خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش工学-سانائەت ئىلمى
سانائەت ئىلمى ئاساسلىق قۇرۇلۇش پەنلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، ئېنىرگىيە مەنبەسى، توك ۋە ھاۋا ئۇچۇرلىرى، قاتناش ترانسىپورتى،دېڭىز قۇرۇلۇشى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، ئاۋىئاتسىيە، كۈچ ئىلمى، بىئولوگىيە قۇرۇلۇش ئىلمى، يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىك تېخنىكىسى، ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشى، كان، ماتېرىيال، يېمەكلىك، سۇ ئىشلىرى، مۇھىت ۋە بىخەتەرلىك، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا ياساش قاتارلىق ھەر خىل كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سانائەت ئىلمى ئىنچىكە ئۈسكۈنە-ئەسۋابلارنى لاھىيەلەش ۋە ئۆلچەش، كونتىرول قىلىش قاتارلىق جەھەتتىكى ئاساسىي بىلملەرنى، نەزەرىيە ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش، دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئىقتىسادىي تارماقلىرىدىكى ئۆلچەش ۋە كونتىرول قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تېخنىكىلىق شەرتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان ئىلىم تۈرلىرىنىڭ بىرى.
بۇ كەسىپتە تەربىيىلەنگەنلەر نازۇك ئەسۋابلارنىڭ نۇر ئىلمى، ماشىنا ۋە ئېلىكتىرون ئىلمىنىڭ ئاساسىي نەزىرىيىلىرى، ئۆلچەش ۋە كونتىرول قىلىش نەزىرىيىسى قاتارلىق ئىلىملەر بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇپ، ھازىرقى زامان ئۆلچەش-كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى بىلەن قۇراللىنىپ، كەسىپكە دائىر قۇراللارنى ئىشلىتەلەيدىغان ۋە سانائەت ساھەسىدىكى بوشلۇقلارنى ئاچالايدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە ھازىرلىيالايدۇ.
سانائەت كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر تۆۋەندىكىدەك كەسپىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە نامايان قىلالايدۇ:
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>