فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندى ئوكيان

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندى ئوكيان

   توغرا فرانسىيەنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان جەنۇبى ھىندى ئوكياندا، شەرقى تېنچ ئوكياندىكى مېكسىكىغا يېقىن جايلاردا مۇستەملىكە زىمىنى بار، بىراق بۇ جايلاردا ساياھەتچى ۋە ئارمىيەدىن باشقا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالە بولمىغاچقا ، شىمالى كارىپ دېڭىزىدىكى ھايتىغا يېقىن جايدىكى ئانتىل تاقىم ئاراللىرىغا مەنسۇپ بولغان ئاراللار مەمۇرى جەھەتتىن مۇستەقىل رايون ئەمەس بەلكى گۇادېلوپ ۋە مارتىنىكۇېنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا ئايرىم توختالمىغان ئىدىم.

 

   بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان فرانسىيىگە قاراشلىق تېنچ ئوكيان كىرگۇلىن ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاقىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فرانسىيە تەرىپىدىن تاشقى ئۆلكە قاتارىدا سانىلىدىغان، ئاۋسترالىيەدىن ئافرىقىغا بارىدىغان دېڭىز يولى ئوتتۇرسىدىكى زىمىننى كۆرسىتىدۇ. 
   كىرگۇلىن ئارىلى قۇرۇقلۇق كۆلىمى 7829 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان، فرانسىيە پرېزدىنتىغا بىۋاستە قاراشلىق جەنۇبى ھىندى ئوكيان ئالاھىدە رايونىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، شەرقى مېرىدىيان 69 بىلەن جەنۇبى كەڭلىك 49گىرادۇسنىڭ كېسىشكەن جايىغا توغرا كېلىدۇ. ئارالنىڭ كۆلىمى 5700كۋادىرات كىلومېتىر، تۆت ئەتراپى پايانسىز دېڭىز بولۇپ، يىىلىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 4سېلسىيە ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە بوران كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا 1772-يىلى فرانسىيىلىك ئىكىسپىدىتسىيىچى كىرگۇلىن تەرىپىدىن بايقالغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان، ئارالنىڭ تەبىئى مۇھىتى ياخشى ساقلانغاچقا تەخمىنەن مىليۇندىن كۆپ پىنگىۋىن ۋە تىيۇلىن ئارالدا ياشىايدۇ. يېقىنقى نەچچە يىلدا كىرگۇلىن ئارىلىدا كۆمۈر ۋە ئاز مىقداردا باشقا كان بايلىقلىرى بايقالغان بولسىمۇ لېكىن كىرگۇلىن ئارىلىدا ساياھەتچى ، تەتقىقاتچى ئارمىيىدىن باشقا ئاھالە يوق.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 728 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01