سوتسىئولوگىيە=社会学=Sociology

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


سوتسىئولوگىيە=社会学=Sociology


سوتسولوگىيەسۆزى لاتىنچە جەمىيەت(توپلۇم) مەنىسىدىكى سوسىۇس بىلەن يۇنانچە بىلىم مەنىسىدىكى لوگوس سۆزىنىڭ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدا غەلىتە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولۇپ ئومۇملاشقان بىر ئاتالغۇ. بۇ ئاتالغۇ بىزنىڭ تىلىمىزدا دەسلەپ ئىجتىمايەت ۋە ئىلمى ئىجتىما كىين توپلۇمبىلىمى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ سوتسولوگىيە ئاتالغۇسى تېخىمۇ كەڭ قوللىنىۋاتىدۇ.

جەمىيەتنىڭ ۋە ئۇنىڭدا كۆرۇلگەن ئىجتىمايى ھادىسىلەرنىڭ ئىلىم نۇقتىسىدا تەتقىق قىلىنىشى دەپ قارىلىدىغان سوتسولوگىيە يېڭى بىر ئىلىم بولۇپ،ئۇنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۇرتكە بولغان مۇنبەت تۇپراق 18ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ھازىرلاندى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سوتسولوگىيە مۇستەقىل بىر ئىلىم بولۇش ھۇۋىيەتىگە ئىگە بولدى.

ھەقىقەتەنمۇ ھازىر مەۋجۇت بولغان پۇتۇن پەنلەر دەسلەپتە پەلسەپەنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى. كىيىنچە ھەممە پەنلەر تەدرىجى ھالدا پەلسەپەدىن ئايرىلىپ چىقىپ،ئۆز ئالدىغا بولدى. دەسلەپتە فىزىكا،ئاستىرىنومىيە،بىيولوگىيە،ۋە تېبابەت پېلسەپەدىن ئايرىلدى. پىفاگور زامانىدا ماتىماتىكا پەلسەپەنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئەپلاتون دەۋرىگە كەلگەندە ماتىماتىكا پەلسەپەدىن ئايرىلدى. ۋاقىت زامانىمىزغا يېقىنلاشقانسىرى بۇ خىل ئايرىلىش تېخىمۇ تېزلەشتى. ناھايىتى تېزلا تارىخ، ئىقتىساد، سەنئەت ۋە باشقا ئىلىملەرنىڭ مۇستەقىل ئورۇن ئېلىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سوتسىئولوگىيەنى مەيدانغا كەلتۇردى. ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇشىنى بۇ پەن تەتقىق قىلىدىغان تىمىنىڭ مۇرەككەپلىگىدىن كۆرمەيمۇ بولمايدۇ .

سوتسولوگىيە مۇەييەن زامان ۋە ماكاندىكى جەمىيەتنى ۋە ئىجتىمايى چىنلىقنى خارەكتىرلەيدىغان،سېلىشتۇرىدىغان،چۇشەندۇرىدىغان بىر ئىلىم. شۇنداق بولغان ئىكەن تەبىىكى ئۇنىڭئجتىمايەت توغرىسىدىكى بىر ئىلىم ئىكەنلىكى،بۇنىڭدا جەمىيەت ئۇقۇمىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىغى ئۆ-ئۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا جەمىيەت دىگەن نىمە؟

ئىنسانلار جەمىيەت ياكى جامائەت ھالىتىدە ياشايدۇ. شۇڭا 14-ئەسىردە ئۆتكەن بۇيۇك ئىسلام ئالىمى ئىبن خالدۇن ئىنسانلارنىڭ جەمىيىتى ياكى جاماىتى زەرۇرىدۇردەيدۇ. يۇزەكى قارىماققا بىر جەمىيەت بىرمۇنچە ئىنسانلارنىڭ توپىدەك كۆرىنىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئۇنىڭ ئادەمنى يېڭىلىشتۇرىدىغان بىر چۇمپەردىسىدۇر. چۇنكى ئىجتىمايى ھايات ئىنسان بارلىقلىرىنىڭ مۇەييەن بىر مەقسەت رىشتىسىگە چىگىلىپ،ۇيۇشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. مەقسەت رېشتىلىرىگە چىگىلمەيلا توپلىنىپ قالغان ئىنسانلار جەمىيەت سالاھىتىگە ئاساسەن ئېرىشىپ بولالمايدۇ. شۇڭا جەمىيەت چەكسىز كەتكەن مۇناسىۋېتلەرباغلانتىسى ھىساپلىنىدۇ. ىېر جەمىيەتنىڭ بىر ئۇسلۇبى،سىياقى،ئەن-ئەنىسى ۋە ئۆرپى،ئۇيۇشۇشلىرىدا بولىدىغان يوسۇن قائىدىلىرى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھەر جەمىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىسى شەخىسلەردىن باشلىنىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 415 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01