哲学- پەلسەپە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

  哲学- پەلسەپە

  پەلسەپە بولسا نەزىرىيىلەشكەن، سېستىمىلاشقان دۇنيا قاراش ۋە تەبىئىي ئىلىم، ئىجتىمائىي ئىلىم ۋە تەپەككۇر ئىلمىنىڭ يىغنچاقلىنىشى شۇنداقلا خۇلاسىسى بولۇپ، دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى، ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ كونكىرت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، دۇنيانىڭ ئەسلى مەنبەسىنى، ماھىيىتىنى، ئورتاقلىقىنى ياكى مۇتلەقلىكىنى شۇنداقلا ئاخىرقى چېكىنى  قوغلىشىشنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ، پەلسەپىۋىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە تىكلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىجتىمائىي پەندۇر.

پەلسەپە دۇنيا قاراشقا دائىر نەزىرىيە بولۇپ، تەبىئىي ئىلىم ۋە ئىجتىمائىي ئىلىملارنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ۋە خۇلاسىلىنىشىدۇر. پەلسەپىدە نېگىزلىك مەسىلە بولسا، تەپەككۇر ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ماددا بىلەن ئاڭغا دائىر مەسىلىلەر بىلەن بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەر بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان قارىمۇ-قارشى ئىككى خىل قاراش شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئىدىئالىزىملىق پەلسەپە بىلەن ماتېرىيالىزىملىق پەلسەپىدۇر.

  ماركىس بىلەن ئىنىگلىس تەنقىدىي ھالدا ئۆتمۈشتىكى پەلسەپىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تەبىئىي پەننىڭ نەتىجىلىرى بىلەن پرولتارىيات كۈرىشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىللە يەنە ماركىسىزىملىق پەلسەپە، يەنى دېئالىكتىكىلىق ماتېرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزىملىق پەلسەپىنى تىكلىدى.

  پەلسەپە بولسا ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىنى بىۋاستە ئوبيېكىت قىلغان ئىدىيىۋىي تونۇش پائالىيىتى بولۇپ، دۇنيادىكى ئونمىڭلىغان ماددىلار ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىدىيىۋىي پائالىيىتىنى قوزغىتالايدىغان مەنبەلەرنى بايقاپ، دائىرە بەلگىلەپ، ئادەملەرنى مەنبەلىك ماددىلار ۋە مەنبەسىز ماددىلار ھەققىدە  تۈرلۈك بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىۋىي تونۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەملەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئاساسىي ماددىلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە، مەنبەلىك ماددىغا تەۋە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىۋىي تونۇش پائالىيىتى ياكى مەنبەلىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنىڭ بىرى. ئىدىيىۋىي تونۇش پائالىيىتى بولسا پەلسەپە، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تارىخ، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات تۈرىدىكى ماددىلار ئورتاق ئىگە بولغان خاسلىق ياكى ئومۇمىيلىق قائىدىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىۋىي تونۇش پائالىيىتىنى ئوبيېكىت قىلغان، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىۋىي  تونۇش پائالىيىتى بولغان بۇ مەنبەلىك ماددا بىلىمنى قوغلىشىدىغان، پەلسەپە ئىگە بولغان خاسلىق ياكى قىسمەنلىككە ئىگە پەن ھېسابلىنىدۇ.

غەرب ئىلمى تارىخىدىن قارىغاندا، ئىلىم-پەن بولسا پەلسەپىنىڭ ھاسلاتى، كېيىن ئىلىم-پەن پەلسەپە بىلەن ئورتاق قاتاردىكى مۇستەقىل پەن بولۇپ شەكىللەندى. ئىلىم-پەن بولسا پەلسەپە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك، ئىلىم-پەن بىلىمنى بارلىققا كەلتۈرسە، پەلسەپە ئىدىيىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ماركىسىزىمنىڭ قارىشىچە، پەلسەپىمۇ بىر خىل ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسى. ھازىرقى غەرب پەلسەپىدە ئىلمىي پەلسەپە بار بولۇپ، ئۇ مەخسۇس ئىلىم-پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، بۇ خىل نەزىرىيە ئىلىم-پەننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىلىم-پەن ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان نەزىرىيىلەرنى خۇلاسىلەيدۇ. گەرچە بۇ ئىلىم-پەننىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بولالىسىمۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ ئىلىم-پەنگە يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ. پەلسەپە بولسا ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇل بولۇپ، ئادەمنى ئالىيجانابلاشتۇرىدىغان بىر خىل پەندۇر.

  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە <پانىي دۇنيا>،<ئۆمۈرۋايەت> ئىشلىتىلىدۇ، دېگەننى ناھايىتى ئاز ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بەزى ئادەملەر، پەلسەپىسىزمۇ ھەر قايسى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى ياكى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. پەلسەپە ھەرگىزمۇ ھەر قايسى پەنلەردىكى ئەمەلىي مىسال، ئۇقۇم ياكى تېئورىما قاتارلىقلارنىڭ كونكىرت مەزمۇنىغا ئېتىبار بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئېتىبار بېرىدىغىنى، بۇ كونكىرتنى پەنلەردىكى <ئاساسىي ساۋات> ياكى  ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنسانلار ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ئەقەللىي ئۇقۇم، ئۆلچەم،تېئورىمىلاردۇر. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە، ئۇلارنىڭ نوپوزى نېمە ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ئۇلار بۇ خىل كونكىرت پەن تەلەپ قىلغان ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىغانمۇ، ئۇلار ئىنسانلارغا قارىتا قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە،  قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە بۇ سۇئاللارنى پەلسەپىنىڭ خاسلىقىغا تەدبىقلايدۇ.

پەلسەپە ئاز ساندىكى قانۇنىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلاپ، يۈكسەلدۈرۈپ، ئابىستىراكىتلىق ئىچىدىن ماھىيەت، ئادەتتىكى ماھىيەت ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىدۇ، كونكىرت ئىلىم-پەن بولسا، تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇرنىڭ مەلۇم كونكىرت ساھەسىدىكى قانۇنىيەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  كونكىرت ئىلىم-پەن پەلسەپىنىڭ ئاساسى، ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشى پەلسەپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدۇ، پەلسەپە بولسا كونكىرت ئىلىم-پەن ئۈچۈن دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشنى تەمىن ئېتىدۇ. فىزىكا ئىلمى ماددىلار ئوبىكتىپ ھادىسىلەرنى كۈزىتىشى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، بىر خىل ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان ئەڭ ئىلغار بولغان ئۇسۇلنى ئىزدەيدۇ، ئەمما مېتافىزىكا بولسا قانۇنىيەتنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى ۋە ئەڭ ئىلغار ئۇسۇلنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىغا چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىلىمنىڭ كۆپلۈكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇلنىڭ پۈتۈنلەي بىرىككەنلىكى دەپ قارالماقتا، ئەمما تەلىماتنىڭ ئېتىبار بېرىدىغىنى بولسا بىلىمنىڭ خاسلىقىغا ئېرىشكىلى بولامدۇ-بولمامدۇ، چىگرا بەلگىلەشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ-يوق، دېگەندىن ئىبارەت. ماتېماتىكا لوگىكىلىق ئۇسۇل بىلەن سان-مىقدار، قۇرۇلما ۋە مودىلنى تەتقىق قىلىدۇ، ئەمما لوگىكا ئىلمى بولسا ئەقلىي خۇلاسىنى ئىناۋەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەقلىي خۇلاسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نوپۇز زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە مۇكەممەللىكلىكىنى قوغلىشىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق- مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسال تېئورىما ئارقىلىق، ئادەملەر توپى ياكى مەلۇم ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى يىغىنچاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ، ئېتىكا بولسا يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  سىياسەت-ھوقۇقنىڭ ئىجازەتلىك يۆتكىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما سىياسىي پەلسەپە بولسا، ھوقۇقنىڭ قانداق قىلغاندا يېتەرلىك پەيدا بولۇشى ۋە قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ. سەنئەت بولسا كىشىلەرگە گۈزەللىكنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، بۇ سېھرىي كۈچنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، ئەمما سەنئەت ئىلمى بولسا گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەھمىيىتىنى قوغلىشىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 306 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01