Cfo-باش مالىيە ھەيئىتى-首席财务官

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


Cfo-باش مالىيە ھەيئىتى-首席财务官

  Cfoبولسا ئىنىگلىزتىلىدىكى Chief Financial Officerدېگەن سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ،ئاساسەن مالىيە نازارەتچىسى ياكى  باش مالىيە ھەيئىتىنى كۆزدە تۇتىدۇ، باش مالىيە ھەيئىتى شىركەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى (مالىيە ئىشلىرى) ۋە ھاياتىي كۈچى ( نەق پۇل مەنبەسى) نى كونتىرول قىلىشتەك رولى بىلەن بۈگۈنكى دەۋردىكى شىركەتلەردە ئەڭ مۇھىم، ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە باشقۇرۇش كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بىر چوڭ كۆلەمدىكى شىركەت ئىگىلىكىدە،  باش مالىيە ھەيئىتى پۇل-مۇئامىلە بازىرى بىلەن شىركەتنىڭ باش مالىيەقۇرۇشى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئېلىپ بارىدىغان ھالقىلىق شەخستۇر، باش مالىيە ھەيئىتى ئادەتتە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا كۆپ يىل خىزمەت قىلغان، بەلگىلىك خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى مۇنەۋۋەر باش مالىيە ھەيئەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولغان ۋال-سىترېت كوچىسىدا فوند باشقۇرغۇچىلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىيالىغان كىشىلەر ئارىسىدىن تاللانغان بولىدۇ. شىركەت مالىيىسى بىلەن پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاقە باغلاش، تۈر باھاسىنى بېكىتىش، خەۋپ-خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، مەھسۇلات ئېچىش، ئىستىراتىگىيە بەلگىلەش، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تونۇش، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئېلىكتىرونلۇق سودىنىڭ شىركەتكە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باش مالىيە ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە تەۋە ئىشلار ھېسابلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز كارخانىلىرىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئىچىدە، باش مالىيە ھەيئىتى تۈزۈمى، باش بوغالتىر تۈزۈمى ۋە باش مالىيە نازارەتچىسى تۈزۈمى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، كىشىلەر دائىم  بۇ ئۈچ خىل تۈزۈمنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار مەنىداش سۆزلەردىن بولماستىن، بەلكى ھەم باغلىنىشلىق بولغان ھەم ئۆز ئالدىغا خاس ئالاھىدىلىكلىرى بولغان ئۈچ خىل تۈزۈم ۋە ئۈچ خىل ۋەزىپىدۇر. ئۇلار پەقەت ئاتالغۇ جەھەتتە پەرقلىنىپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ چىقىش تارىخى، ماھىيىتى، شىركەتتىكى ئورنى، ۋەزىپىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ پەرقلىنىدۇ.

باش مالىيە ھەيئىتى ئەڭ دەسلەپ 20 -ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئامېرىكا باشلىق غەرپ دۆلەتلىرى كارخانىلىرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، شىركەت ئىچىدىكى بەلگىلىك نوپوز ۋە نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغان، شىركەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان باشقۇرغۇچىلاردىن ھېسابلىناتتى. ئۇلار ھەم مۇدىرىيەتنىڭ قارار چىقىرىش قاتلىمىغا، ھەم دېرىكتورلارنىڭ ئىجرا قىلىش قاتلىمىغا تەۋە بولۇپ، پايچىكلار ياراتقان قىممەتنى ئاساس قىلىپ، شىركەتنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پائالىيەتلىرىگە بىۋاستە قاتنىشالايتتى. باش مالىيە ھەيئىتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىمۇ بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق،شىركەتنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پىلانلىرىنى ۋە شىركەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، كارخانا ئىستىراتىگىيىسىنى بەلگىلەشتىكى مەركىزى شەخس بولۇپ ، مەبلەغ چىقارغۇچى تەرەپكە ۋاكالىتەن سىرتقى مەبلەغنى كونتىرول قىلاتتى ھەمدە پايچىك ۋە مۇدىرىيەتكە بىۋاستە مەسئۇل بولاتتى. كېيىن ئامېرىكىدا ئىقتىسادقا دائىر پىتنە-ئېغۋالار تارقالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قانۇنلاردا باش مالىيە ھەيئىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا يۈكسەك ھوقۇققا ئىگە بولۇۋالماسلىقى، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن باش ئىجرائىيە ھەيئىتىگە دوكلات بېرىشى لازىملىقى بەلگىلەندى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن باش مالىيە ھەيئىتىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىدا ئىستىراتىگىيە بەلگىلەش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشتىكى ھالقىلىق رولىنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

  جۇڭگودا باش بوغالتىرلىق تۈزۈمى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانلىق ئىگىلىكىنى قوبۇل قىلىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ تۈزۈم گەرچە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت قالايمىقانچىلىق يىللاردا بەزىبىر تالاپەتلەرگە، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما دېڭ شىياۋپىڭ قالايمىقانلىقنى ئوڭشىغان شۇ يىللاردا باش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. 1990-يىلىغا كەلگەندە گوۋۇيۈەن <باش بوغالتىرلىق نىزاملىرى> نى ئېلان قىلىنىپ، چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا باش بوغالتىرلىق تۈزۈمى قوللىنىلىپ، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر باش بوغالتىرلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا باش بوغالتىرلار دۆلەت مەنپەئەتىگە بىۋاستە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە يەنە زاۋۇت باشلىقىىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولاتتى. بازار ئىگىلىكىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باش بوغالتىر باش دېرىكتورنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان بولدى. 1994-يىلىدىن باشلاپ، شىنجىن، شاڭخەي قاتارلىق تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردا باش مالىيە نازارەتچىسى تۈزۈمىنى تەسسىس قىلدى. 2000-7-ئاينىڭ 1-كۈنى <بوغالتىرلىق قانۇنى> يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردا چوقۇم بوغالتىر ئىشلىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ئەمەلىيەتتە،زامانىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان باش مالىيە ھەيئىتى تۈزۈمى دۆلىتىمىزدە تېخى مەيدانغا كەلگىنى يوق، ئامما ئارىسىدىمۇ ئۇ توغرۇلۇق بىرلىككە كەلگەن تونۇش تولۇق شەكىللىنىپ بولالمىدى. نەزىرىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە جۇڭگودا باش مالىيە ھەيئىتى -كارخانا مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى، باش بوغالتىر، باش مالىيە نازارەتچىسى، مالىيە بۆلۈم مەسئۇلى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك كەسىپ تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىكەن.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 252 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01