قىرغىزلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     قىرغىزلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى نوپۇسى 3مىلىيۇن434مىڭ بولۇپ قىرغىزىستان ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ65% نى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيەدە31مىڭ ، قازاقىستاندا 14مىڭ، تاجىكىستاندا 65مىڭ، جۇڭگو شىنجاڭدا نوپۇسى 176مىڭ قىرغىز بار. قىرغىز تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسى شىمالى تىللار تۈركۈمىگە كىرىدۇ. ئەمما قىپچاق تىللىرىغا تەۋە قازاق تىلىنىڭ ، شۇنداقلا قارلۇق تىللىرىغا تەۋە ئۆزبېك-ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. سۆزلۈكلىرىدە  قىرغىزىستاندىكى قىرغىزلار سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى شىنجاڭدىكى قىرغىزلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قىرغىز يېزىقىنى قوللىنىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ئەجدادلىرى يىراق  قەدىمكى زاماندا ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىكى رۇسىيەگە قاراشلىق يېنسەي(ئانا ساي) دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان يېنىسەي قىرغىزلىرىغا يەنى ھازىرقى خاقاس جۇمھۇرىيىتىدىكى خاقاسلارغا  بېرىپ تاقىلىدۇ .
    قىرغىزلار ئاساسى گەۋدىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ، تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت . قىرغىزلار خەن ، تاڭ سۇلالىرىگە تەسلىم بولغاندىن بۇيان ، جيەن كۇن 坚昆  ، شياگاسى 黠嘎斯 ، جىرجىس 吉尔吉斯  دىگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى . بۇلار قىرغىز دىگەن نامنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ھەر خىل تەرجىمىسى . قىرغىزلار خېلى بۇرۇنلا  مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ، قىرغىز دىگەن نام قىر ئوغۇز دىگەن نامدىن تۈرلىنىپ كەلگەن دەيدىغان قاراش بار. قىرغىزلار بۇنىڭدىن 2000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى خەنزۇچە تارىخ ماتىرىياللىرىدا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان تارىخنامە دە ، گېكۇن دەپ ئاتالغان . ئۇ چاغدا ھازىرقى سىبىرىيىدىكى يىنسەي دەرياسىنىڭ بېشىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .  كېيىنكى چاغلاردا ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، بىر قىسمى تىيانشان رايونىغا كۆچۈپ ، شاگاس دەپ ئاتالغان . تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ، تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى شاگاس رايونىدا قىرغىز تۇتۇق مەھكىمىسى قۇرغان . IX  ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن X ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە شاگاس خانلىقى گۈللەنگەن . X ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن XVII ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغچە قىرغىزلارنىڭ شەرقىي قىسىم قەبىلىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراخانىيلار سۇلالىسى ، لياۋ ، غەربىي لياۋ سۇلالىلىرى ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ، شۇنىڭدەك چاغاتايلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد خانلىرىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان . چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ، قىرغىزلار جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ ئاتىشى بويىچە بۇيرۇت دەپ ئاتالغان . بۇ  تاغ ئاھالىسى  دىگەن مەنىنى  بىلدۈرىدۇ . بۇ چاغدا قىرغىزلار شەرق قىرغىزلىرى، غەرب قىرغىزلىرى دېگەن ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن . شەرقىي قىسىمدىكىلىرى تىيانشاننىڭ شىمالىدا ، غەربىي قىسىمدىكىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبىدا تۇرغان . شۇ چاغدا ئۇلار جەمىئىي 20 قەبىلە ئىدى .
     قىرغىز تىلى ئالتاي تىلى سېستىمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ قىرغىز - قىپچاق تارمىقىغا كىرىدۇ . مىلادى VII - VIII ئەسىرلەردە ئۇلار ئورخۇن - يېنسەي يېزىقىنى ئىشلەتكەن ،17-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەرەب ، پارس ئېلىببەلىرىنى ئاساس قىلغان چاغاتاي يېزىقىغا ئاساسلىنىپ قىرغىز يېزىقىنى ئىجاد قىلغان .
     قەدىمكى قىرغىزلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى ، قىرغىزلار مۇئەككەل سۇ ، يايلاققا قارايدۇ ، نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزگەندە پىرخۇنلارنى چاقىرىپ كېلىپ گەم سالدۇرىدۇ دىگەن گەپتىكى گەم قامان بولۇپ ، شامان سۆزىنىڭ باشقىچە تەرجىمىسى ئىدى . ئۇلار تەڭرى ، بىل دىگەنگە ئوخشاش ئىلاھلارغا چوقۇناتتى . بۆرە ، يىلپىز ، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى تۆتېم قىلىپ ئۇلۇغلايتتى . ئوچاقنى ، ئۇرۇق - ئەۋلادلارنى قوغدايدىغان ئىلاھ -- ئوماينى ئۇلۇغلايتتى . قىرغىزلارنىڭ ئەپسانىۋى رىۋايەتلىرىدە تەڭرى ئالەمنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق پەرۋەردىگارى ، ئۇ ئاۋۋال قۇياشنى ياراتقان ، ئاندىن ئاي ، يۇلتۇز ، زېمىن ، سۇ ، تاغ ، دەل - دەرەخ ۋە ئىنسانلارنى ياراتقان دىگەن گەپ بار . ئۇلار ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرىدە تەڭرى زېمىننى ياراتقاندىن كېيىن ، ئاسماندىن قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەن ، كەلكۈن سۇ لاي - لاتقىلارنى ئېقىتىپ ، سىبىرىيىدىكى قاراتاش دىگەن تاغدىكى بىر غارغا تاشلىغان ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، غاردىكى توپا ئېغىر بوي ئايالدەك قورساق كۆتۈرۈپ توققۇز ئايدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي بوۋىسى ئاي ئاتا ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي مومىسى ئايۋا تۇغۇلغان ، ئىنسانلار ئەنە شۇ ئاي ئاتا بىلەن ئايۋادىن كۆپەيگەن ~ دېيىلىدۇ . X ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەبلەردىن ھىسار يازغان ساياھەتنامە دە قىرغىزلار مۇنداق تونۇشتۇرۇلغان :  ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئادەتلىرى ، قانۇن - مىزانلىرى ، ئىدىئولوگىيىسى ، يېزىقى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بار . ئۇلار چىراغنى ئۆزى ئۆچۈپ قالمىغۇچە ئۆچۈرمەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس نەزمىلىرى بار . ئۇلار خۇشپۇراق نەرسىنى ئالدىغا قويۇپ ئۇلۇغلايدۇ ، ئۇنىڭغا قاراپ دۇئا قىلىدۇ . ئۇلار بىر يىلدا بىرنەچچە قېتىم ھېيت قىلىدۇ . كۆك تەڭرىگە سېغىنىدۇ ، جەنۇب تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلىدۇ . ۋېنىرا ، ساتورىنلارغا چوقۇنىدۇ ، مارىسنى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس دەپ چۈشىنىدۇ  قىرغىزلارنىڭ قىسقىچە تارىخى دىن  . بۇ خاتىرىدە قەدىمكى قىرغىزلارنىڭ ئوتقا ، ئاسمانغا ، يۇلتۇزغا چوقۇنىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ ، ئۇلار ئارىسىدا زوروئاستېر دىنىنىڭ ئاز تولا تارقالغانلىقى ئېچىپ بېرىلگەن . قىرغىزلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ئىبادەتخانىلارغا ئاساسەن ئوخشايتتى ، ئەمما شامان دىنى يەنىلا قەدىمكى قىرغىزلارنىڭ ئاساسىي دىنى ئىدى . بۇ دىن ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسىدە ئۇزاق زامان ساقلانغان . شامان دىنىغا بولغان ئېتىقاد قىرغىزلارنىڭ شامان پىرىخۇنلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىدىمۇ ئىپادىلەنگەن . يادا تاش ئەپسۇنىنىڭ كارامىتى توغرىسىدىكى گەپلەر قىرغىزلار ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردە ۋە بەزى يازما يادىكارلىقلاردا ئۇچرايدۇ .
    قىرغىزلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىنمۇ شامان دىنىنىڭ بەزى ئادەتلىرىنى تاشلىمىغان . ئۇلار قائىدە بويىچە تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىدۇ . مۇسۇلمانلارنىڭ تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىپ ، قەمەرىيە بويىچە روزا تۇتىدۇ . قوي - كالىلىرىنى قار سۈيىدە سۇغىرىدۇ ، قار ياغمىسا ، موللا تەكلىپ قىلىپ ئەپسۇن ئوقۇتىدۇ . موللا بىر تاشپاقا ، بىر تىرىك پاقىنى شوينىغا باغلاپ ، قۇدۇققا ساڭگىلىتىپ ئەپسۇن ئوقۇيدۇ . تاشپاقىنىڭ دۈمبىسى سۇغا چىلاشقان ھامان قار ياغىدۇ دەپ قارايدۇ . بۇ يادا دېيىلىدۇ . ئۇلار ئاغرىپ قالسىمۇ موللىغا دۇئا ئوقۇتىدۇ . دۇئا ئوقۇشتىن ئىلگىرى قوي سويىدۇ ، داپ چېلىپ پېرە ئوينىتىدۇ ، جىن - ئالۋاستى قوي بىلەن بىللە يوقالدى ~ دەيدۇ . نى جىنشۇ  شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ، غەربىي شىمالنىڭ مىللەت ، دىن تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللاردىن ئۈزۈندىلەر"  ناملىق ماقالىنىڭ شىنجاڭ قىسمىدىن ئېلىنغان 
      قىرغىزلار ھىجىرىيە كالىندارىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە ، قەدىمكى شاگاسلارنىڭ يىلنى 12 مۆچەل بويىچە ھېسابلايدىغان كالىندارىنى ساقلاپ قالغان . قىرغىزلار چاشقان ۋە توڭگۇز يىلىدا قۇرغاقچىلىق بولىدۇ ، ئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوزۇق - تۈلۈك ، ئوت - چۆپنى كۆپ يىغىش كېرەك ؛ بىلىق يىلى بىلەن يىلان يىلىدا مولچىلىق بولىدۇ ، ئاب - ھاۋا ياىشى بولىدۇ ، ئادەممۇ ، چارۋىمۇ ئاۋۇيدۇ ؛ بارس يىلى ئوغۇل كۆپ تۇغۇلىدۇ ، دەپ قارىغان . ئۇلار يىلنى ، ھەتتا كۈننىمۇ خەيرلىك ، خەيرسىز دەپ ئايرىغان . ھەر ئاينىڭ تاق كۈنلىرى ئۆي كۆچسە بولمايدۇ ، جۈمە كۈنى سەپەرگە چىقسا بولمايدۇ ، دەپ قارىغان . ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىغا ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئادىتىگە كىرمەيدىغان خۇراپىي ئىدىيىلىرى سىڭىپ كەتكەن .
 ئىسلام دىنىنىڭ قىرغىزلار ئارىسىغا قاچان تارقالغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس . ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئارىسىغا تارقالغاندا قىرغىزلارمۇ چەتتە قالمىغان . يۈەن سۇلالىسىنىڭ شىزۇ خانى دەۋرىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سودىگەرلەر قىرغىزلار ئوتتۇرىسىدا سودا قىلغان . قىرغىزلارنىڭ مەشھۇر داستانى "ماناس" تىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ تەركىبلىرى بار .
      سەيپىنىڭ قوليازمىسى 1582 - يىلى يېزىلغان . مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى ، XVI ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنى قىرغىزلار ئاساسىي ئېتىقادىغا ئايلىنىپ بولغان .
      ئىسلام دىنىنىڭ قىرغىزلار ئارىسىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان دىنغا ئايلانغانلىقى سۇفىلارنىڭ دىن تارقاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى . 1603 - يىلى يېزىلغان زىيا ئۇلقۇلۇپ قەلب نۇرى  دا XVI ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قارا تاغلىقلارنىڭ رەھبىرى خوجا ئىسھاقنىڭ قىرغىزلار بىلەن قالماقلار ئارىسىدا ئىسلام دىنى تارقىتىپ ، 18 بۇتخانىنى بۇزدۇرۇۋەتكەنلىكى ھەم نۇرغۇن قىرغىزلارنى مۇسۇلمان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان .
      تەۋەرىخ خەمسەئى شەرقى دە خاتىرلەنگەن بىر چۆچەكتە مۇنداق دېيىلگەن : ئېغىزدىكى رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا ، قىرغىزلار مەنسۇر ھەللەجىغا قاراشلىق خەلق . بۇنداق دىگۈچىلەر مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ : ھەزرىتى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاجى دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ ئەۋلىيا بولۇپ ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى تەپسىر ۋە تارىخ كىتابلىرىدا مەشھۇر . بۇ زات دارغا تارتىلغاندىن كېيىن ، مۇبارەك جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى سورىغاندا ، دەرياغا چۈشۈپ كۆپۈككە ئايلانغانمىش . بۇ كۆپۈك سۇ يۈزىدە لەيلەپ ، بىر ئېرىق بىلەن باغقا كىرگەنمىش . بۇ باغ بىر پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ بېغى بولۇپ ، مەلىكە قىرىق كېنىزەك ۋە خىزمەتكار بىلەن شۇ يەردە تۇرىدىكەن . كېنىزەكلەردىن بىرى سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكنى كۆرۈپ ، بارمىقى بىلەن ئاغزىغا ئالغاندا ، شېكەردىنمۇ تاتلىق تېتىپ كېتىپتۇ .  ئۇ يېنىدىكى بىر قىزغا ئېيتقاندا ، قىزلار بىلەن مەلىكە بىر تېمىمدىن ئېلىپ تېتىپ كۆرگەنىكەن ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ھەممىسى ئېغىر بوي بولۇپ قاپتۇ . خان بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ، بىر - بىرلەپ سوراپتۇ ، مەلىكە بولغان ئىشنى ئەينەن دەپ بېرىپتۇ . خان ھەيران بوپتۇ . ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتسەم ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەېپى يالغان بولسا ، ئۆز گۇناھى ئۆزىگە بولار ، ئەگەر راست بولسا ، ئۇلارنىڭ بىگۇناھ جىنىغا زامىن بولمايمەنمۇ ... دىگەن ئويغا كېلىپ ، ئاخىر بۇ بىچارىلەرنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقارغۇزىۋېتىپتۇ . ئۇلار تاغقا بېرىپ ئورۇنلۇشۇپ ، شۇ يەردە تۇغۇپ ، ئۆز ئەۋلادلىرىنى چوڭ قىلىپ ، تاغ ئىچىدە ياشاپتۇ . كېيىن بۇ قىرىق قىزنىڭ ئەۋلادى قىرغىز  قىرىق قىز دەپ ئاتىلىپتۇ .  قۇربان ئەلى ۋالىدھاجى خالىدبېك تەۋارىخ خەمسەئى شەرقى دىن
      قىرغىزلار قىرىق قىرىق قىزدىن كېلىپ چىققان ، دىگەن گەپ ئۇلارنىڭ ئەپسانىۋى تارىخىي ھېكايىلىرىدىكى قەدىمكى رىۋايەت . يۈەن سۇلالىسى تارىخى ۋە ماناس داستانىدىمۇ بۇ ھەقتە خاتىرە بار . لېكىن گەپلىرى ئوخشىمايدۇ . تەۋارىخى شەمسەئىي شەرقى دە بۇ گەپ سۇفىزمنىڭ مەشھۇر ئەۋلىياسى مەنسۇر ھەللاجىغا باغلانغان ، قويۇق ئىسلام تەسەۋۋۇپچىلىقى تۈسىنى ئالغان .
      ئىسلام دىنىنىڭ مەزھەپ تەۋەلىكى جەھەتتە ، قىرغىزلارنىڭ پامىر تەرەپتىكى ئاز قىسمى شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيە گۇرۇھىغا ئېتىقاد قىلىدۇ تاجىكلارنىڭ ئېتىقادىغا ئوخشاش ، كۆپچىلىكى ئەنتىقىچى سۈننىي مەزھىپىگە تەئەللۇق . قىرغىزلارمۇ قازاقلارغا ئوخشاش كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرىدۇ . 
  شەھەردە ئولتۇراقلاشقانلىرىدىن باشقا قىرغىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يازدا كىگىز ئۆيلەردە ،قىشتا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.گۆش -ماي ، سۈت -قايماقنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ .قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى ئىنتايىن نەپىس، ئەرلىرى كىگىز قالپاق، كانۋاي كۆينەك كىيىدۇ .ئاياللىرى كۈمۈش تۈگمىلىك پەلتونى ياخشى كۆرىدۇ. بېشىغا ئاق رومال  ئارتىدۇ. قىرغىزلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. مېھماننى ئەتىۋارلايدۇ. 12 مۆچەلنى قوللىنىدۇ. ھېيىت -بايراملاردا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. قىرغىزلار ناخشا -ئۇسسۇلغا ۋە قوشاق -بېيىتكە ئۇستا. «ماناس»، «بىك بىكە»، «قۇرمانبېك»، «جڭىل مىرزا» قاتارلىق مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بار بولۇپ بۇ ئىپىك داستانلىرىدا خەلىق قەخرىمانلىرىنىڭ باتۇرلىقى تەسۋېرلىنىدۇ.


مەنبە : ھاجى نۇرھاجى ، چېن گوگۇاڭ قاتارلىقلار يازغان، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان شىنجاڭ ئىسلام تارىخى دىن ئېلىندى .  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 829 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01