىدىن بۈگۈنگە قەدەر پەقەت ماركىسىزىملىق تارىخ پېنى بار بولۇپ، ماركىسىزىملىق تارىخ پېنىنىڭ شەكىللىنىشى، ماركىسىزىمنىڭ ماتىرىيالىزىملىق تارىخ قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولىدۇ. بۇ خىل تارىخىي قاراش تارىخ پېنىنى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى باشقا تارىخ ئىلىملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدى. جۇڭگو تارىخ پېنىنىڭ ئىلمىيلىكى، بىر تۈرلۈك پەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن باشقا، ئەڭ ئاساسلىق دەلىلى، ئۇ ماركىسىزىملىق تارىخ پېنى كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ماركىسىزىملىق تارىخ پېنىنىڭ ئىلمىيلىكى دەل جۇڭگو تارىخ پېنىنىڭ ئىلمىيلىكىنى بەلگىلىگەن.

تارىخ پېنى ئىلمىيلىك ۋە چىنلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، ئىچكى ياكى تاشقى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، خاسلىققا، ئۇنىۋېرساللىققا، ھەقىقىيلىككە، ئابىستىراكىتلىققا ۋە سەنئەتلىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان پەنلەرنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ پەلسەپە ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. تارىخ پېنى تەرەققىيات تارىخىدا نۇرغۇن سىياسىي خاراكتېرلىك زور ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، سىياسىينىڭ ئىچىدىكى مەدەنىي مىراسلارنى توپلاش ئاساس قىلىنغان ئۇنىۋېرسال پائالىيەتكە، كۆز-قاراشقا ئايلاندى. تارىخ پېنى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگۈچە بولغان جەرياندا، ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن بارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە تەرەققىيات ھالقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش تۇرۇشىدىكى بولمىسا بولمايدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىللار قاتارىغا قويدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 285 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01