فرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     ئىسلام دىنى مىلادى 8-ئەسىردىلا ئەرەبلەرنىڭ فرانسىيىنىڭ جەنۇبى دېڭىز قىرغىقىنى بويسۇندۇرۇشىغا ئەگىشىپ تارقالغان بولۇپ 15-ئەسىردىن كېيىن ياۋروپانىڭ باش كۆتۈرۈشى ،كاتولىك دىنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجى فىرانسىيىدىن سىقىپ چىقىرىلغان. ھازىرقى فرانسىيە مۇسۇلمانلىرى ئاساسەن فرانسىيە 19-ئەسىردىن كېيىن مۇستەملىكە قىلغان سۈرىيە، لىۋان، ئالجىرىيە، ماراكەش، ماۋرتانىيە، جىبۇتى قاتارلىق ئەرەب ئەللىرى ۋە غەربىي ئافرىقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئەسكەر بولۇش، ئىش ئىزدەش، سودا قىلىش سەۋەبى بىلەن كۆچۈپ بارغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، فىرانسىيە 1905-يىلىلا ياۋروپادا ئەڭ ئالدى بىلەن قانۇن ئارقىلىق سىياسەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىپ،«بارلىق دىنلار قانۇن ئالدىدا باراۋەر، دۆلەت شەخسلەرنىڭ دىنى ئېتىقادىغا ئارىلاشمايدۇ» دەپ بەلگىلىگەن دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيە مۇستەملىكىلىرى ئاساسەن ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇپ، فرانسىيە بىلەن بېرىش كېلىش قىلىشى قولايلىق بولغاچقا مۇسۇلمانلار سانى 1875-يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا غەربى ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. 1926-يىلى پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پارىژ چوڭ مەسجىدى ھازىر فرانسىيە مۇسۇلمانلار جەمىيىتىنىڭ باش شىتابى بولۇپ پۈتكۈل فرانسىيىدىكى مەسجىد ۋە دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە. 
    1968-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى(International Muslim Union) نىڭ باش شىتابى پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ مۇسۇلمانلار جەمىيىتىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بۇ بىرلەشمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن فرانسىيە مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن تەتقىقات مەركىزىدە مەخسۇس ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان ئۈچ ئورگان تەسىس قىلىنىپ، ئەرەپ ۋە فرانسۇز تىلىدا ئىسلام تارىخى ۋە ئىسلام شەرىئىتىگە ئائىت كىتاپ - ژورناللار نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلماقتا.
    فرانسىيىدىكى مۇسۇلمانلار ئاساسەن پارىژ، مارسېل، لىئون، دراگىنىون قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە ۋە فرانسىيىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى سانائەت رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ 2006-يىلدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا فرانسىيىدە ئۈچ مىلىيۇن ئەرەپ، 1مىلىيۇن بەربەر، 250مىڭ ۋولوف باشقا قارا تەنلىك، 220مىڭ تۈرك، 100مىڭ مۇسۇلمان سىگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 مىليون 110مىڭ مۇسۇلمان بار، بۇلار فرانسىيە ئۇمۇمىي نوپۇسنىڭ %10تىنى ئىگەللەيدۇ. نۆۋەتتە فرانسىيە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن تەدبىر قوللىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى ۋە فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىشىنى تىزگىنلىمەكتە.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1653 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01