تەبىئىي پەن

تەبىئىي پەن- ئىجتىمائىي پەن دېگەن ئۇقۇمغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسەت، ئىقتىساد، تارىخ، ئەدەبىيات دېگەندەك جەمئىيەت پەنلىرىگە قارشى ھالدا ماددا ۋە ئوبىكتىپ تەبىئىي جىسىم ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئومۇمىسىنى، جۈملىدىن فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئىي پەن جۇڭگودا ئىككى خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەم قەدىمكى زامان تەبىئىي پېنى ئۇقۇمىنى ھەم ھازىرقى زامان تەبىئىي پېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى زامان تەبىئىي پېنى سۇڭ سۇلالىسىدىن كېيىنكى كۇڭزى تەلىماتى يەنى تەرىقەت ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ، جىيايۈ تىنچلىق يىللىرىدا تەبىئىي پەن ناھايىتى زور يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆز ئالدىغا تۆت چوڭ مەزھەپنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ھازىرقى زامان ئىلمىدە بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان تەبىئىي پەن ئۇقۇمى تەبىئىي ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەننى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئاستىرونومىيە، ئارخىئولوگىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئىي پەنلەر قاتارىغا كىرىدۇ. تەبئىي پەننىڭ تەتقىقات مەزمۇنى :ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تەبىئىي پەن تەتقىق قىلىدىغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 1. ئونتولوگىيە مەسىلىسى، يەنى دۇنيانىڭ ئەسلى مەنبەسى مەسىلىسى، گەرچە تەبىئىي پەنچىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پىكرى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەممىسى ئادىمىي ئىلاھ ۋە باقىي دۇنيانىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. 2. سۇبىكتىپ ئاڭ مەسىلىسىنى، يەنى ئادىمىيلىكنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە قەلب، خاراكتېر، ھېسيات قاتارلىق ئامىللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. 3. بىلىش نەزىرىيىسى، يەنى تونۇشنىڭ مەنبەسى ۋە بىلىش ئۇسۇلى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. 4. تەبىئىي پەن مەزھەپلىرى ناھايىتى كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، سۇڭ سۇلالىسىدىكى جۇگويىنىڭ ليەن تەلىماتى، شياۋيوڭنىڭ شەكىللىك ماتېماتىكا، جاڭ زەينىڭ مۇناسىۋەت تەلىماتى، سىماگۇاڭنىڭ شىمال نەزىرىيىسى قاتارلىقلار ھەممىسى تەبىئىي پەن مەزھەپلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە تۈرلەردۇر. 
تەبىئىي پەن پومشىچىكلار سىنىپىنىڭ يېڭى ئىدىيىۋىي نەزىرىيە سىستېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغانىدى. بولۇپمۇ ئۇ خىيالپەرەسلىك پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىدا، شەك-شۈبھىسىزكى تارىختىكى چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە، چاۋشىيەننىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىمۇ تەبىئىي پەن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ فېئوداللىق ئەدەپ-ئەخلاقنى كۈچەيتىش، دىنىي قانۇنلارنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە، فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پاسسىپ رول ئويناپ قالغانىدى.
تەبىئىي پەن جۇڭگونىڭ ئىدىيە تارىخىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇشىدىكى ئەدەبىيات، سانائەت، پىداگوگىكا، تارىخ ئىلمى قاتارلىقلار بىلەن بىر ئورۇندا تۇرالايدىغان ئەڭ مۇھىم بولغان پەن تۈرى بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇش سىستېمىسىدىكى غوللۇق پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەندى. تەبىئىي پەننىڭ تەتقىقات دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، تولۇق كۇرس كەسىپلىرىدىن، ماتېماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا، ئۇچۇر ۋە كومپيۇتېر ئىلمى، فىزىكا، قوللىنىشچان فىزىكا، خىمىيە، قوللىنىشچان خىمىيە، بىئولوگىيە ئىلمى، بىئولوگىيە تېخنىكىسى، ئاستىرونومىيە ئىلمى، ئالەم خىمىيىسى، جۇغراپىيە ئىلمى، مۇھىت ۋە بايلىق ئىلمى، شەھەر-يېزىلارنى پىلانلاش، جۇغراپىيە ئۇچۇر سىستېمىسى، ئالەم فىزىكىسى، ئاتموسفىرا ئىلمى، دېڭىز ئىلمى، نۇر ئىلمى، قوللىنىشچان كۈچ ئىلمى، ماتېرىيال فىزىكىسى، ماتېرىيال خىمىيىسى، مۇھىت ئىلمى، ئېكولوگىيە ئىلمى، قوللىنىشچان پىسخىكا ئىلمى، سىتاتىستىكا ئىلمى قاتارلىق كەسىپلەر بار.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 525 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-06